بىر كىتاب بىر ئالەم(باھادىرنامە توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىم)
ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ بۇ ئالتە قىسىملىق تارىخىي رومانى ئۇنىڭ «جاللات خېنىم» رومانىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە بىر قېتىملىق ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرگەن بىر رومانى بولدى. رومان مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن. روماندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئىككى – ئۈچ يۈز يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ئاجايىپ ئىستىدات بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك يورۇتۇپ بىرىلگەن. رومان نەشىردىن چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتتە خېلى كۈچلۈك داغىدۇغا قوزغىدى. قەشقەردە 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12 -كۈنى ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. جاي – جايلاردا ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىگە «چاي سۇنۇش»، «تون كىيدۈرۈش»لەر ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى»مۇ ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ روياپقا چىققىنى يۈزىسىدىن يازغۇچىنى زىيارەت قىلىپ ئالاھىدە بىر سان پروگرامما ئىشلىدى. ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسى ئالىم ئەھەت يازغۇچى ياسىنجان سادىق «باھادىرنامە»دە ئىشلەتكەن سۆزنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، تۆۋەندىكىسى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر:
«باھادىرنامە»دە ئىشلىتىلگەن بارلىق سۆز 587,822 بولۇپ، بۇلار ئىچىدە تەكرارلانمىغان سۆز (ھەر خىل تۈرلىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا) 32646 ، چاستوتىلىق سۆز: 5120.
ئىختىيارى يازمىلار
- پەلسەپە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
- ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
- ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىمىز
- ياپونىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشى
- مىراج تائاملار ئوردىسىدا نورۇز
- تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى
- ياپونلۇقلارنىڭ سالاملىشىش ئۇسۇلى
- شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
- ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىن تورداشلارغا سالام!!!
سىزىنڭ بىلوگىڭز ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتتى .داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرۇڭ
رەھمەت قېرىندېشىم ،قەدىمىڭىزگە ، مەرھابا! ئاللاھ خالىسا داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىمەن .