بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-14 05:52 كۆرۈلۈشى:8 views
<

       ئەركىن سىدىق  
                                        ئېلكىتابىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز رەسىمنى چىكىڭ      

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى           

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، لىدېرلىقنىڭ  مۇنداق ئىككى تەرىپى بار. ئۇنىڭ بىرى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قارىتىلغان لىدېرلىق ئىقتىدارى. يەنە بىرى بولسا باشقىلارغا قارىتىلغان لىدېرلىق ئىقتىدارى.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ساندىكى گۈزەل ئارزۇلىرى، نىشانلىرى ۋە غايىلىرى بار بولىدۇ. شۇنداقلاكۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەپەككۈر دۇنياسىدا ئاشۇ گۈزەل ئارزۇ، نىشان ۋە غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقىتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇشقا، ئاشۇ چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا خىيال قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزىڭىز بىلەن سىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرغان نەرسەنېمە بىلەمسىز؟ ئۇ سىزنىڭ لىدېرلىق ئىقتىدارىڭىز. لىدېرلىق ئىقتىدارى سىزنىڭ باشقىلارنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ مېڭىشىڭىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.

ھالقىلىق سۆز: , | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك( زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-13 16:05 كۆرۈلۈشى:10 views
<

زۇلپىقار باراتنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ئىشلىگەن ئەمگەكلىرى

1. «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى»(2- تومى)، ئاپتورى: خودا؛

2.«ئۆلۈم كۆلەڭگىسى»، رومان، ئاپتورى مىچىل زۇھا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

خام خىيال، رىۋايەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-13 15:52 كۆرۈلۈشى:10 views
<

زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى. 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-12 11:33 كۆرۈلۈشى:9 views
<

نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن

زېمىغا تۇنجى بولۇپ ئاپرىدە قىلىنغان ئىنسان- ئادەمئاتا، يەنى ئەر بولدى. ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ ئەزگۈ، كامىل سۈپەتلەر ئاساسىدا يارىتىشىدا ۋە ھەتتا پۈتكۈل پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرىشىدا، زېمىننى مەنپەتلىك يوسۇندا پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزىشىدا كارامەت ھېكمەت مۇجەسسەم. دېمەككى، ئەر ياراتقۇچىنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچ تىمسالىغا ئايلاندى، ئادەمئاتا- ئەر ئەڭ كامىل ئىنسان سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلدى. ئۇنىڭغا چەكسىز ئىمان- ئىستەك بېرىلدى، شۇنداقلا شىللىسىگە يەنە يىتەرلىك دەرىجىدە قەرز-پەرزلەر يۈكلەندى.

ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

رەڭدار ھايات

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-10 06:12 كۆرۈلۈشى:8 views
<

يازغۇچىمىز تۇرسۇن غوجابدۇللانىڭ ‹رەڭدار ھايات›رومانىىڭ ئېلكتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
مۇقەددىمە

زەڭگەر ئاسمان بېتىدە يېڭى ئېتىلغان پاختىدەك سۇس چېچىلىپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتلار قۇياش نۇرىدا قاش تېشىدەك چاقناۋاتاتتى . قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتىدىن زېمىننىڭ باغرى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقاندەك بىلىنەتتى . تونۇردەك قىزىرىپ كەتكەن بۇ زېمىننىڭ ئاسمىنىدا نە بىرەر قۇش ، تۇپرىقىدا نە بىرەر ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى . پايانسىز تاش ساينىڭ چېتىدىكى قۇمتاش دۆڭلۈكنىڭ باغرىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرغان دەريانىڭ سۈيى ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن ھارغان ئادەمدەك جىمجىتلا ئېقىۋاتاتتى . مۇشۇ شاۋقۇنسىز دەريالار بۇ سايلىققا ھاياتلىقنىڭ نام – نىشانىدىن خەۋەر بېرىۋاتقان بىردىن – بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىدەكلا بىلىنەتتى . دەرياغا پاراللېل يانداشقان ئەگرى – بۈگرى ساي يولىدا يىراقتىن بىر ئاق مىنىبۇس كېلىۋاتاتتى . دەريانىڭ بۇيىدا تۇرۇپ يىراقتىن قارىغاندا ، بۇ مىنىبۇس تاقىرباش سايلىقنىڭ ئۈچەيدە تارچۇق يولىدا قوڭغۇزدەك كۆرۈنەتتى . ھارغىن ئادەمنىڭ قەدەملىرىدەك ئاستا كېلىۋاتقان مىنىبۇس ئېگىز – پەس كاتاڭ يۇلىدىن قېيىپ چېقىپ ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى تارام – تارامغا ئاشۇ دەريا بۇيىغا كېلىپ توختىدى . مىنىبۇسنىڭ توختىشى بىلەن كابىنكىنىڭ سول تەرەپ ئىشىكىدىن كۆتمەك بۇرۇتلۇق سېمىز شوپۇر يەرگە چۈشتى ۋە مىنىبۇسنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكى ئالدىغا ئۆتتى . مىنىبۇسنىڭ چوڭ ئىشىكىمۇ ئىچىلدى .

ئېلكتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئەقىلدىن باشقا كۆز (بىر قىسمى)

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-10 03:15 كۆرۈلۈشى:9 views
<

 

 نەزىرە مۇھەممەت سالېھ نىڭ‹ ئەقىلدىن باشقاكۆز ›ناملىق كىتابى ھازىر نەشىر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە مەزمونى شۇنداقلا كىشىگە مەنىۋى زوق بېغىشلاش جەھەتتە تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ياخشى كىتابلارنىڭ بىرى .بۇ كىتابنڭ بىر بۆلىكى بولغان ‹ئەقىلدىن باشقا كۆز ›قىسمىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋالغايسىلەر .
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

چاناق قەلئە ئۇرۇشى

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-10 02:59 كۆرۈلۈشى:10 views
<

 ئۆز تارىخىنى بىلىش ھەرقانداق كىشىگە ئىنتايىن مۇھىم .شۇڭا ئۆز تارىخىنى بىلمەسلىك ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ دەيمىز.شۇڭا تارىخنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ئۇرۇش ‹چاناق قەلئە ئۇرۇشى›نىڭ ئېلكىتابىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
ئېلكتابىنى چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ھايات شۇنداق

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-09 11:55 كۆرۈلۈشى:11 views
<

 

 يازغۇچى ئەخەت تۇردى 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1949-يىلدىن 1959-يىلغىچە باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1959-يىلى شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1964-يىلى 8-ئايدا ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەنىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ،<>ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمىدە مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن،كېيىن ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى بولغان.1989-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ كەسپى يازغۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىپ،2000-يىلى 12-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققۇچە شىنجاڭ يازغۇچىلار

 جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولغان.ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،مەمىلكەتلىك ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەخىرى پىروفېسسورى.

 ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

مۈشۈكنىڭ ھايات پەلسەپىسى

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-09 11:10 كۆرۈلۈشى:7 views
<

 

 بىر پەلسەپىۋى ھېكايە ئادەمگە بىر چوڭقۇر ئوي-پىكىرنى بىلدۇرىدۇ،شۇنداق ھەممىز بۇنداق ھېكايىلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمىز ،چەت ئەل يازغۇچىسى جىمۋېللىس نىڭ بۇ ئەسىرىمۇ شۇنداق پەلسەپىۋى مەنالارغا تۇيۇنغان ھېكايىلەرنىڭ بىرى .
بۇ ئەسەرنى دۇنيا بلوگى ئېلكتاپ قىلىپ ئىشلەپتۇ ،دۇنيا بلوگىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئىز

يوللانغان ۋاقتى 2012-01-29 14:31 كۆرۈلۈشى:19 views
<

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تۈركىيىدىكى زىيالىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى. بەزى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ماقالىلار يېزىلدى ۋە مەخسۇس دىسسىرتاتسىيەلەر ياقلاندى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۈليا كاساپئوغلۇ چەنگەل تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى 2000- يىلى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى»(Ⅰ) دېگەن نام بىلەن مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان «ئىز» ناملىق رومانىمۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
«ئىز» رومانى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، تارىخىي بىر رومان بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئۇنىڭدا «ھۆججەتلىك» ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. رومان بىرىنجى شەخسنىڭ تىلىدىن بايان قىلىش شەكلى ۋە ھەم زامان، ھەم ماكان، ھەم ۋەقەلەرگە سادىق بولۇش يولى بىلەن يېزىلغان. ئاپتور رومانغا تېما قىلغان ۋەقە ۋە شەخسلەرنى شۇ دەۋردىكى ئاشۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقان ھەققىي كىشىلەر ئارقىلىق ياراتقان. ئاپتورنىڭ روماننىڭ كىرىش سۆزىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش داۋامىدا ئۆزىگە ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىشى ئۇنىڭ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا ئارخىپ بىلىملىرىدىن، شۇ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان قوشاقلارنىڭ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
ئىز رومانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى