يازما كۆزنىكى
ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم
كۆيۈش كېرەك ئوتقا ئوت بولۇپ،
بۇ ھىجراندا يەنە كۆيمەيمىز.
جىنچىراقتەك كۆيگەن ئوتلارنى ،
ھەۋەس دەيمىز ئىشقى دىمەيمىز.
قەدىرلىگىن قەدىرلىكىڭنى،
باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن.
ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكتىن،
بىر كۈنلىرى ئازاپ چەكمىسۇن.
كۈلۈش كېرەك زورىغا كۈلمەي،
تىلەكلەرگە تەتكەن چېغىدا.
جانغا زۇلۇم پۇشايمان ھەسرەت،
ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا.
تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا،
زۆرۈر ھەتتا ئىسسق قان بېرىش.
مۈشكۈللەرنىڭ قىيىن مۈشكۈلى،
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش.
سۈبھى تور ژۇرنىلى 3-سان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى ژۇرنىلىنڭ كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلىرى،ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانى كېچىكىپ بولسىمۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ۋاقتىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز.سۈبھى ژۇرنىلى تۇنجى سان چىققاندىن باشلاپ، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشى،سۈبھى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،بارغانسىرى مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، سۈپەت جەھەتتىن ئاز بولمىغان يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە قىلغانلىرىمىز ئەلنىڭ ھەقىقىي رازىلىقىدىن تېخى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىز تىرىشىۋاتىمىز ھەم ئاللاھ خالىسا داۋاملىق تىرىشىمىز. بىز يېقىندا سۈبھى گۇرۇپپىسى قارمىقىدا يەنە ئۈچ تارماق گۇرۇپپا تەسىس قىلدۇق.
بىرىنچى گۇرۇپپا سۈبھى تەرجىمە گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىدا ھازىر تۆت ئادەم بار، كېيىن داۋاملىق ئەزا قوبۇل قىلىمىز،ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ،ئەمما ئەزا بولغۇچىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق، مىننەت قىلماسلىق، ئەستايىدىللىق ۋە قىزىقىش روھى تەلەپ قىلىمىز، نىشانىمىز ھەمكارلىشىپ ئەلگە نەپ تەگكۈدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش.قالغان تەپسىلاتلار يەنە بىر مەخسۇس يازمىدا بايان قىلىندى.بۇ توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
سۈبھى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكى ئۈلگىلىك شەخس ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ياكى ئەدەبىي ئاخبارات تەييارلاپ، ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئاز-تولا نەپكە ئېرىشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شۇ شەخسلەردىن ئۈلگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ گۇرۇپپىغىمۇ ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى، بايقاش ۋە تىل ئىقتىدارى تەلەپ قىلىمىز. بۇ گۇرۇپپىغا ئىمكانقەدەر شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن ئاز دېگەندە بىردىن ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ.
سۈبھى تېخنىكا گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپا ئەسەر قوبۇل قىلىش، ژۇرنالنى بەتكە تىزىش،تارقىتىش،مالىيە، تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، بەلكىم كېيىنچە ھەرخىل كومپىيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش، دەرسلىك ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە، بىز مەلۇم تېخنىكا ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى، ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق باشقىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىشىگە موھتاجمىز، ئوخشاشلا تەكلىپ-پىكىر، تېخنىكا ياردەملىرىنى قوبۇل قىلىمىز.
ئەگەر يۇقارقى گۇرۇپپىلارنىڭ خالىغان بىرىگە ئەزا بولماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قېرىنداشلار، قەلبىمىزدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش نىيتىمىز بار-يۇ،لېكىن ئىقتىدارىمىز، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى قاتارلىقلارنىڭ كەمچىللىكى، پىلانلاش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق جەھەتتە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولالمىدۇق، ياكى سۈپەتلىك قىلىپ بولالمىدۇق. شۇڭا ھەر ساندا تەكرارلاۋاتىمىز، بىز قوللاشقا،تەكلىپ-پىكىر، خالىس ياردەمگە موھتاج. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارغا ئۇتۇق، ھاياتىڭلارغا سائادەت تىلەيمىز. بىلنۇر بلوگى: www.bilnur.comئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرى:www.uystudent.com
بۇ سان مۇھەررىرلىرى : ئابدۇسەمەد ئابدۇخالىق، ئابلىز ئەخمەت، مىنەۋەر تۇرسۇن.
