خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇقىملىق خىزمىتى لاھىيسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:16

 
xxxمەكتەپنىڭ xxx-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق مۇقىملىق خىزمىتى لاھىيسى
 
مەكتىپىمىزنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى پىلانىدىكى تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى-ئىددىيۋى تەربىيە،مۇقىملىقنى قوغداش تەربىيسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ،كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدولوگىيە ساھەسىدىىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ دىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشى چەكلەشتىكى جەڭگۋارلىق،ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،مەكتەپلەرنى مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇش،كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى توغرا بولغان دۇنيا قاراش،كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان،«تۆتكە ئىگە»بولغان سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن،مائارىپ ئىدارىسى تۈزۈپ تارقاتقان «xxx ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش  نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى»نىڭ روھىغا ئاساسەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ،xxxباشلانغۇچ مەكتەپنىڭ xxx-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى لاھىيسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقتۇق.
1. ئايدا ئىلىپ بىرىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى
1) 3-ئاينىڭ بىشىدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ:
①مەكتەپنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىڭىباشتىن تەرتىپكە سىلىنىپ،مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكى رەھبىرى خادىملىرى ۋە غوللۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان مەكتەپ مۇقىملىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،مەسئۇلىيەت كىشى بىشىغىچە كونكرتلاشتۇرۇلىدۇ. ②مەكتەپنىڭ مۇقىملىق  خىزمىتىگە ئائىت تۈرلۈك پىلان-لاھىيەلەر(مەكتەپنىڭ ماۋسۇملۇق مۇقىملىق خىزمىتى پىلانى،سىياسى-ئۆگىنىش پىلانى،سىياسى-ئىددىيۋى تەربىيە خىزمەت پىلانى قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسلىق پىلان لاھىيەلەر مەكتەپنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس تۈزۈلۈپ،مەكتەپ مۇقىملىق خىزمىتىدە «پىلان بولۇش،خىزمەتلەر پىلان بويىچە  ئىلىپ بىرىلغان بولۇش،پائالىيەت خاتىرىسى بولغان بولۇش،مۇكاپات-جازا ئىنىق ئايرىلغان بولۇش»ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. ③مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى،ئائىلە باشلىقلىرى،مەسچىت ئىماملىرى،مەكتەپ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئالغان دۇكاندارلار،دەرۋازىۋەن،ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بىلەن يىللىق نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىدۇ.مەكتەپ،سىنىپ مۇدىرلىرى،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن 4 تەرەپلىك يىللىق مۇقىملىقنى قوغداش  نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ،4 تەرەپنىڭ مەكتەپنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيتى يەنىمۇ كونكرتلاشتۇرۇلىدۇ.④مۇقىملىق ئاساسى تىما قىلىنغان 2 سان قارا دوسكا ئىشلىنىپ،30 پارچە تەشۋىقات شۇئارى يىزىلىپ،مەكتەپنىڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان جايلىرىغا ئورنىتىلىپ،قويۇق بولغان تەشۋىقات مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.⑤مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتى قۇرۇلۇپ،ئىش تەقسىماتى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى بىكىتىلىدۇ.
2)4-ئاينىڭ باشلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ:
①پارتىيە ئەزالىرى،ئوقۇتقۇچىلاردىن سىياسى نەزەرىيە بىلىملىرى بويىچە بىر قىتىملىق ئىمتاھان ئىلىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ. ② كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى ۋەزىيەتنى قوغداپ،تىنچ-ئامان بولغان مەكتەپ بەرپا قىلايلى دىگەن تىمىدا مەكتەپ خاراكتىرلىك دوكىلات بىرىلىدۇ. ③تەۋەلىكىمىزدىكى نۇقتىلىق نوپۇس(ئائىلە)لەرگە قارىتا جەمىيەت ئەھۋالىنى چارلاش،كۆزىتىش خىزمىتى ئىلىپ بىرىلىدۇ. ④پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك باھالىنىشى ئىلىپ بىرىلىدۇ.⑤مەكتەپ بويىچە 3-يىللىقلاردىن باشلاپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى-نەزەرىيۋى بىلىملەر بويىچە بىر قىتىملىق زىھىن سىناش مۇسابىقە پائالىيتى ئىلىپ بىرىلىدۇ.⑥«تۆتنى قوغداپ ئىككىگە قارشى تۇرۇش»بويىچە بىر قىتىملىق ئوچۇق دەرىس ئۇيۇشتۇرۇلۇپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىككى تارىخ بىر ئەھۋال»غا بولغان چۈشەنچىسى ئاشۇرىلىدۇ. ⑦« خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەش»مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە تەشكىللىنىدۇ.⑧ مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇقىمسىزلىق،خەتەر ئامىللىرىغا قارىتا بىر قىتىملىق تەپسىلى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلىپ،«ئالتىنى چەكلەش»ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.⑨مەكتەپتىكى مىللى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە تولۇق قاتناشتۇرۇپ،«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى»دىگەن تىمىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئۆلگىلىك سىنىپ يىغىنى ئىلىپ بىرىلىدۇ.⑩مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنى تولۇق قاتناشتۇرۇپ،مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيەت ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى چاقىرىلىپ،نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.(11)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىننى سىياسەتلىرىنىڭ مەزمۇنى،«ئۈچ ئايرىلالماسلىق»تەربىيسى،«تۆتنى يۈكسەك تونۇش»تەربىيسى،قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرنىڭ 26 خىل ئىپادىسى قاتارلىقلاردىن دوكىلات بىرىلىدۇ. (12)ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداپ،ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش تەشۋىقات رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.
3)5-ئاينىڭ باشلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:  
②بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئىيى پائالىيتىگە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.①مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەكتەپ خاراكتىرلىك دوكىلات بىرىلىدۇ.③مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان 2 دانە قارا دوسكا ئىشلىنىدۇ،1 پارچە لورزۇنكا ئىسىلىدۇ،50 پارچە تەشۋىقات شۇئارى يىزىلىدۇ. ④  16 دانە سىنىپ كەينى دوسكىسى مۇقىملىقنى قوغداپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ھالدا ئىشلىنىپ،قويۇق بولغان تەشۋىقات مۇھىتى يارىتىلىدۇ ⑤ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ماركىسىزملىق بەش قاراش تەربىيسى،ئۈچ پەرۋەرلىك تەربىيسى،دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسدا مەكتەپ خاراكتىرلىك دوكىلات بىرىلىدۇ. ⑥ «نىمە ئۈچۈن ياش-ئۆسمۈرلەر دىننى پائالىيەتلەرگ قاتناشسا بولمايدۇ؟»دىگەن تىمىدا ئۆلگىلىك پىئونىرلار پائالىيتى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.⑦ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسما،يازما ماتىرىياللىرى بىر قىتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.⑧ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ 2-پەسىللىك باھالىنىش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.  ⑨  ئجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بويىچە بىر قىتىملىق رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.
4)6-ئاينىڭ باشلىرىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①پۈتۈن مەكتەپنىڭ بىر ماۋسۇملۇق مۇقىملىق خىزمىتى ئومومى جەھەتتىن خۇلاسلىنىپ،تەجىربە-ساۋاقلار ئەتراپلىق يەكۈنلىنىپ،كىيىنكى مۇقمىلق خىزمەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىلىدۇ. ② ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇۋىتىش ئالدىدا بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا «مىللى بۆلگۈنچىلىكنىڭ زىيىنىنى ئاڭلىق تونۇپ يىتىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى» دىگەن تىمىدا مەكتەپ خاراكتىرلىك دوكىلات بىرىلىدۇ ھەمدە تەتىل مەزگىلىدە مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى،ئوقوغۇچى،ئائىلە باشلىقى بىلەن بىرلىكتە  تەتىل مەزگىللىك مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال تەرتىپتە ئىلىپ بىرىلىشى قولغا كەلتۈرىلىدۇ.③تەتىلدىن ئاۋۋال ھەم تەتىل مەزگىلىدە تۆتنى ئىنىقلاش تۆتنى ئىگەللەش»خىزمەت مىخانىزىمى بويىچە،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل ئىچىدە ئىلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرى ھەپتىمۇ-ھەپتە  ئەتراپلىق ئىگەللىنىپ،ئىجتىمائى مۇقملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيسى ئىلىپ بىرىلىدۇ. ④ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تەكتىنى ئىگەللەش كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە «ئالتە زىيانداش»قا چىتىلىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ قەتئى ئالدى ئىلىنىدۇ.
2.تەشكىلى رەھبەرلىك
يۇقارقى خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن، مەكتىپىمىزدە xxxيىزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،خىزمەتلەر تەشكىلى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
xxx
3. ئالاقىدار تەلەپلەر
مەكتەپنىڭمۇقىملىق خىزمىتى پۈتۈن ناھىيە مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئومۇمى مۇقملىقىغا چىتىلىدىغان بولۇپ جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە بولمىسا ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.مەكتەپنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ،مەكتەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىنىچ-ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بولسا  ،مەكتەپ مائارىپ خىزمىتىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش.ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى،خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.شۇڭا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسنىڭ  مەزكۇر خىزمەتنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،مەكتەپ مۇقىملىق خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەشكىللەش ئىلىپ بارىدۇ.ئىلىپ بىرىلغان خىزمەتلەرنى سىستىمىلىق خۇلاسىلەپ،نەتىجىنى كىشى بىشى بويىچە تەكشۈرۈپ،تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ۋە رەسىملىك ئۇچۇر ماتىرىياللىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ۋاقتى-قەرەلىدە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.مەكتەپنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى تۈزۈم-تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن،ئۆزگەرتىش سالمىقى ياكى خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلىپ،«كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىش»پوزىتسىيسىدا بولغانلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ،مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تۈزۈم-تەدبىرلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار