تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇش ئۇچۇرى

ۋاقتى 2012-04-08 05:22 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1 قېتىم

چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارغا پايدىلىق بىر ئۇچۇرنى مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن. مۇرات ئەپەندىنىڭ خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى تۆۋەندىكىچە:

ھۆرمەتلىك تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرى:

بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەردىن، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەكىلىپ ئوقۇتماقچى. ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە توردىن تىزىملىماقچى.
تورنىڭ ئادرىسى بولسا:
   http://www.ytb.gov.tr/index.php/ … 87-turkiye-burslari

كۆرىنگەندەك، بۇ توربىتى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ رەسىمى (ھۆكۈمەت) تور بىتى،،،،،،،.داۋامىغا قىزىقسىڭىز،،،،،
بۇ توربىتىدە:  تۈركچە، ئەرەپچە، خەنزۇچە دىگەندەك 6 خىل تىلدا ئىلان بىرىلگەن.  ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش 4-ئاينىڭ 15-20 كۈنلىرى بولماقچى.

تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان، دوكتورلۇق، ئاسپىرانتلىق ۋە تولۇق كۇرس (ئۇنىۋېرسىتېتتا) ئوقۇيدىغان ھەممە ئادەم تىزىملاتسا بولىۋىرىدۇ. ئەگەر، ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ قالسا، بالىلارنىڭ ئوقۇشى تۈگىگىچە، تۈركىيە دۆلىتى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا:

•يىلدا بىر قىتىم ھەقسىز ئايرۇپىلان بىلىتى
•ياتاق پۇلى
•كىيىم-كىچەك پۇلى
•كىتاپ-قەلەم پۇللىرى
•ئاپتوبۇسلارغا ئىشىلتىدىغان پۇللىرى ھەممىسىنى تەمىنلەپ بىرىدۇ.

بالىلار تاللانغاندا، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەرگە قاراپ تاللايدىكەن.

مەسلەن، ئەگەر تىبابەتكە (دوختۇرلۇق)  100 سان بەرگەن بولسا، بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغان ۋە تىزىملاتقان پۈتۈن بالىلاردىن ئەڭ ياخشى 100 بالىنى تاللايدىكەن. يەنى، ئەگەر ھەقىقەتەن ياخشى بالىلار بولسا، تىخىمۇ كۆپ بالىلار ئوقۇشقا كىلەلەيدىكەن. تاللاش تەپسىلاتى تور بىتىدە يەنە ئىلان قىلىنماقچى… تەخمىنەن 3000-4000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى.

بۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەممە مەكتەپلەرگە ۋە ئۇنۋېرستېتلەرگە خەۋەر بەسەك ياخشى بولىدۇ.

شۇڭا سىز تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرىغا خەۋەر بەردىم. دىگىنىمدەك، بۇ تور بىتى تۈركىيەنىڭ رەسمى تور بىتى. باشقا يەرلەدىن سوراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ھىچقانداق مەسلە يوق. ياكى سىزلەر ئىلان بىرىشتىن بۇرۇن،
http://www.ytb.gov.tr/index.php/ … 87-turkiye-burslari
گە خەت يىزىپ سوراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ پايدىلىنىپ قالسۇن.

قانچىلىك كۆپ بالا تىزىملاتسا شۇنچىلىك ياخشى. چۈنكى،  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز، دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن بەسلىشىدۇ.

سىلەرگە رەھمەت.

ھۆرمەت  بىلەن:

دوتسېنت، دوكتۇر مۇرات ئورخۇن
كومپيۇتېر بىلىملىرى فاكۇلتېتى
ئىستانبۇل بىلگى ئۇنۋېرستېتى
ئىستانبۇل، تۈركىيە

Tel: 0212 311 53 17

يۇقارىقى خەتنى ھەرقانداق توربەتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلساڭلار بولىدۇ. قانچىلىك كۆپ قېرىنداشلار بىلسە شۇنچە ياخشى. شەرتى بارلارغا پۇرسەت يار بولسۇن. شەرتى يوقلار كېلەر يىلى بولسىمۇ شەرتنى ئادا قىلسۇن .مەنبە:http://www.bektur.com/index.html

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان2 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. ئوربېتا مۇنداق دىدى:

    كەچۈرۈڭ رۇخسىتڭىزسسىز بۇ تېمىنى بىلگىمغا چىقىرىپ قويدۇم ..تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم بىلسۇن دەپ …

  2. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    ھېچقىسى يوق ، بۇنداق ياخشى ئۇچۇرلاردىن ھەممە قېرىداشلىرىمىز تەڭ بەھىرمەن بولغىنى ياخشى !

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap