شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار

يوللانغان ۋاقتى 2012-09-07 12:41 كۆرۈلۈشى:426 قېتىم

شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار ،
ئېتىزلارنى كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ كېلىڭلار .
سىلەرنىڭمۇ ئەجدادىڭلار دېھقاندۇر بەلكىم ،
سەھرالاردىن تەكتىڭلارنى بىلىپ كېلىڭلار.

شەھەر – ھايات چىنارىنىڭ ئەڭ ئېگىز شېخى ،
شاختىن چۈشۈپ ، پەستىن ئۇچۇر ئېلىپ كېلىڭلار .
بىللە بارسۇن نان ئىلغىغان بالىلىرىڭلار ،
ئېڭىزلاردىن كۈزدە باشاق تېرىپ كېلىڭلار .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم(روزى سايىت)

يوللانغان ۋاقتى 2012-05-07 09:19 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

1
نەسەبتە كۈللى ئالەم ئىتراپىلىق مىللىتىم باردۇر ،
ئۇغۇز پۇشتى _مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر .

يۈسۈپ ، مەخمۇت كىتابىغا يىزىلغان نىي باھادارلىق ،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيىت ئەجىرلىك مېنىتىم باردۇر .

يىپەك ، قاشتاش ، گىلەم ، بۇغداي ، بېدە ، قەغەز . . . گە بىز ھەغدا ،
(بۇنى جاڭ چىيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم ، قىممىتىم باردۇر .)

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ

يوللانغان ۋاقتى 2012-04-27 10:39 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

ھايا نۇرى پارلىسا ،ھەر بېقىشتا يۈزىدىن ،

ساداقەتتىن باشقىسى ،كۈرۈنمىسە كۈزىدىن ،

سايىم بولسام مەيلىتى،چىقماس ئىدىم سۈزىدىن ،

شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ،بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟

 

ئىللىق گەپ سۆز ھەركىتى ،ياقسا كىشنىڭ قەلبىگە ،

ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ ،كەلسە ئۇندىن لەرزىگە ،

شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ،

ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،لېكىن شۇنداق قىز بارمۇ ؟

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 5 | تولۇق ئوقۇش

نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش تەس ئەمەس

يوللانغان ۋاقتى 2012-04-15 01:03 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

ئۆزۈم ئادەتتىكى بىر ستۇدېنت بولساممۇ ، بىلىمىمنىڭ يىتەرسىزلىكى ۋە ئىزدىنىشىمنىڭ كەملىكىگە قارىماي ئالىي مەكتەپ ئمتىھانىسىدا يەكۈنلىگەن تەجىرىبلىرىمگە ئاساسەن، مىللىي تىل يېزىقتا ئمتىھان بەرمەكچى بولغان ئىنى-سىڭىللىرىمغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. ئەلۋەتتە ، خەلقىمىزگە يارايدىغان لاياقەتلىك پەرزەنتلەردىن بولۇش ئۈچۈن ، قولىمىزدىن كىلىدىغان كۆز ئالدىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى تارتماسلىقىمىز كېرەك. بىز يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق

كەلسەڭچۇ يار …

يوللانغان ۋاقتى 2012-04-04 15:42 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

باھار كىتىپ يازمۇ كەلدى ، ھېچ كەلمىدىڭ،
بىلەلمىدىم سۆيگۇم قاچان ۋىسال تاپار.
كۆڭلۈم ئۇچتى سېنى ئىزلەپ يىراقلارغا،
كۆزۈم تىككەن شۇ يوللاردىن كەلسەڭچۇ يار.

سامادىكى توپ-توپ باھار قۇشلىرىدن ،
كۆپ سورىدىم؛«مەن سۆيگەن يارىم نەدە بار؟»
ھەر رەت باقسام قۇشلارغا قالدىم جاۋابسىز،
مېنى شۇنداق تاڭ قالدۇرۇپ كەلسەڭچۇ يار.

