مەكتەپنىڭxxx-ئوقۇش يىلى x-ماۋسۇملۇق زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش، تىرورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى
مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى :
xxxx
مەزكۇر لايىھەنى تۈزۈشتىكى ئاساس :
مەزكۇر لايىھە ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكا ۋە جىسمانى جەھەتتىن زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار ۋە يامان نىيەتلىك بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا يولۇققاندا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۆز ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىغان ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش ، تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر ۋە خەۋىپلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئازايتىش زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەلىنىڭ پائال ئالدىنى ئىلىش ۋە مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش ، ئووقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مائارىپ قانۇنى» ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – قائىدىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى .
مەزكۇر لايىھەنى تۈزۈشتىكى ئاساسىي مەخىسەت :
ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك تۇرمۇش ، پائالىيەت ، مەكتەپكە كىلىپ –كىتىش جەريانىدا جىسمانى ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان بەزى خەتەرلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ . ئوقۇغۇچىلار جىسمانى ۋە پىسخىك جەھەتتىن تولۇق پىشىپ يىتىلمىگەن ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا سىرىتقى مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى ئىنتايىن چەكلىك . سىرتقى مۇھىتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ھامان ئاسانلا جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا تەسەر يىتىدۇ ھەتتا ھاياتى ئاخىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلار ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ . شۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەكتەپ ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارئالدىغا قويۇلغان جىددىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى . شۇڭا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈش تەربىيسىنى كۈچەيتىش ، تاسادىپى ۋەقەلەر ئىلىپ كلىدىغان خەتەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئىلش، بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش مەخسىتىدە مەزكۇر لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى .
مەزكۇر لايىھەنى تۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى :
جەمئىيەتنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ۋە مۇشۇ سەۋەپلىك كىلىپ چىققان مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئادەمنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش ئىدىيسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى . ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ، سىرتقى مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، مەكتەپنىڭ نورمال ، بىخەتەر ، تەرتىپلىك ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكا ۋە جىسمانى جەھەتتىن زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار ۋە يامان نىيەتلىك بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا يولۇققاندا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۆز ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىغان ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش ، تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە بۇ خىل ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر ۋە خەۋىپلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بىر لايىھە تۈزۈپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
5. مەكتەپنىڭ زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ، تىرورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا سىخېمىسى
xxxx
6. لايىھەنىڭ خارەكتىرى ئۈستىدە تەھلىل :
مەزكۇر لايىھە خارەكتىر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ،ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى تەربىينى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ، تىرورلۇق ھۇجۇم قىلىشىىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىكى ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ، ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، شۇ ئارقىلىق ۋەقەنىڭ زىيىنى ، يامان ئاقىۋىتى ۋە خەۋىپىنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئازايتىش ئۈچۈن تەربىيەنى ئاساس قىلىش ، ھەرۋاقىت ھۇشيار تۇرىدىغان ئىدىيە تۇرغۇزۇش ، جىددىي پەيتتە مذؤاپئق تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنى خەتەردىن قۇتقۇزالايدىغان قىلىش ئىنتايىن مۇھىم .
7. لايىھەنىڭ قوللىش دائىرسى :
زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ، تىرورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى يۈز بىرىدىغان دائىرلەر – ئاساسلىق مەكتەپ ئىچى ، ئىشخانا ، سىنىپ ، ياتاق (ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى) ، مەكتەپ ئەتراپى ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىلىپ - كىتىش يوللىرى ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرى قاتارلىقلار .
8. لايىھەنىڭ كونكىرت مەزمۇنى :
1،يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى بولغان ۋەقەلەر تەھلىلى؛
1) يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەرخىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ ئىلىپ قېچىشى ياكى سېتىۋىتىشى ؛
2) يامان نىيەتلىك بۇزۇق كىشىلەرنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارغا زوراۋانلىق قىلىشى ؛
3) شەخسىي ئۆچ-ئاداۋەت ياكى باشقا ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش ؛
4) ھەرخىل باھانە – سەۋەپلەر بىلەن مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىش ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ، روھى ساملاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ؛
5) جەمئىيەتتىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەر ياكى شايكىلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ۋە قەستىگە ئۇچراش ؛
6) ھەرخىل مەخسەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىش ؛
7) ئۆيدە يالغۇز قالغاندا پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ؛
8) مەكتەپكە كىلىپ-كېتىش يولىدا ۋە باشقا جايدا ئالدىنىپ قىلىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراش؛
9) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قىلىش ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن بىر-بىرىدىن ئۆچ ئىلىشى ، شايكا بولۇۋىلىپ جىدەل-ماجرا چىقىرىشى ؛
10) ھاراق ئىچكەن مەست كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ؛
11) زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار ۋە مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچراش.
12) نىرۋىسى ئاجىز ساراڭ كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش.
13) باشقا ۋەقەلەر.
2، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى قوللىنىشقا بولىدىغان تەدبىرئۈستىدە تەھلىل ؛
مەكتەپ سىرتىدىكى ئەھۋاللاردا ؛
سىرتقا چىققاندا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتە ئۇچرىتىدىغان ئەھۋاللىرى مۇرەككەپ ، شۇڭا ھۇشيارلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆز-ئۆزىنى قوغداشتا تۆۋەدىكىدەك ئەھۋاللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم ؛① جىددىي ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ ئىنىق ئادرىسى ، ئائىلىسىنىڭ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ، ياكى باشقا ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى ھەر ۋاقىت بىلىش . ② سىرتقا ئوينىغىلى ، نەرسە – كىرەك سىتىۋالغىلى ياكى تۇققان يوقلىغىلى چىققاندا يالغۇز چىقماسلىق .③ ناتۇنۇش كىشىلەر بەرگەن پۇل ، سوۋغات بۇيۇمى ، ئويۇنچۇق ، يىمىكلىكلەرنى قوبۇل قىلماسلىق ، ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ، ئۇلارغا يىقىن تۇرماسلىق . ④ خىلۋەت ، قاراڭغۇ جايلارغا بارماسلىق ۋە ئوينىماسلىق ، ئۆيدە يالغۇز قالغاندا ناتۇنۇش كىشىلەر ئىشىك چەكسە ئاچماسلىق ، ئائىلە توغرۇلۇق ، مەھەللە يۇرت توغرۇلۇق گەپ سورىسا ھۇشيارلىق بىلەن جاۋاپ بىرىش ، ياكى رەت قىلىش ،زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئامال قىلىپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كىتىش . .⑤ ناتۇنۇش كىشىلەر يول سورىغاندا ياكى باشقا گەپلەرنى سورىغاندا ھۇشيار تۇرۇش ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭماسلىق . ⑥ ئۆيگە قايتىش ياكى مەكتەپكە بىرىش يولىدا ياكى باشقا جايلاردا ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ قاتناش ۋاستىلىرىغا چىقماسلىق . ⑦ يامان نىيەتتىكى ياۋۇز كىشىلەرگە ، قوراللىق زوراۋان ئۇنسۇرلارغا يولۇققاندا دەرھال يىقىن ئەتراپتىكى ماگزىن ، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى ياكى ئادەم كۆپ جايلارغا بىرىۋىلىش .⑧يامان نىيەتتىكى ياۋۇز كىشىلەر يىپىشىۋالسا ، كەينىڭىزگە كىرىۋالسا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ باشقا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ، ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە يەردىن تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ ئۆزىنى قوغداش ھەمدە تىزدىن ئادەم كۆپ جايغا بىرىۋىلىش . ⑨ ھەرۋاقىت ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلفۇنى «110»ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش تېلفۇنى «120»نى چوقۇم ئەستە تۇتۇش . ⑩ ۋەھشىي قورقۇنچلۇق كىشىلەرگە ئۇچراپ خەتەردىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىراش ، تىز ھەركەت بىلەن يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك يىرىگە زەربە بىرىش ، ھەمدە قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەش.
مەكتەپ ئىچىدىكى ئەھۋاللاردا ؛
زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرگەندە ، ① ئامال قىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئىلىش . ② ئامال قىلىپ ساقچىغا (110نۇمۇرغا) دىلو مەلۇم قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىش . ③ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىش . ④ مەكتەپتىكى قوغدىنىش كالتىكى ، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك قوغدىنىش سايمانلىرىنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋىلىش .⑤ زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار سىنىپقا باستۇرۇپ كىرگەندە ئامال قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن ياكى دىرىزىدىن قىچىپ چىقىپ كىتىش . ⑥ زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندا سالماقلىق بىلەن ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەجەللىك يىرىگە زەربە بىرىش ، ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەش . ⑦ جىددىي پەيىتتە سىنىپنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش ، ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش .
مەكتەپ ئىچىدە ۋە مەكتەپ سىرتىدا زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىگە ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا يۇقارقى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆز ھاياتى بىخەتەرلىكى قوغداشنى بىلىشى لازىم .
9. لايىھەنىڭ كونكىرت يولغا قويۇش كالىندار پىلانى :
يۇقىردىكى كالىندار پىلانغا ئاساسەن سىنىپتا ، مەكتەپتە ، مەكتەپ سىرتىدا ۋە ئائىلىدە ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋىرى ئىلىپ بىرىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان ۋەقەنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ ، زىيىنى ئازايتىلىدۇ.