پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر(ئېلكىتاب)
مەن ئاخىر بۇنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم،ئويلىسام تارىم،تەكلىماكان بويلىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان شۇنچە كۆپ يار-بۇرادەرلىرىمنىڭ،قەلەمداشلىرىمنىڭ،مېھرىبان خەلقىمنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىمدە ھەققى بار ئىكەن.كۆرمىگەنلىرىمنىى قەلىمىم بىلەن كۆرسىتەي دېدىم.كۆرگەنلىرىمنى ئاددىي دېمەي قەغەزگە پۈتەي دېدىم.بىر يىل سەككىز ئاي ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس،بىراق ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغان ئادەمگە كىشى يۇرتىدا بىر كۈننى ئۆتكۈزمەكمۇ تەس.
تەلىيىمگە مەن كۆرگەن يۇرتلار-خەلقى قۇرئان تىلىدا سۆزلەيدىغان ،قەدەمدە بىر ئېگىز –ئېگىز مەسچىتلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ،ئەزان ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان ئەرەپلەرنىڭ دىيارى ئىدى .بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ قەدەملىرى تەگكەن زېمىنلاردا مۇساپىر بۇلۇشمۇ مېھمان بۇلۇشتىن چارە،سوغۇق سۇ ئېچىشمۇ زەم-زەم ئىچكەندەك خاسىيەتلىك.گەرچە كىتاب ئوقۇش بىلەن تۇرمۇش، شېئىر يېزىش بىلەن تىرىكچىلىك،ۋەتەننى سېغىنىش بىلەن غېرىپلىق ئارىسىدا كۆرگنلىرىم سودىگەرلەرنىڭكىدەك كۆپ ياكى سەيياھلارنىڭكىدەك ئاجايىپ-غارايىپ بولمىسىمۇ ئۇ يەردىكى ئۇششاق تەپسىلاتلارمۇ يۇرتداشلىرىم ئۈچۈن يېڭى تۇيۇلسا ئەجەپ ئەمەس .
نەدىن كەلدىڭ نەگە بارىسەن ؟بۇرۇن بۇ سوئال ھەققىدە تۈزۈكرەك ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن.بىر خىل مۇھىت ،بىر خىل رېتىم ،بىر دۇنيا ئىچىدە بۇ سوئالغا ئېھتىياج تۇغۇلمىسا كېرەك .قاچان چەت ئەلگە چىقماقچى بولدۇم ،شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ھارغۇچە توشتۇرغان جەدۋەللەر،ماڭغان يوللار،بارغان جايلار بۇ سوئالغا مۇناسىۋەتلىك بولدى .(1-بەت)
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن :چۈشۈرۈش
ئۇچقۇر تور دېسكىسىدىن: چۈشۈرۈش
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ،باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلىسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
ئىختىيارى يازمىلار
- ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
- جاللات خېنىم
- بىلنۇرى مېھرىبان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولامسىز ؟
- ئانا يۇرت ئوغلى مەرھۇم زوردۇن سابىرنى ئەسلەش خاتىرىسى
- بىر كىتاب بىر ئالەم(3-سان)
- شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان
- شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار
- ئەقىلدىن باشقا كۆز (بىر قىسمى)
- ئورخۇندﯨن جەۋھەرلەر(2قىسىم)
- مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟
رەخمەت قېرىندىشىم ياخشى كىتاپكەنتۇق چۈشۈرۈپ قويدۇم ھازىر ئۇقۇشقا ۋاقىت يەتمىسمۇ كېيىن ئۇقارمەن ھازىر ئۇقۇش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق
بۇ مەن تولىمۇ ياقتۇرىدىغان كىتابلارنىڭ بىرسىدۇر. ئادىل تۇنيازنىڭ شىئىرلىرى، ماقالىلىرى بولۇپمۇ ھازىرقى ھاياتلىق يولى مېنىڭ قىززىقىش دائىرەمدىكى ئىشلارنىڭ بىرسىدۇر.
ھەراس، بلوگىمىزنىڭ يىڭى تۇغى پۈتتى، ئادرىسى:http://teshna.me/logo.gif
مەنمۇ شۇنداق ياقتۇرىمەن ، ماۋۇ كىتابىنىمۇ ئىككى قېىم ئوقۇپ بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ، بېكىتىڭىزنىڭ تۇغىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم .