يازما كۆزنىكى
يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى
يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەد خاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1490 -يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن بىللە تاغىسى مەھمۇد خاننىڭ ئۆزبېك خانى شاي بانىخانغا قارشى تۇرشىغا ياردام بېرىش ئۇرۇشىدا يىڭىلىپ قالدى. شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندا، سۇلتان سەئىدخان ئوق تېگىپ ئەسىرگە چۈشتى ۋە زىندانغا تاشلاندى .
ھېيتگاھ جامەسى
ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
موللا مۇسا سايرامى
موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى مىلادى 1836 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتا باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھىيە توقسۇ يېزىسى ئاناقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. موللا مۇسا سايرامىنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى زاماندا باي ناھىيىسى تەۋەسىگە تونۇلغان ئىلمىي ۋە دىنىي زات بولۇپ، ئوغلى مۇسانىڭ (مۇسۇر ئاخۇننىڭ) ئىلىم ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەربىيىسىگە ئۇنىڭ گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەرىسىلىك قىلغان سايرام مەدرىسىدە ئوقوتۇپ باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە قىلغان ۋە 11 يېشىدا كۇچادىكى «ساقساق» مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ مەدرىسىنىڭ ئاساسلىق
بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى=北京大学=Beijing University
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى- جوڭگۇ يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى
كىشىلەر ئەنگىلىيە مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا كامبىرىج ۋە ئوكىسفوردنى، ئامېرىكا مائارىپى تىلغا ئېلىنسا ھارۋاردنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندەك جۇڭگۇ ئالى مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.
بېيجىڭ شەھرى خەيدىيەن رايونىدا ئاجايىپ ئاۋات بىر جاي بار، ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئېلىكترون مەركىزى، داڭلىق ئېلىكترۇن سودا -سارايلىرى جايلاشقان ئورۇن جوڭگۇەنسۇن(中关村)، بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئېلىكتىر تاۋارلىرى بىلەنلا ھەممىگە تونۇش بولۇپ قالماي، يەنە ئۆزىگە جايلاشقان ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتى ۋە 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى، ھازىرقى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئۇنۋېرسىت بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى بىلەنمۇ نام چىقارغان.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
1.مىللەتلەر باغچىسى-مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى:
بىرىنچى بۆلەك،ئومۇمىي بايان:
بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونىغاجايلاشقان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي مائارىپ ئورگىنى.بىردىنبىر 56 مىللەت ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر بار بولغان ئالىي مەكتەپ.دۆلەتلىك ”211قۇرۇلۇشى“،“985قۇرۇلۇشى“دىكى نۇقتىلىق ئورۇن.
ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە قۇرۇلۇشلىرىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى، كۈتۈپخانا،يېڭى ئوقۇتۇش بېناسى،تۆت ئەتراپ قورشاپ سېلىنغان ئېگىز ياتاق بېناسى(28-بېنا)،مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى بار.بولۇپمۇ كۈتۈپخانىسى بىلەن ئالاھىدە تەنتەربىيە مەيدانى
جوڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتى
北京交通大学
http://www.bjtu.eu.cnبېيقىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى
北京大学
http://www.pku.edu.cnبېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
北京广播学院
http://www.bbi.edu.cnبېيجىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
北京航空航天大学
http://www.buaa.edu.cnبېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم(روزى سايىت)
1
نەسەبتە كۈللى ئالەم ئىتراپىلىق مىللىتىم باردۇر ،
ئۇغۇز پۇشتى _مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر .
يۈسۈپ ، مەخمۇت كىتابىغا يىزىلغان نىي باھادارلىق ،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيىت ئەجىرلىك مېنىتىم باردۇر .
يىپەك ، قاشتاش ، گىلەم ، بۇغداي ، بېدە ، قەغەز . . . گە بىز ھەغدا ،
(بۇنى جاڭ چىيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم ، قىممىتىم باردۇر .)
بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
ھايا نۇرى پارلىسا ،ھەر بېقىشتا يۈزىدىن ،
ساداقەتتىن باشقىسى ،كۈرۈنمىسە كۈزىدىن ،
سايىم بولسام مەيلىتى،چىقماس ئىدىم سۈزىدىن ،
شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ،بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ئىللىق گەپ سۆز ھەركىتى ،ياقسا كىشنىڭ قەلبىگە ،
ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ ،كەلسە ئۇندىن لەرزىگە ،
شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ،
ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،لېكىن شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ماقالىلىرى(ئېلكىتاب)
ئاپتورنىڭ تورغا چىقىرىلغان بىر قىسىم كىتابلىرىدىكى ماقالىلىرىنى توپلاپ ئېلكىتاب قىلىپ قىلىپ تارقاتتۇق ،بۇ ئېلكىتابقا ئالىمىمىزنىڭ ‹سەۋدالىق تەئەجۈبنامىسى›،‹تارىخ قانداق يېزىلىشى كېرەك› ، ‹ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت› ،‹يىپەك يولىدىكى بىباھا بايلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى › قاتارلىق ماقالىلىرى كىرگۈزۈلدى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش تەس ئەمەس
ئۆزۈم ئادەتتىكى بىر ستۇدېنت بولساممۇ ، بىلىمىمنىڭ يىتەرسىزلىكى ۋە ئىزدىنىشىمنىڭ كەملىكىگە قارىماي ئالىي مەكتەپ ئمتىھانىسىدا يەكۈنلىگەن تەجىرىبلىرىمگە ئاساسەن، مىللىي تىل يېزىقتا ئمتىھان بەرمەكچى بولغان ئىنى-سىڭىللىرىمغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. ئەلۋەتتە ، خەلقىمىزگە يارايدىغان لاياقەتلىك پەرزەنتلەردىن بولۇش ئۈچۈن ، قولىمىزدىن كىلىدىغان كۆز ئالدىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى تارتماسلىقىمىز كېرەك. بىز يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق