يازما كۆزنىكى
ياپون تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياپون تىلى گىرامماتىكىسى (ئېلكىتاب)
مەن ياپون تىلى ئۆگىنىۋاتقلى بىر يىل بۇلاي دېدى بۇ جەرياندا نۇرغۇن ياپون تىلغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۆردۇم ،بۇگۇن توردىن ياپون تىلنىڭ دەسلەپكى سەۋىيىسىدىكىلەرگە ماس كېلدىغان ياپون تىلى گىرامماتىكىسىنى ئۇچرىتىپ قىلىپ ئېلكىتابىنى ئىشلەپ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلىدىم ،ياپون تىلى ئۆگۈنۋاتقان دوستلار بولسا چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ،ياپون تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ماتريال ۋە ياكى ئوقۇش ئۇچۇرى بولسىمۇ چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.
دەسلەپكى سەۋىيە ياپون تىلى گىرامماتىكىسى ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى قۇرۇلۇپ ئۈچ ئاي بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ بۇ جەرياندا مۇنبەردىكى ئاتامانلانىڭ ياردىمىدە تېخنىكا جەھەتتىن نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ ، بلوگ ئاساسى جەھەتتىىن نورماللاشتى ،بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى تورداشلىرىمىز نىڭ بلوگقا بولغان تۇنۇشى يېتەرلىك ئەمەسكەن ،بلوگلارغا كىرگۈسىمۇ كەلمەيدىكەن ،ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولساق چەت ئەللەردە بلوگلارنىڭ زىيارەت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرىكەن ھەتتا بەزى بلوگلار نىڭ زىيارەت مىقدارى خېلى چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ زىيارەت مىقدارىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن ،بىزنڭ بلوگچىلرىمىزنىڭ ئچىدە زىيارەت مىقدارى يۇقىرلىرى ئىنتايىن ئاز بار دىيىلسىمۇ بىرى مەخسوسلاشقان كەسپى بلوگلار ،يەنە بىرى بلوگچىلار ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بلوگلا ر،ئەمما ئەدىبى يازمىلار نى ئاساس قىلغان شۇنداقلا باشقا تۈردىكى بلوگلارغا قارايدىغان بولساق زىيارەت مىقدارى 50 كە ئاران ئۇلىشىدۇ ،شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم بلوگلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى شەرت قىغان ئاساستا تورداشلار ئىدىيىسىدىكى بلوگقا بولغان تۇنۇشنى قانداق قىلساق يۇقىر كۆتۈرۈش ،بلوگقا بولغان توغرا قاراش مەسلىسى.
قارايدىغان بولساق بلوگلىرىمىز جەمىيىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلار ،ئەدىبىياتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىستىتىك قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ لېكىن بۇنى ئوقۇيدىغان ئادەم يوق ئۇ مۇنبەر بۇ مۇنبەردە قۇرۇق مۇنازىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇشقا ،بىر-بىرىنى سېسىتىشىپ گەپ سېتىشقا ،كوت كوتتا بىكار پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا رازىكى بلوگلارغا كىرىپ بىرەر يازمىغا ئىنكاس يېزىشقا ئېرىنىدۇ ،،بلوگچىلار دىن باشقا تور ئابونتىلىرىنىڭ بلوگلارغا كىرىپ ئىنكاس يېزىش زىيارەت قىلىش ئاز بۇلۇش تىن ئىبارەت ھازىرقى بلوگچىلىقىمىزدىكى ناتۇرال ھالەتتىكى تەرەقىيات بلوگچىلىرىمىزغا ھارغىنلىق شۇنداقلا بلوگ يېزىشقا بولغان سۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭا بىز بلوگچىلار باشقا تور ئابونتلىرىنى جەلىب قىلىش ئوسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى .
ئورخۇندﯨن جەۋھەرلەر(2قىسىم)
ئۆز تارىخىنى بىلىش ھەر بىر كىشىگە نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيەت ، ئۆز تارىخىىنى بىلمەسلىك ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ ،مانا ئورخۇن ئۇيغۇر تورى يىغىپ توپلىغان ‹ئورخۇندىن جەۋھەرلەر ناملىق ئېلكىتاب ›تارىخنى چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق ماتىريال تەمىن ئېتىدىغان ياخشى قۇرال سۇپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ چۈشۈرۈپ پايدىلانغايسىىزلەر ،ماتىرياللار توردىن توپلانغان بولغاچقا سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنامىغان بۇلۇشى مۇمكىن ،بەزى ماقالىلەرگە تەنقىدى يۇسۇندا مۇئامىلە قىلساڭلار
ئورخۇندىن جەۋھەرلار 1-قىسىم
ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنگىلىزتلى گىراماتىكىسى(ئېلكىتاب)
تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇش ئۇچۇرى
چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارغا پايدىلىق بىر ئۇچۇرنى مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن. مۇرات ئەپەندىنىڭ خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى تۆۋەندىكىچە:
ھۆرمەتلىك تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرى:
بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەردىن، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەكىلىپ ئوقۇتماقچى. ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە توردىن تىزىملىماقچى.
