بىر كىتاب بىر ئالەم(3-سان)
تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1954-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدىكى روس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1961-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.
ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «سول» چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان.
«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا دەسلەپتە روسچە تەرجىمان، كېيىنچە تەرجىمە – ماتېرىيال بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1991-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، 1994-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. پەرھات جىلان 1966-يىلىدىن بۇيان «پۇل»، «ئالتۇن قاندىكى توي» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ن . ئا . باسكا كوۋنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرىنى، «گراف مونتې- كرىستو» ناملىق مەشھۇر روماننى، تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە ھېكايىلەرنى روسچىدىن تەرجىمە قىلغان. پەرھات جىلان ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
پەرھات جىلان «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق تارىخىي روماننىڭ مۇئەللىپى
مۇشۇكىتاب توغرىسىدىكى سۆھبەت ھوزۇرىڭلاردا بولسۇن!
ئىختىيارى يازمىلار
- چۈشنىڭ بېشارىتى
- كىتابخۇمار دوستلار ئۈچۈن خوش خەۋەر!!!
- سۈبھى تور ژۇرنىلى 1-سان، كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
- ياپونلۇقلارنىڭ سالاملىشىش ئۇسۇلى
- ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىن تورداشلارغا سالام!!!
- بىر كىتاب بىر ئالەم(باھادىرنامە توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىم)
- مېنىڭ ئارزۇيۇم(مارتىن لوتىركىڭ)
- نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش تەس ئەمەس
- سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
- «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »