مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مۇقىملىقىنى قوغداش ئىدىيۋى-سىياسى تەربىيە خىزمەت پىلانى
ئومومى ئەھۋال
xxx
مەكتىپىمىزدە مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ،ئىلمى بۆلۈم،مالىيە بۆلۈم، ئىتتىپاق كومتىتى، پىئونىرلار باش ئەتىرىتى،ئاياللار كومتىتى ،ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلغان.
مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى مەكتىپىمىزنىڭ سىياسى ئىجتىمائى مۇقىملىقىنى قوغداش،ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار سىياسى ئىددىۋى تەربىيسىنى كۇچايتىپ،مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش،پارتىيە قۇرۇلۇشى،ئىتتىپاق قۇرۇلۇشى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىناقلىقى، مەنىۋى،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىر سۈرۈش،مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنىچ-ئامان بولۇش مىخاينىزىمنى تۇرغۇزۇپ،مىللى بۆلگۈنچىلىككە ،قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش،دىننى ئىددىينىڭ مەكتەپكە ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى قەتئى چەكلەش،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكى خىزمەت پىلانى تۈزۈلدى.
1.مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى مەكتەپنىڭ سىياسى ئىددىيۋى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سىياسى نەزەرىيە ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ سىياسى نەزەرىيە سەۋىيسىنى ئۆستۈرىدۇ.سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم،بايرىقى روشەن ھالدا سىياسى سەزگۈرلىكىنى ،ئالدىن پەرق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ،مىللى بۆلگۈنچىلىك ،قانۇنسىز دىننى ھەركەتلەرگە قارشى تۇرۇش،دىننىڭ مائارىپ بازىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى قەتئى چەكلەش توغىرسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى ئىددىيۋى تەربىينى ،مۇقىملىق بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۇچايتىدۇ.پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ روھى بويىچە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق ،ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا بولغان يىتەكچىلىكنى كۇچايتىدۇ.پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش بويىچە تەربىيلەش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ سىياسى نەزەرىيە سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ مىللى بۆلگۈنچىلىككە ،قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇدۇ.مەكتەپنىڭ سىياسى ئىجتىمائى مۇقىملىقىغا ،تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇلۇشىغا، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنى قۇرۇپ، ھەر يىلى ھەر مەۋسۇمدا سىياسى ئىددىيۋى تەربىيە خىزمەت پىلانى تۈزۈپ ،سەزگۈر ئاي،سەزگۈر كۈنلەردىكى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىكى خىزمەتلەردە پارتىيە ئەزالىرى ،ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنى كۈزۈتۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشى،ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ،مۇقىملىق مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ مۇقىملىققا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2.مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ،پارتىيە ئەزالىرى ،ئىتتىپاق ئەزالىرى ئارىسىدا ماركىسىزىملىق بەش قاراش تەربىيسى،ئاتئىزىم تەربىيسى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى،كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيە،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنى كۇچايتىدۇ.ئۇلارغا پارتىينىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاخباراتلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ ، پارتىينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىيەتلىرنى ئىجرا قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرىلىدۇ.سۇتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشى چوڭقۇرلاشتۇرىلىدۇ. قانۇنسىز دىننى پائالىيەتنىڭ 26 تۈرلۈك چەك چىگىرسى،مىللى بۆلگۈنچىلىك ،قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى «7نى قىلماسلىق»قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۈگۈتۈش ئارقىلىق مۇقىملىققا ھەقىقى ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
3.پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ ئىددىيە ،تەشكىلى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۇچايتىپ ،پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ،ئاۋانگارتلىق رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.پارتىيە ئىنتىزامىنى كۇچايتىپ پارتىيە ئەزالىرىغا «3يىغىن بىر دەرس »تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ دىمگىراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ،پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش،نازارەت قىلىشنى كۇچايتىپ، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ،ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزۈتۈپ پارتىيە ئىستىلى ،پارتىيە ئىنتىزامى ياخشلىنىدۇ.پەسىللەر بويىچە باھالاش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
4.مەكتەپ ئىتتىپاق كومتىتى ،ئاياللار كومتىتى ،ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،ئىلمى بۆلۈم،پىئونىرلار ئەترىيى ۋەباشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتى بويىچە رەھبەرلىك قىلىش كۇچايتىلىدۇ.ئۇلارنىڭ خىزمەت پىلانى ،خىزمەت تۈزۈمى ۋە باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرگە نىسپەتەن يىتەكچىلىك قىلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش كۇچايتىلىپ، ئۇلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش تەربىيە پائالىيتنىڭ ياخشى ئىلىپ بىرىلىشىغا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مەركەزلىك تۈزۈش بويىچە ئايدا بىر قىتىم باھالاش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ.بۇئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ئىجتىمائى مۇقىملىققا بولغان خىزمەت مەسئۇلىيتى كۇچايتىلىدۇ.
5.دۆلەتنىڭ مائارىپقا ئائىت قانۇن سىياسەت،بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش،ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بىرىش،ھاراق ئىچىپ خىزمەتكە كىلىش،كەسپى ئەخلاققا خىلاپ ھەركەتلەرنى قاتتىق چەكلەش ۋە تۈزۈتۈش ئارقىلىق ،باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ ،تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئىلىپ بىرىلىدۇ.قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىپ،قانۇن ئارقىلىق مەتكەپ باشقۇرۇش،ئادەم تەربىيلەش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئىڭى يۇقۇرى كۆتىرىلىدۇ.
6.مائارىپ فاڭجىنىنىڭ روھى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ،مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئەھمىيەت بىرىپ ،ئوقۇتۇشتىكى شەكىلۋازلىق ،ساقتىپەزلىك ھالەتلىرىگە يول قويماسلىق ، ئوقۇتۇشتىكى سۈپەت تۆۋەن بولۇش،مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس تۈزۈتۈپ ،باشقۇرۇش كۇچايتىلىدۇ.دەرسلىك كالىندار پىلانى بويىچە دەرسلەرنىڭ تولۇق ئۆتۈلىشىگە ،دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ،سىناپ تەكشۈرۈش،زىھىن سىناش،2-دەرىسخانا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
7.مەنىۋى –مەدەنىيلىك خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىلىپ ، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ،مەكتەپ قۇرۇش،مەدەنىيەتلىك مەكتەپ،بۆلۈم،ئشخانا ،مەدەنىيەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.سەھىيە ،ساقلىقنى ساقلاش،تازلىق،تەنتەربىيە ،گۈزەل-سەنئەت ،ئەدەبى-سەنئەت.......قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى،پىلان بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
8.بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش پىلانىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتىن،سۇدىن، توكتىن، تۈرلۈك قاتناش ھادىسىدىن ساقىلنىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات تەربىيە كۇچايتىلىپ ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.تىنچ-ئامانلىقتا ياخشى بولغان مۇھىت يارىتىلىدۇ.مەكتەپنىڭ 24سائەتلىك دىژورنىلىك قىلىش،مەكتەپنىڭ مال-مۈلىكىنى قوغداش،ئىشىك ئالدى ئۈچ ھۆددە تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى ،تۈرلۈك مال-مۈلۈك ئەسلىھەلىرى قاتتىق قوغدىلىدۇ.مەكتەپ دىژورنىلىرى-ئۆتكۈزۈپ بىرىش،ئۆتكۈزۈۋىلىش قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىپ،مەكتەپ مال-مۈلىكىنىڭ ئامان ئىسەن بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.مەكتەپتىكى تەكلىپ قىلىنغان،ۋاقتىلىق ئىشچىلارنى باشقۇرۇشنى،تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ،مەتكەپنىڭ بىر پۈتۈن خىزمىتىنىڭ ،ئىجتىماھى مۇقىملىقىنىڭ ياخشى بولىشنى قولغاكەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.ئەمەلى خىزمەت نەتىجىلىرىمىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.