چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى
چىڭخۇا ئۇۋېرىستىتى (بۇرۇن چىڭخۇا شۆتاڭسى ئىدى)1911-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان 101 يىللىق مۈشكۈل تارىخى مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدە سېھرى كۈچ ۋە چوڭقۇر مەدىنىيەت ئاساسىنى شەكىللەندۈردى .«ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى كۈچەيتىش »نى مەكتەپ تەلىمى،«ھەركەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»نى مەكتەپ ئىستىلى قىلىپ ،ئېھتىياتچانلىق ،تىرىشچانلىق شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئۆگۈنۈش ئىستىلىنى يادرولۇق مۇھىم مەسلىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىر ئەۋلاد چىڭخۇا ئوغلانلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئىلغار ئوقۇتۇش مۇھىتى :چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ مەركىزى مەكتىپى چىڭخۇا باغچىسى بېيجىڭ غەربى شىمال ساياھەت رايونىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئايرىم شەخىسنىڭ باغچىسى ،چىڭ سۇلالىسى كاڭشى دەۋرىدە يۇەنمىڭيۇەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. جىيەنفېڭ يىللىرىدا چىڭخۇا باغچىسىغا ئۆزگەرگەن .
چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى ،ئەڭ ئۈنۈملۈك بىلىم مائارىپ سېستىمىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ئۇنۋېرىستىتنىڭ كۇتۇپخانىسى فىلولوگىيە ،ئىقتىساد باشقۇرۇش ،قانون ،قۇرۇلۇش،گۈزەل-سەنئەت ،تىببى ئىلىم قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان ھەر ساھە ھەر كەسىپكە ئائىت كىتابلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.ساقلانغان ئومومى كىتاب سانى 4مىليون پارچىدىن ئاشىدۇ. چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ،ئەتراپلىق تەربىيلەش روھى ۋە ئىلمى تەتقىقات شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.ھازىرغا قەدەر چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىدا دۆلت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 12سى ،مائارىپ مىنىستىلىكى ۋە پەن تىخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن 15ى ،بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن 4ى بار.
كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى: ھازىرغا قەدەر چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىدا قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى ،گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى ،فىزىكا ئىنىستىتوتى ،ئۇچۇر پەن -تېخنىكا ئىنىستىتوتى قاتارلىق 13 ئىنىستىتوت ›56 فاكولتىت تەسىس قىلىنغان.
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى تەرجىمىسى
ئىختىيارى يازمىلار
- موللا مۇسا سايرامى
- ئانا يۇرت رومانى
- سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
- «مۇھەببەت»ناملىق كىتابتىن خاتىرە
- چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى
- ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(ئېلكىتاب)
- سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات( ئېلكىتاب)
- ئۇنۋېرىستىتقا كىرگەندىن بۇيان
- قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى
- شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان