شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان

يوللانغان ۋاقتى 2013-02-26 09:13 كۆرۈلۈشى:736 قېتىم

تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

 

ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 38كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 61-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بىر ھەيۋەتلىك مازار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدۇر. مازار چاسا شەكلىدە،ئۈستىدە گۈمبەز بار، توغرا لىمى يوق بولۇپ، ئېگىزلىكى 14مېتىر، كەڭلىكى 11مېتىر، ئىچىنىڭ ئېگىزلىكى 15مېتىر كېلىدۇ. مازاردا قەبرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. مازارنىڭ ئىشىكى شەرققە قارىتىلغان بولۇپ، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ئىككى يېنىغا ئەرەپچە مەدھىيىلەر ئويۇلغان، تاملىرى بىنەپشە،كۆك،ئاق ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان 26خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىيىلىك ۋە ئۆسۈملۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، مازارنى خېلىلا ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن. جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىكرەك قەبرە بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسى دەپنە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنداقتا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇڭغۇل خانى تۇرسا،مازىرى نېمىشقا ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان؟ ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان مۇڭغۇل خانىدۇر.

پىنھاندىكى سۆيگۈ

يوللانغان ۋاقتى 2013-02-02 11:24 كۆرۈلۈشى:444 قېتىم

ياشلىق تولىمۇ گۈزەل تولىمۇ قىممەتلىك ئەنە شۇ گۈزەل قىممەتلەرنى جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر نەرسە بار ئۇ بولسىمۇ چىن -ئىخلاس ،ئەقىدە شەرمىي ھاياغا تويۇنغان مۇھەببەتتۇر .ئۆز قەلىمىم .
ئاڭلاش ئۈچۈن سېنىڭ سۆزۈڭنى ؟
يۈرەكلىىم سوقار سەن ئۈچۈن .
ۋە لېكىن پەقەتلا ئاڭلىيالمىدىم ،
جااۋاب بولدى كۈتۈش مەن ئۈچۈن .


ئېيتاي مەن دەپ يۈرەك سۆزۈمنى ،
كېلىمەن ئاجايىپ سۇنماس غەيرەتكە،
توسۇق بولدى مېنىڭ سۆيگۈمگە ،
سېنىڭ ماڭا پەرۋاسىزلىقىڭ .

قاچانغىچە سۆيگۈمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ،
ئۆتەمدىم مۇشۇنداق ھىجران ئچىدە .
ۋىسالغا يېتىش شۇنچە تەسمىدۇ ،
بىزگە تالىق بەش كۈن ئالەمدە .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇر شائىرى دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن

يوللانغان ۋاقتى 2012-12-11 19:05 كۆرۈلۈشى:685 قېتىم

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرى، ئاتاقلىق ژورنالىست ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىئون دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن 1938 – يىلى 5-ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۈڭ ناھىيەسىدە زىيالىي، شائىر ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
دولقۇن ياسىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى غۇلجا شەھرىدە ئالغان،
1953-يىلى 8-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كېرىپ، ئۇنى 1956-يىلى 7-ئايدا ئەلا دەرىجىدە تۈگەتكەن.
دولقۇن ياسىن 1956-يىلدىن 1961-يىلغىچە تاشكەنتتىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى» تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ ژورنالىستلىق بۆلۈمىدە ئوقۇپ، قىزىل دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
1961-يىلدىن 1963-يىلغىچە ئۇرۈمچىدىكى «تارىم» ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
1063-يىلدىن 1968-يىلغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ «قارىمۇقچە» قاتارلىق يېزىلىرىغا سۈرگۈن قىلىنغان.
1968-يىلى 10-ئايدا موڭغۇل يىگىتى ئەركىن بىلەن چېگرا ئاتلاپ ئالمۇتاغا-قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەشھور شەخىسلىرىمىز | ئىنكاس سانى: 3 | تولۇق ئوقۇش

ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللانغان ۋاقتى 2012-11-24 03:35 كۆرۈلۈشى:936 قېتىم

ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرى)

ئىلاۋە: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىبى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933 ــ يىلى 9 ــ ئاينىڭ 28 ــ كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 1995 ــ يىلى 2 ــ ئاينىڭ 27 ــ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھاياتىدا «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئائىلە» … قاتارلىق بىباھا ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» ناملىق بۇ ئەسىرىمۇ ئالىمنىڭ يەنە بىر كاتتا ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئالىمنىڭ ئەسلىمە

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى

يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 06:45 كۆرۈلۈشى:662 قېتىم

چىنگىزخان قالدۇرۇپ كەتكەن سىرلار ناھايىتى كۆپ. بۇ سىرلار ئىزچىل تۈردە جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۇمانلىق بولغىنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سىر بولۇپ ، ئۇنىڭ قاچان ئۆلگەنلىكى، نەگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.
چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى سىرلار:
1. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن دېگەن قاراش. چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ئالتە خىل قاراش بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاڭغۇتلار بىلەن مۇناسىبەتلىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن «ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن» دېگەن قاراشتۇر. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرىلىنىشىچە، چىڭگىزخان 1226- يىلى كۈزدە خوتۇنى يەسۈينى ئېلىپ تاڭغۇت ئېلىگە جازا يۈرۈشى قىلغان. ھەربىي يۈرۈش جەريانىدىكى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چىنگىزخان ئالبۇخا دېگەن يەردە ئوۋ ئوۋلىغان. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مىنگەن چىلان تورۇق ئاتنى بىر ياۋا ئات ئۈركۈتىۋىتىپ، تەييارلىقسىز تۇرغان چىنگىزخان ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان. شۇ كۈنى ئاخشىمى قاتتىق قىزىتىپ كەتكەن. 1227- يىلى 7- ئايدا ساقىيالماي جان ئۈزگەن. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈش قانداق بولۇپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىن قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا يەسۈي سەركەردىلەرنى يىغىپ قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەندە، بەزىلەر قايتىپ كېتىپ ، چىڭگىزخاننى داۋالىتىپ، ئۇ سەللىمازا ساقايغاندىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان. چىنگىزخان جاھىللىق قىلىپ مۇشۇنداقلا قايتىپ كەتسەم تاڭغۇتلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمەن دەپ تۇرۇۋالغان.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ماقالىلەر | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئەخلاق ھەققىدە تەرمىلەر

يوللانغان ۋاقتى 2012-11-21 05:10 كۆرۈلۈشى:706 قېتىم

 

1 . ھەقىقى ئەقىدە نىمىلەرنى قىلىش ، نىمىلەرنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىشتۇر  .

2 . ۋىجدان ئادەم قەلبىدىكى سودىيە .

3 . سىز گۇناھقا ئادەتلىنىپ قالغاندا ، ئۇ مېھماندىن خوجايىنغا ئايلىنىدۇ .

4 . باشقىلارغا غەزەپلىنىش ھامان قەلبنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر .

5 . دۇنيادىكى ئەڭ يامان ئىچىملىك يۇتۇۋېتىلگەن يامان سۆزدۇر .

6 . ھاكاۋۇرلۇق ھەممىنى چەتكە قاقىدىغان مىجەزدۇر .

7 . قوپال تەربىيە كۆرمىگەن ئادەملەر زورلۇققا مۇراجەت قىلىدۇ .

8 . ئۆزىڭىزنىڭ ياخشىلىققا يۈزلەنگەن تەبىئى تالانتىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇڭ .

9 . بىزنىڭ بىر خىللا مايىللىققا پېتىپ قالماسلىقىمىزدىكى سەۋەب ، باشقا يامان ئادەتلەرنىڭمۇ بولغانلىقىدۇر .

10 . سۈكۈت قىلىش _ ئىشەنچىسى يېتەرسىزلەرنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى  

 11. سۈكۈت قىلىشقا قارىغاندا ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئازاپلىرىنى سۆزلەشكە بەكرەك خۇشتار .

12 . ھورۇنلۇق بارلىق نۇقسانلىرىمىز ئىچىدىكى بىز ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋە خاتىرجەم بىللە تۇرالايدىغان نەرسە .

13 . ھەسەتخورلۇقنى تۈگەتمەك ، ئۆچمەنلىكنى تۈگەتمەكتىنمۇ قىيىن .

14 . گۈزەل ئەخلاقلىق دىگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەقىقى گۈزەل ئەخلاقلىق ئادەم بولۇش كېرەك .

15 .تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىدى قائىدە – غەرەز ئۇقىدىغانلارنى يېتىلدۈرۈش بولۇشى كېرەك .

 

مودا پەن نانوتېخنولوگىيەسى

يوللانغان ۋاقتى 2012-11-04 07:29 كۆرۈلۈشى:563 قېتىم

قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بۇ تېمىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، سىزنى ئاز دىگەندە يىرىم مىنۇت سەرىپ قىلىپ، ئۆتكەن 20-30 يىلدىكى ئىنسان ھاياتىدىكى ئاساسى ئۆزگىرىشلەرنى كاللىڭىزدىن ئىتتىك ئۆتكۈزۈپ، زادى نىمە شۇ ئىنسان ھاياتىغا بەكىرەك تەسىر قىلدى بىر ئويلىشىپ بىقىشىڭىزنى سورايمەن. ئىنىقكى، نۇرغۇنلىرىڭلارنىڭ كاللىسىغا كومپيۇتېر (شۇ سەۋەبلىك ھەم ئىنتېرنېت) سىمسىز تېلىفون (يانفون) لار كىلىپ بولدى. توغرا، دەل مۇشۇ نەرسىلەر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنسان ھاياتىغا غايەت ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى. نۇرغۇن ئۇقۇملار ئۆزگەردى. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە بۇ چوقۇم ياخشى ئىشلار دەپ ئىيتالمايمەن، كەلگۈسىدە ئىنسان زادى قايسى تەرەپكە تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ بىر نەرسە دىيىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. لىكىن بۇ ئۆز كەسپىمگە مۇناسۋەتلىك، ئانا تىلىمدا يىزىلغان تۇنجى يازمام ئارقىلىق سىلەرگە مۇشۇ ئۆزگىرىشلەرگە مەلۇم مەنىدە سەۋەبچى بولغان ھەم كەلگۈسىدە ھەم قانداق يەنە ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدىغان تېخنىكىنى ئاممىباب بىر تىلدا ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ ھەقتە يەنە قىزىقساڭلار پەستە سۇئال قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ، جاۋاب بىرىشكە تىرىشىمەن.يازمىدا يەنىلا خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن، تۈزىتىپ قويارسىلەر.

مېنىڭ ئارزۇيۇم(مارتىن لوتىركىڭ)

يوللانغان ۋاقتى 2012-09-29 00:43 كۆرۈلۈشى:613 قېتىم

  100يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامىرىكىلىق،نېگىر قۇللىرىنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسىگە ئىمزا قويغان ئىدى.بۈگۈن دەل شۇ كىشىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا يىغىلىپ تۇرۇپتىمىز،ئۇشبۇ خىتاپنامە خۇددى نۇرلۇق چىراقتەك،نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق دەپسەندە قىلىنغان نىگىر قۇللار ئۈچۈن ئۈمۈت ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى خۇددى تاڭ شەپىغىدەك،نىگىرلارنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان زۇلمەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگەن ئىدى.
    ئەمما 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز نىگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك رىياللىققا يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز!100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ،ئېرقى كەمسىتىش ۋە ئېرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ پېشكەللىكلىىرى ئاستىدا، نېگىرلارلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۈتۈۋاتىدۇ.100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى  قاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ.100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگىرلار ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ بىر بۇرجىگىدە ياشاۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆز زىمىندا سەرگەندارلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ.بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزمۇ،دەل مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق ھالەتنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بىرىش ئۈچۈندۇر.
   مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۈگۈن بىز  بەرگەن ۋەدىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىز پايتەختىگە يىغىلدۇق.جۇمھۇريىتىمىزنىڭ قۇرغۇچقىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى»نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدغان ھەر بىر ئىبارىنى يازغىنىدا ،ھەربىر ئامىرىكىلىققا ۋەدە بىرىپ،ھەربىر كىشىگە ھاياتلىق ،ئەركىنلىك ۋە بەختىنى قوغلىشىشنىڭ مۇقەدەس ھوقۇقىنى بېرىمىز دىگەن ئىدى.
   رەڭلىك ئېرىقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن،ئامىرىكا ئۆزنىڭ ۋەدىسىنى ئەمىلىلەشتۈرمىدى.ئامىرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى،ئنىگىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس!بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يېتىشمەيدۇ»دىگەن تامغىا ئۇرۇلغاندىن كېيىن قولىمىزغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.ئەمما ھەققانىيەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.بىز بۇ دۆلىتىمىزدىكى غايەت زور پۇرسەتلەر غەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ چەكنى ئەمىلىەشتۈرمەكچى__بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت كاپالىتى بىلەن تەمىىن ئەتكۈسى.
    بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كىلىپ،ئامىرىكىنى تەنقىتلىمەكچى.ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى،ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تېنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنۇشقا رايىمىز يوق.ھازىر دەل دىموكىراتىيە ۋەدىسىنى ئەمىلىلەشتۈرىدىغان پەيت!ھازىر دەل ئېرقى كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللى باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قۇيىدىغان پەيت!ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىغا پۇرسەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت!ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرقى تەڭسىزلىكنىڭ قاينىمىدىن ياندۇرۇپ،ئاكا-ئۇكىلار باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: تەرجىمە ئەسەرلەر, ماقالىلەر | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار

يوللانغان ۋاقتى 2012-09-07 12:41 كۆرۈلۈشى:427 قېتىم

شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار ،
ئېتىزلارنى كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ كېلىڭلار .
سىلەرنىڭمۇ ئەجدادىڭلار دېھقاندۇر بەلكىم ،
سەھرالاردىن تەكتىڭلارنى بىلىپ كېلىڭلار.

شەھەر – ھايات چىنارىنىڭ ئەڭ ئېگىز شېخى ،
شاختىن چۈشۈپ ، پەستىن ئۇچۇر ئېلىپ كېلىڭلار .
بىللە بارسۇن نان ئىلغىغان بالىلىرىڭلار ،
ئېڭىزلاردىن كۈزدە باشاق تېرىپ كېلىڭلار .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-10 07:16 كۆرۈلۈشى:1,054 قېتىم

يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەد خاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1490 -يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن بىللە تاغىسى مەھمۇد خاننىڭ ئۆزبېك خانى شاي بانىخانغا قارشى تۇرشىغا ياردام بېرىش ئۇرۇشىدا يىڭىلىپ قالدى. شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندا، سۇلتان سەئىدخان ئوق تېگىپ ئەسىرگە چۈشتى ۋە زىندانغا تاشلاندى .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش
مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
тут мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти человека по номеру мобильного телефона телефонная база билайна москвы база данных поиск адреса по номеру телефона в спб муром телефонная база поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске телефонная казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных номеров imei украденных телефонов поиск людей в ташкенте по номеру телефона тут найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная база частных абонентов тут справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента на сайте телефонная база г самары камышин справочник телефонов учреждений ссылка телефонная база данных россии телефонная база данных ростов адрес по узнать адрес по номеру телефона казань телефонная база санкт петербург адреса ссылка борисов справочник поиск номера телефона по адресу тюмень тут домашняя телефонная база данных онлайн телефонная как калининградский справочник домашних телефонов справочник телефонов в г ташкенте Пора игра sitemap