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟
كۈتە-كۈتە ، كۈتە -كۈتە، مانا توپتوغرا بىر ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى، icpبىجىرىمەن دېگەنگىمۇ بۇرنىمغىچە تويدۇم ، ئەمما بەل قويىۋەتمىدىم ، ئىككى قېتىملىق سەۋەبسىزلا قايتۇرۇلۇش ماڭا ھەقىقەتەن ھار كەلدى ، ئاخىرى جىلىن ئۆلكىلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلفون قىلىپ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇلۇش سەۋەبىنى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنىڭ 20نەچچە كۈنگىچىمۇ تەستىقلىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇش سەۋەبىنى« ماتىريالىڭ تولۇق ئەمەسكەن »دېدى، لېكىن ئۇ جاۋابىغا قايىل بولماستىن يەنە ئىچكىرلەپ سورىغىنىمدا ئىش بجىرگۈچى خادىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى، ئۇنداقتا بوپتۇ بۇ قېتىم ھەممە ماتېريالىم تولۇق يەنە نېمىشقا مۇشۇۋاقىتقىچە تەستىقلىمايسىلەر دەپ سورىغىنىمدا، «بىز ئۇيغۇرچە ئۇقمىساق ، سېنىڭ تور بېكىتىڭگە نېمە مەزمون قويۇلدى بىلمىسەك قانداق تەستىقلايمىز ، خەنزۇچە قۇرغان بولساق تەستىقلايتۇق»دەپ جاۋاب بەردى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىمنى باسالمايلا قالدىم ، ئەگەر نوپۇسۇم شىنجاڭدا بولغان سىلەرنىڭ icpىڭلارنى بىجىرىمەن دەپ ئولتۇرماس ئىدىم، (بۇ يىل نوپۇسۇمنى يۆتكەپ ئەكىلۋالغان چاڭچۈنگە)مۇناسىۋەتلىك قانون نىزاملارغا ئاساسلانغاندىمۇ سىلەرنىڭ تور بېكەتنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەستىلىمايمىز دېگىنىڭلار قانونغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دېدىم ، ئاچچىقىمدا يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن« ئەمسە بىز شىنجاڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقلىشىپ باقايلى تور بېتىڭنى كۆرۈپ باقسۇن » دېگەن جاۋابنى بېرىپلا تېلفوننى قويىۋەتتى. تېلفوننى قويىۋېتىپ ئويلىسام ئاچىقىمدا ۋارقىراپ دېگەندەك سۆزلەپ كېتىپتىمەن ، ئىشكىردە ھازىرغىچە ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا بۇنداق ئىشلارغا تولا ئۇچرىغاچقىمىكىن ، خېلى كۆنۈككەنىدىم. بۇ قېتىممۇ تەستىقلانمىسا بولدى بىجىرمەيلا قويۇپ بلوگنى مۇنبەرنى ئېچىۋېرەي تاقىۋەتكەندە بىر گەپ بولا دېگەن قارارغا كېلىپ بولغانىدىم. تۈنۈگۈن چۈشتن كېيىن بالىلار بىلەن پۇتبول ئوينىغىلى مەيدانغا چىقىپ ئارىلىقتىكى قىسقا دەم ئېلىشتا تېلفونىمغا قارىسام ئىككى تال ئۇچۇر تۇرىدۇ، ئېچىپ قارىسام ئىلتىماسىڭ تەستىقلاندى دېگەن ئۇچۇر . ئاللاھ غا شۈكرى ھە نېمە بولسا تەستىقلىنىپتۇ، دەپ باشقىدىن خۇشال كەيپىياتتا توپ تەپكىلى چۈشتۈم.
بلوگ يېزىۋاتقان بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئوقۇشۇم ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن بەزىدە يازما يېڭىلانماي تۇرۇپ قالغان چاغلارمۇ بولدى، سەل-پەل بېسىم ھېس قىلغاندەك بولدۇميۇ، لېكىن بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى كەپەمدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم ، بلوگ يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، سىرداشتىم، بۇنداق ئۇچرىشىش ، سىردىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ھايات ھەقىقەتلىرىنى تۇنۇپ يەتتىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بلوگۇم مېنى پىشىپ يېتىلىشكە ، توختىماي تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەۋاتامدۇ نېمە، دەپ. قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە بلوگوگقا بولغان مېھرىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى بۇ قېتىمقى بىر ئايلىق تاقاشتا ھېس قىلغاندەك بولدۇم. قايسى بىر ئەدىب ئېيتقاندەك «تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ»، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەپەككۇر ئۈنچىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.
تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى
كېچە ھەممە شېرىن ئۇيقۇدا،
پەقەت مەنلا يالغۇز كوچىدا.
كوچا چىرىغى ئۆچتى تۇيۇقسىز ،
پۇچىلانغان ۋىسال ئىشقىدا.
قاراڭغۇغا جۆر بولدى ھىجران،
ئەسلىمەڭنى قالدۇرۇپ چەتتە.
ئەمەسمىدى سۆيگۈم گۇناھسىز،
سېنى سۆيگەن پاك شۇ قەلبتە.
ئۇنتۇش ئۈچۈن بارچە ئازاپنى،
جىمجىتلىقنى كۆزلەپ ماڭىمەن.
تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى،
شاماللارنىڭ ئاچچىق كۈلگىنى.
بىلنۇر قەلىمى
شەھىرى چاڭچۈن
سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا ئالاھىدە بىلدۈرگۈ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى ژۇرنىلىنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى.ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىككىنچى سانى مانا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بىرىنچى سان ژۇرنال نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى،شۇنداقلا بىز ئۇلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ئەسەر ئەۋەتىپ بۇ سان ژۇرنىلىمىزنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى،بىز كەلگەن تەكلىپ پىكىرلەر ۋە ئەسەرلەرگە ئاساسەن بۇ سان ژۇرنالنى ئۆزگىچە،سۈپەتلىك قىلىپ چىقىرىشقا تىرىشتۇق،لېكىن ئىنسانچىلىقتا نۇقساندىن خالىي بولماق تەس،ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ سان ژۇرنىلىمىزدا يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبىئىي.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز شۇنداقلا ئايىماي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بىز ھەممىمىز بىر ئىمارەتكە ئوخشايمىز، خۇددى ئىمارەتنىڭ قىشلىرى بىر-بىرىگە مەھكەم جىپىسلىشىپ،يېپىشىپ تۇرغاندەك، بىزمۇ ئورتاق تىرىشساق،قوللىشىپ،تۈرتكە بولۇشساق،ئىنشائاللاھ ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئالغا باسقۇسى.ئۆزىنى ئىمارەتنىڭ بىر تال خىشى ھېسابلايدىغان ھەر بىر قېرىندىشمىزدىن يەنە كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز،ئىلىم ئېلىش يولىدا قىزغىن بولۇپ، بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىپ،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشسەك،ياشلىق ھاياتىمىزنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەستىن،ئەھمىيەتلىك،ئىككى دۇنيا قىممەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلساق،ئۆزىمىزدە ئىجادچان،تەپەككۇرغا باي،ئاكتىپ روھى ھالەت يېتىلدۈرسەك. ئىجاد قىلايلى، «مەن قىلالمايمەن»،«قىلغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەندەك پاسسىپ روھى ھالەتلەرنى چۆرۈۋېتىپ،ئۆزىمىز قىزىققان ساھەلەردە ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقايلى،ئەسلى بۇ ژۇرنالنى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال قىلىپ چىقىش پىلانىمىز بار ئىدى،ئەپسۇس ئارىمىزدا تەبىئىي پەن جەھەتتىن ئىزدىنىپ كىچىك تېمىلاردا بولسىمۇ ئىزدىنىپ،قەلەم تەۋرىتىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن، بۇ قېتىممۇ تەبىئىي پەن ماقالىلىرىدىن بىرنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق،گويا بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى پەقەت دوكتۇر،تەتقىقاتچىلارلا يېزىپ باشقىلار يازسا بولمايدىغاندەك ھېچكىمدىن سادا بولمىدى،ئەلۋەتتە بىز ئۇنچىۋالا يۇقىرى تەلەپتە يازمىساقمۇ ئاددى تېمىلاردا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشساق بولاتتىغۇ! شۇڭا ھەر يەرلەردە ئوقۇۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىق تەبىئىي پەن ماقالىلىرىنى يېزىپ بېقىشىنى ۋە خالىغانلارنىڭ ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىپ بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۈمىدلىرىمىز مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن،ئەمدى بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق:
ئەسەرنى ئىمكان بار رەتلىك يېزىپ ئەۋەتسەك،ئۆلچەملىك خەت باسالايدىغانلار بېسىپ ئەۋەتىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى، ئەگەر خەتنى ئۆلچەملىك باسالمايدىغانلار ياكى ۋاقتى يوقلار،ئالدى بىلەن ئەسەرنى قەغەزگە رەتلىك يازغاندىن كېيىن، سۈزۈك قىلىپ رەسىمگە تارتىپ،بىزنىڭ ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىمىز((svbhii@163.comغا ياكى (uystudent.com) –ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىكى مەخسۇس سەھىپىگە ئەۋەتىڭ.
سۈبھى تور ژۇرنىلىمىزنى ئىككى سان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش جەريانىدا،ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مۇئەييەن قىيىنچىلقلارغا ئۇچرىدۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىدىن كېيىنكى داۋاملىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلىم سۆيەر،ژۇرنىلىمىزنى قوللىغۇچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى لايىق تاپتۇق. ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىمىزغا خەت قالدۇرۇڭ!ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
بۇ سان مۇھەرىرلىرى:
ئابدۇسەمەت ئابدۇخالىق ، ئابلىز ئەخمەت ، مىنەۋەر تۇرسۇن
ژۇرنالنى چۈشۈرۈش
ياپونلۇقلارنىڭ سالاملىشىش ئۇسۇلى
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ياپونىيە قايدە-يوسۇننى مۇھىم بىلدىغان دۆلەت.ياپونىيە جەمىيىتىدە سالام سالام-ساھەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ،بۇ خىلدىكى سالاملىشىش پەقەتلا ئادەتتىكى سالاملىشىش بولۇپلا قالماستىن ،ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ باشلانمىسى دەپ قارىلىدۇ. كۆرۈشكەندە ئۆز-ئارا ئەھۋال سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز-ئارا تەزىم قىلىندۇ،قول ئېلىشىپ ياكى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ.
تەزىم قىلغان ۋاقىتتا بېشى تۆۋەنگە سېلىندۇ،قانچە بەكرەك ئېگىلسە قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمىتىنىڭ شۇنچە چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما ئادەتتىكى سالاملىشىشتا ئازراق ئېگىلسىلا بولىدۇ.تەزىم قىلغان ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ ئىككى قولى بەدىنىنىڭ يېنىغا سېلىنغان ھالەتتە،ئاياللارنىڭ ئىككى قولى بەدەننىڭ ئالدىغا چىقىرىلىپ كېسىشكەن ھالەتتە بولىدۇ.سۇپىدا يۈكىنىپ ئولتۇرغاندا،قارشى تەرەپكە يۈزىلىنىپ ئولتۇرۇشى ،سالاملاشقاندا ئىككى قولىنى لېپىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قارشى تەرەپكە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.ياپونلۇقلارنىڭ سۇپىسىغا كۆنۈكمىگەنلەر ئوزۇن ۋاقىت ئولتۇرسا پۇتى ئۇيۇشۇپ قالىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،ئەلەر باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسا بولىدۇ.ئاياللار ئىككى پۇتىنى سەل يانغا سېلىپ ئولتۇرسابولىدۇ،ئەمما باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسا بولمايدۇ.
ياپون تىلىدا ئوخشىمىغان ۋاقىت،ئوخشىمىغان سورۇن،ئوخشىمىغان سالاھىيەتكە قاراپ،سالاملىشىش تىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ياپونلۇقلار ھاۋارايى ئەھۋالىنىمۇ سالاملىشىش سۆزى سۈپىتىدە قولىنىدۇ.مەسلەن:«بۈگۈن ھاۋا ھەقىقەتەن ياخشى ھە!»،«بۈگۈن نېمانچىۋالا ئىسسىق»،«شۇنداق يېغىپ كەتتىغۇ بۇ يامغۇر»-دېگەندەك.
ياپونلۇقلار خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە،ئۆز ئارا ئىسىم كارتىسى ئالماشتۇرىدۇ.ئىسىم كارىتىسىدا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى،ئادرېسى ،فاكىس،ئېلكتروونلۇق پوچتا ساندۇق نۇمۇرى شۇنداقلا كەسپى قاتارلىقلار يېزىلغان بولىدۇ.ئىسىم كارتىسىنى قارشى تەرەپكە سۇنغاندا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى دېيىش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپكە كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز،كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قوياسىز قاتارلىق قائىدە يوسۇن سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىسىم كارتىسىنى قوش قوللاپ قارشى تەرەپكە سۇنۇپ بېرىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم كارىتىسنى ئېلىشتىمۇ قوش قوللاپ ئالىدۇ.ئىسىم كارتىسى ئۈستىگە خالىغانچە خەت يېزىش،پۈكلەش،شۇنداقلا ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەمىسى قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى ئوقۇم ياپون تىلى «ياپونىيە مەدەنىيىتى ۋە ياپونىيە جەمىئيىتى 1»
بىلنۇر تەرجىمىسى 2013-يىل 20-ئاپرېل
سۈبھى تور ژۇرنىلى 1-سان، كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار!شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ،شۇنداقلا ئىلىمخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا،ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە سۈبھى تور ژۇرنىلىنىڭ 1-سانى رەڭلىك ۋە رەڭسىز ئىككى خىل نۇسخىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئالدى بىلەن بۇ سان ژۇرنالغا ئۆزىنىڭ ئىجادىي،يېڭىچە تېمىلىرىنى ئەۋەتىپ بىزنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئۆزىنىڭ تېتىملىق تېمىلىرى بىلەن ژۇرنىلىمىزنى تەمىنلەپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:بىز ۋە ئاپتورلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ، ژۇرنىلىمىزدىكى ئەسەرلەر ھەممىسى شەخسنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى بولۇپ، خالىغانچە كۆچۈرۈپ باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا،ئۆزگەرتىپ قالايمىقان پايدىلىنىشقا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بىزنى قوللاي دېسىڭىز، بۇ ژۇرنالنى تارقىتىڭ،ئەسەر ئەۋەتىڭ،تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ،لايىھىلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىڭ.
ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەر مۇشۇ مۇنبەردىكى ›سۈبھى تور ژۇرنىلى‹ سەھىپىسىگە ، ياكى سۈبھى ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقى (svbhii@163.com) غا ئەۋەتىڭ.
ژۇرنالنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى: رەڭلىك نۇسخىنى چۈشۈرۈش
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن،
ياندىمۇ ئۆچۈرۈش بەكمۇ تەس ئىكەن.
يۈرەكۇ باغرىڭنى ئەيلەپ جاراھەت،
ھىجران چۆللىرىنى كەزدۈرەر ئىكەن،
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دىگەن،
تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن .
ئىەگەر ئۇ تارتمىسا ھىجران ئازابى ،
يەتمەك ۋىسالغا بەس مۈشكۇل ئىكەن .
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن ،
يۈرەكنى زەرداپقا تولدۇرار ئىكەن .
بولمىسا گەر سۆيگۈگە چاڭقىغان قەلب،
تەقدىرنىڭ قىسمەتنىڭ قۇربانى ئكەن .
ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن،
ئۆزگىلەر ئۆزگىچە نام قويار ئىكەن.
بولمىسا گەر پاك قەلب ۋىجدان ئگسى ،
پاتقاققا مىنەلگەن سېسىق چۆپ ئىكەن .
بىلنۇر شەھىرى چاڭچۈن
ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
(ئىلھام ئەنۋەر نۇر ئوغلى)
ئورۇۋاپسەن يۈزۈڭنى بەكمۇ گۈزەل ھىجاپتا،
سىرغا تولغان رۇخسارىڭ پەرىشتىدەك كۆرۈنىدى.
نامەھرەملىك كۆزۈڭدىن خالىي ئەمدى خىيالىم،
شۇئان ئەركەك خىسلىتىم يۈرۈكىمدە تۇغۇلدى.
قوغداي دېدىم يۈرەكتىن ئوراپ سېنى ھىجابتەك،
تەڭرى بىزنى سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقان.
ئىپپەت سىنىڭ ۋەتىنىڭ،ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى،
بۇ مۇقەددەس بۇرۇچنى تەڭرى بىزگە تاراتقان.
شۇ نىيەتتە ئاجىزەم يەڭنى تۈردۈم بىلەككە،
جاكارلىماق بولدۇم ھەم ئىخلاسىڭنى دۇنياغا.
لىكىن بۈگۈن ئايلاندى بارچە ئارمان كۆپۈككە،
چۈشۈپ كەتتىم نالىدە يەتكەن چاغدا قىياغا.
مەيلى كەتكىن يىراقلارغا كەت
سېنى كۈتتۈم ئەسلا كەلمىدىڭ ،
بارچە ئازاپ ھىجرانغا قۇيۇپ .
ئۇنتۇپ ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ،
سالماقچىمۇ سۆيگۈمگە قۇلۇپ.
چۈشلىرىمدىن ھېچ كېتەلمەيدۇ ،
ئوماق كۈلكەڭ قاپقارا كۆزۈڭ.
توسۇشقا چۈشنى مەندە نەچارە،
كۆيدۈگەن سۆيدۈرگەن يەنىلا ئۆزۈڭ.
قىلىشقان شۇ ۋەدىلىرىمىزگە،
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار گۇۋا .
قالدۇرۇپ سۆيگۈنىڭ مەنزىلىرىگە،
سايە تاشلاپ ئاچىق ئەسلىمە.
ئۈنسىز ئاقىدۇ كۆزلرىمدىن ياش ،
چىدالمغاچ ھىجران دەردىگە،
تاشلاپ كەتسەڭ كېتىۋەر مەيلى،
يېتىسەن ھامىنى سۆيگۈم قەدرىگە.
مەيلى كەتكىىن يىراقلارغا كەت ،
ئەسلىمىلەرنى بىللە ئېلىپ كەت.
مۇھەببەتنى توزغاق گۈل قىلىپ ،
چېكەڭگىلا مەھكەم قىسىپ كەت.
ئۆز قەلىمىم