تورنىڭ ئادرىسى بولسا:
http://www.ytb.gov.tr/index.php/ … 87-turkiye-burslari
كۆرىنگەندەك، بۇ توربىتى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ رەسىمى (ھۆكۈمەت) تور بىتى،،،،،،،.داۋامىغا قىزىقسىڭىز،،،،،
بۇ توربىتىدە: تۈركچە، ئەرەپچە، خەنزۇچە دىگەندەك 6 خىل تىلدا ئىلان بىرىلگەن. ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش 4-ئاينىڭ
دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىللار ۋە ئۆگىنىش توربەتلىرى – [تىل ئۆگىنىش]
دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللار مەۋجۇت، بەزى تىللار دۇنياۋى تىللارغا ئايلانغان بولسا بەزى تىللار ئاسسىمىلاتسىيە بولۇش گىردابىغا قاراپ ماڭماقتا. بەزى تىللار ئاللا بۇرۇن يوقالغان. بۇ تېمىدا سىز ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان 100دىن ئارتۇق تىللارنىڭ 320 دىن ئارتۇق تىل ئۆگىنىش تور بېتى تەمىنلەندى. بۇ تىللارنىڭ بەزىلىرى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولسا بەزىلىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان تىللار، بەزى تىللارنىڭ ھازىرقى زامان ۋە قەدىمكى زامان تىللىرىنى ئۆگىنىش تور بېتىمۇ بېرىلگەن. سىز ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان تىللارغا مۇناسىۋەتلىك توربەتلەردىن رازى بولغىدەك بىلىملەرگە ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىن.داۋامىغا قىزىقسىڭىز،،،،
چۈشنىڭ بېشارىتى
دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پسىخولوگلار بېشارەت ھادىسىلىرىنى تەجرىبىخانىدا تەتقىق قىلىپ كەلمەكتە. بېشارەت توغرىسىدىكى تىپىك تەجرىبىلەرنىڭ بىرىـ ھەر قېتىم بىر دانە ئوشۇقنى ئېتىشتىن ئىلگىرى، سىناق قىلىنغۇچىغا ئوشۇقنىڭ قايسى بەلگىلىك يۈزى يۇقىرىغا قاراپ چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقۇزۇش بولدى.
دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سىناق قىلىنغۇچىنىڭ بېشارەىتىنىڭ توغرىلىقىغا ئېھتىماللىق ستاتىستىكىسى بىلەن باھا بەرگەن. بۇ ئۇسۇل ئىلگىرىكىدەك تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان رەقەملىك ئاساسلارغا قاراپلا باھا بېرىدىغان ئۇسۇلغا زادىلا ئوخشىمايدۇ، بۇ سىناقلاردا “ توغرا چىقتى “ بىلەن “ توغرا چىقمىدى“ نىڭ نىسىبىتى ستاتىستىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىتىلسون جەمەتى فوند جەمئىيىتى بىلەن سېلىشتۇرما پەلسەپە جەمئىيىتى 1962- يىلى دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىغا چۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ بەردى. بۇ تەجرىبىخانىنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى ئالىم ئېلمان ئىدى.كېيىن ئۇ باشقا ئىشلار بىلەن بەند بولۇپ قالغانلىقتىن مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىستانىل كىرىپنا ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار قوللانغان ئۇسۇللارنى، بولۇپمۇ بېشارەتكە ئائىت تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئېلمان كەشىپ قىلغان.داۋامىغا قىزىقسىڭىز ….
كەلسەڭچۇ يار …
باھار كىتىپ يازمۇ كەلدى ، ھېچ كەلمىدىڭ،
بىلەلمىدىم سۆيگۇم قاچان ۋىسال تاپار.
كۆڭلۈم ئۇچتى سېنى ئىزلەپ يىراقلارغا،
كۆزۈم تىككەن شۇ يوللاردىن كەلسەڭچۇ يار.
سامادىكى توپ-توپ باھار قۇشلىرىدن ،
كۆپ سورىدىم؛«مەن سۆيگەن يارىم نەدە بار؟»
ھەر رەت باقسام قۇشلارغا قالدىم جاۋابسىز،
مېنى شۇنداق تاڭ قالدۇرۇپ كەلسەڭچۇ يار.
سانسىز يۇلتۇز جىمرلىغان كۆككە باقسام ،
سېنى ئەسلەپ كۆزلەرىمدىن ئويقۇ قاچار.
يۈرەكلىرىم لەختە بولۇپ بولدۇم بىمار ،
قەلىپلەرگە شىپا بېرىپ كەلسەڭچۇ يار.
ئاپتورى: گۈزەلنۇر ئابلىكىم
‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
تارىخى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ھەر قايسى تارىخىي زامانلاردا يارىتىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى يوقىلىپ كەتتى، تالان- تاراجقا ئۇچرىدى. ئېچىنىشلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىشتا زور دەرىجىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولۇپ، تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ يارقىن سېيمالىرى خۇنىكلىشىپ كەتتى. باشقىلار ئۆز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىشىپ، مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىى خېلى ئۇزاق زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى باشقىلار نىمە دېسە شۇ بولۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قېلىۋەردى. پەقەت تارىخ چاقى چۆرگىلەپ ⅧⅩ ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشلىرىگە تەۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئارقا- ئارقىدىن ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىللەردە ئەڭ مۇكەممەل يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى شاھانە ئەسەرنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى قارا تۇمانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى قامۇسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت، تارخ تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
تۇركى تىللار دىۋاننىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ 3بۆلەككە بۈلۈپ يوللاندى
1-قىسىم