سانسىز يۇلتۇز جىمرلىغان كۆككە باقسام ،
سېنى ئەسلەپ كۆزلەرىمدىن ئويقۇ قاچار.
يۈرەكلىرىم لەختە بولۇپ بولدۇم بىمار ،
قەلىپلەرگە شىپا بېرىپ كەلسەڭچۇ يار.

ئاپتورى: گۈزەلنۇر ئابلىكىم

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

توۋا!

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-14 09:22 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

كۆيىمەن دىسەڭ ساڭا ئىشىنىپتىمەن توۋا،
سېنى ئۆزۈمدەك ساددا چۈشىنىپتىمەن توۋا.
ئالداپ قويساڭ شادلىنىپ مەن يۈرۈپتىمەن توۋا،
ئەمدى بىلسەم ئەسلىدە خاتا قىپتىمەن توۋا.

يۈرىكىڭدىن چىقماسمۇ ماڭا لايىق جاي توۋا؟،
قوش قوللاپ ئالارسەنمۇ تۇتسامساڭا چاي توۋا؟.
ئەس قاتارمۇ ئېيتقىنا ساڭا تۇلۇنئاي توۋا؟،
ئاشۇ ئايلار يۈزۈڭگە ئاتمىسىدى لاي توۋا.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت

يوللانغان ۋاقتى 2012-01-31 11:09 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

رەسىمىڭگە قارىسام سېنىڭ،

كۆرۈنىسەن  شۇنچە سۆيۈملۈك.

بەختىم دەپلا ئويلىغانىدىم،

بىر سېنىلا جېنىم ئۆمۈرلۈك.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

ئۇنۋېرىستىتقا كىرگەندىن بۇيان

يوللانغان ۋاقتى 2012-01-23 03:56 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم

ئۇنۋېرىستىىتقا كىرگەندىن بۇيان ،
نى گۈزەل ئازۇلىرىم يوقالدى قايان.
  ۋاقتىمنى ئۆتكۈزدۈم ئەزمىلىك بىلەن،
  ئەمەسمىدى ئوقۇشۇم گۈزەل بىر جەريان.

كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ چىقمىسام تورغا،  
چىقتىممۇ ئۆتىدۇ ۋاقتىم بىكارغا.
شۇ كوت-كوتتا كوت-كوت قىلىشىپ،
يېتىمەن دېيىش مۇمكىنمۇ بۈيۈك ئارزۇغا.

 قانداق يەركىن دەپتىمەن ktvدېسە،
ھەيرانلىقتا ئويناپتىمەن پۈتۈن بىر كېچە.
ۋقتىمنى تېگىشىپ ۋال_ۋۇل چىراغقا،
ياشلىقىم خازان بولمامدۇ مۇشۇنداق ئۆتسە.

ئۈچ-تۆتەيلەن بىر بۇلۇپ قۇرۇپ بەزمىنى ،
   بىلمەيلا ئىچىپتىمەن ئۈچ-تۆت روكىنى .
ۋىجدانىمنى سېسىتپ ئاشۇ ھاراقتا،
بۇلغاپتىمەن ئوقۇغۇچىلىق  نامىمنى.

مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
тут мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти человека по номеру мобильного телефона телефонная база билайна москвы база данных поиск адреса по номеру телефона в спб муром телефонная база поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске телефонная казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных номеров imei украденных телефонов поиск людей в ташкенте по номеру телефона тут найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная база частных абонентов тут справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента на сайте телефонная база г самары камышин справочник телефонов учреждений ссылка телефонная база данных россии телефонная база данных ростов адрес по узнать адрес по номеру телефона казань телефонная база санкт петербург адреса ссылка борисов справочник поиск номера телефона по адресу тюмень тут домашняя телефонная база данных онлайн телефонная как калининградский справочник домашних телефонов справочник телефонов в г ташкенте Пора игра sitemap