خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياتاق ، ئۆي- ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس لاھىيەسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:06

مەكتەپنىڭ xxx-ئوقۇش يىلى x-ماۋسۇملۇق ياتاق ، ئۆي- ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس لاھىيەسى
 
 ئومۇمى پىرىنسىپ ۋە مەخسەت تەلەپ
مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەيدىغان ۋە ئىلمى تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغان بۈيۈك زىمىن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى مەكتەپنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى، ئاسەم تەربييەلەش ۋە ئىلمى تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن ساغلام بىخەتەر مۇھىتنىڭ بولۇشى ئالدىنقى شەرىت  . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم- تەربىيە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئالدىنى ئىلىشنى ئاساس قىلىش ،ئىنكاش قايتۇرۇپ ئاكتىپلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش، ئىش تەخسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مەسئۇلىيەتنى ئەمىللەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم.مەكتىۋىمىزنىڭ ئاساسى ئەسلىھەسى بىر قەدەر ناچار بولۇپ مەخسۇس لاھىيە تۈزۈپ ئەمىللەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ، ياتاق ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈش كىلىپ چىققان زىياننى ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئىلىش، مەكتەپنىڭ تىنىچلىقى جەمئىيەتنىڭ  مۇقىملىقىنى  قوغداشنى ئاساس مەخسەت قىلىپ مەزكۇر لاھىيە تۈزۈپ چىقىلدى.
بۇ لاھىيە مەكتىۋىمىزنىڭ ياتاق ئۆي- ئىمارەتلىرى ئۆرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
مەكتەپنىڭ ياتاق ، ئۆي -ئىمارەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان يوشۇرۇن تاسادىپى ۋەقەلەر ئەھۋالى:
تەنتەربىيە ئىشخانىسى
ئوزۇقلۇق يىمەكلىك ئامبىرى
ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى
مۈلۈك ئامبىرى
ئارخىپ ئىشخانىسى
ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ سەۋەبى:
ئاساسى ئەسلىھەسى ناچار
كونىراپ كىتىش ۋە تەبئى ئاپەت سەۋەبىدىن ۋەقە يۈزبىرىدۇ.
جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەشكىلى ئاپراتى ۋە مەسئۇلىيتى.
تەشكىلى ئاپراتىنىڭ قۇرۇلمىسى.
باش قوماندان: مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى(xxx)
مۇئاۋىن باش قوماندان:(نەق مەيدان قوماندانى)ئىلمىي مۇدىر(xxx)
ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپىسى:مەكتەپ بىخەتەر ئوقۇتۇش خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرى(xxx، كۈندىلىك دىجۈرىلەر)
تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى:xxxx ، ھەرقايسى سىنىپ مۇدىرلىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، ياتاقتىكى نۆۋەتچى،كۈندىلىك دىجۈرنى.
قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى،ساقلىقنى ساقلاش ئىشخانىسى (xxx)
تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسى:نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى.
ئاساسلىق مەسئۇلىيتىي
باش قومانداننىڭ مەسئۇلىيتى
① مەكتەپنىڭ ياتاق – ئۆي ئىمارەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمە، تەدبىر   ۋە ئالدىنى ئىلىش لاھىييەسىنى تۈزۈش.
تاسادىپى مەكتەپ ياتاق، ئۆي، ئىمارەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قەق مەيدانغا كىرىپ قۇتقۇزۇش داۋالاش ئىلىپ بىرىشقا يىتەكچىلىك قىلىش.
يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مەكتەپ ئۆي ئىمارەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
يۇقىرنىڭ بىرتەرەپ  يوليورۇقىنى يەتكۈزىدۇ.
سىرىتتىكى جىددى قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇشقا باھا بىرىش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل.
مۇئاۋىن باش قومانداننىڭ مەسئۇلىيتى
باش قوماندانغا ياردەملىشىپ ، تۈرلۈك ىىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش يەنى ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئىلىش ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىنكى تاقابىل تۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ، جىددى قۇتقۇزۇشتىن كىيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش.
ياتاق، ئۆي ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا قوماندانلىق قىلىشنى ئۈستىگەئىلىش.
باش قوماندان ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولمىغاندا  باش قومانداننىڭ يىزىقى ۋە ئىغىزچە ھوقۇق بىرىش ئاستىدا باش قوماندانىىڭ ۋەزىپىسنى يۈرگۈزۈش.
3)ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپسىنىڭ مەسئۇلىيتى:
(1) مەكتەپنىڭ ياتاق،ئۆي ئىمارەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان يوشۇرۇن،تاساددىپى ۋەقەلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش،كۆزىتىش خىزمىتىنى ھەر كۈنى دىگۈدەل ئەستايدىل ئىشلەپ،ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى خاتىرلەش ۋە كىينكى دىجۇرنىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىش رەسمىيتى بىجىرىش.
(2)يوشۇرۇن ۋەقەلەرنى كۆزىتىش دوكىلاتىنى باش قوماندانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش.
(3)يوشۇرۇن خەۋىپ بار ئورۇنلارا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئىسىش،كۆزىتىش، تەكشۈرۈش تەدبىرى مۇۋاپىق بولۇش.
(4)ئەمەلى مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەش،مەسىلەن: رىمۇنىت قىلىش،قايتا سىلىش،مۇستەھكەملەش،دىرەك قويۇش...
4)تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپسىنىڭ مەسئۇلىيتى:
(1) باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى خەتەرسىز جايغا تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش.
(2)تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا خەتەرلىك جايدىن ئايرىپ بولالمىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئىنىقلاش ھەم ئورنىنى مەلۇم قىلىش.
(3)زاپاس خادىملارنى تەشكىللەپ تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا كىلىپ چىققان تۈرلۈك نۇرمالسىز ۋە جىددى ئەھۋاللارنى ۋاقىتىدا مەلۇم قىلىش.
(4)ئەڭ يىقىن بىخەتەر جاينى ئالدىن بىكىتىش.
5)جىددى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپسىنىڭ مەسئۇلىيتى:
(1)جىددى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشتا كىرەكلىك ئۈسكىنلەر بىلەن تەمىلەيدