تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى قۇرۇلۇپ ئۈچ ئاي بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ بۇ جەرياندا مۇنبەردىكى ئاتامانلانىڭ ياردىمىدە تېخنىكا جەھەتتىن نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ ، بلوگ ئاساسى جەھەتتىىن نورماللاشتى ،بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى تورداشلىرىمىز نىڭ بلوگقا بولغان تۇنۇشى يېتەرلىك ئەمەسكەن ،بلوگلارغا كىرگۈسىمۇ كەلمەيدىكەن ،ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولساق چەت ئەللەردە بلوگلارنىڭ زىيارەت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرىكەن ھەتتا بەزى بلوگلار نىڭ زىيارەت مىقدارى خېلى چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ زىيارەت مىقدارىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن ،بىزنڭ بلوگچىلرىمىزنىڭ ئچىدە زىيارەت مىقدارى يۇقىرلىرى ئىنتايىن ئاز بار دىيىلسىمۇ بىرى مەخسوسلاشقان كەسپى بلوگلار ،يەنە بىرى بلوگچىلار ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بلوگلا ر،ئەمما ئەدىبى يازمىلار نى ئاساس قىلغان شۇنداقلا باشقا تۈردىكى بلوگلارغا قارايدىغان بولساق زىيارەت مىقدارى 50 كە ئاران ئۇلىشىدۇ ،شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم بلوگلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى شەرت قىغان ئاساستا تورداشلار ئىدىيىسىدىكى بلوگقا بولغان تۇنۇشنى قانداق قىلساق يۇقىر كۆتۈرۈش ،بلوگقا بولغان توغرا قاراش مەسلىسى.
قارايدىغان بولساق بلوگلىرىمىز جەمىيىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلار ،ئەدىبىياتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىستىتىك قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ لېكىن بۇنى ئوقۇيدىغان ئادەم يوق ئۇ مۇنبەر بۇ مۇنبەردە قۇرۇق مۇنازىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇشقا ،بىر-بىرىنى سېسىتىشىپ گەپ سېتىشقا ،كوت كوتتا بىكار پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا رازىكى بلوگلارغا كىرىپ بىرەر يازمىغا ئىنكاس يېزىشقا ئېرىنىدۇ ،،بلوگچىلار دىن باشقا تور ئابونتىلىرىنىڭ بلوگلارغا كىرىپ ئىنكاس يېزىش زىيارەت قىلىش ئاز بۇلۇش تىن ئىبارەت ھازىرقى بلوگچىلىقىمىزدىكى ناتۇرال ھالەتتىكى تەرەقىيات بلوگچىلىرىمىزغا ھارغىنلىق شۇنداقلا بلوگ يېزىشقا بولغان سۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭا بىز بلوگچىلار باشقا تور ئابونتلىرىنى جەلىب قىلىش ئوسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى .
ئىختىيارى يازمىلار
- دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ
- رەڭدار ھايات
- مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟
- مىراج تائاملار ئوردىسىدا نورۇز
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىللار ۋە ئۆگىنىش توربەتلىرى - [تىل ئۆگىنىش]
- خام خىيال، رىۋايەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر
- ياپون تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياپون تىلى گىرامماتىكىسى (ئېلكىتاب)
- سۈبھى تور ژۇرنىلى 3-سان
- پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە
مىنىڭ 50 كىمۇ يەتمەيۋاتدۇ ھازىر.
بىزدە تېخى تور مەدىنيىتى دەيدىغان نەرسە شەكىللەنمىدى
ئاستا – ئاستا كىشىلىرىمىز بۇ نوقتىلارنى تونۇپ يېتىدۇ. مەنچە ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا بىلوگلارنىڭ رولى خېللا چوڭ. نورغۇن ئۇچۇرلارنى مانا موشۇنداق بىلوگلادىن ئىزدەپ تاپىمىز ئەمەسمۇ!؟
زىيارەت مىقدارى توغرۇلۇق بەك ۋايىم يەپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق. مۇھىمى، ئاخىرغىچە بەل قويىۋەتمەسلىكتە. مېنىڭچە، بىلوگگىرلا ئۆز خاسلىقىنى يوقاتماي داۋاملاشتۇرسىلا، بىلوگ ئوقۇرمەنلىرى ئاستا-ئاستا كۆپىيىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بىلوگ تېخى تۈزۈك چاڭ چىقارماي تۇرۇپلا، پەسكۇيغا بۇنداق تىز چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ.
بۇ بىر ياخشى مۇلاھىزە تېمىسى بوپتۇ. خەنزۇلاردا مۇنبەر قىزغىنلىقى ئاساسەن بىر يەرلەرگە بېرىپ، بلوگچىلىق ۋە مېكرو بلوگ دەۋرى يېتىپ كەلدى. بىزدە تېخى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىكى داشقايناق پىكىرچىلىك ئەندىزىسى مودا بولۇۋاتىدۇ. بلوگ ئېچىۋاتقانلار ياكى ئېچىپ بولغانلار بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىساق ئاسانلا ئوقۇرمەنلەردىن مەھرۇم بولىمىز.
بىرسى، يۇقارقى توردىشىمىز قۇتنامە ئېيتقاندەك، چوقۇم ئاخىرىغىچە بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ قانداقتۇر بىر يىل ياكى بىرنەچچە يىللىق ھەۋەس بولۇپ قالماستىن ، بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان سادىق تور خاتىرىمىزگە ئايلىنالىشى زۆرۈر.
يەنە بىرى، بلوگنى سۈنئىي ئۇسۇلدا قىزىتىش، مەجبۇرىي زىيارەتچى توپلاشمۇ ئاخىرىدا ئاقمايدىغان ئىش. ھەرقانداق بىر بلوگنىڭ ئۆزىگە خاس يولى، مەۋقەسى، پىلانى بولۇشى بەك مۇھىم.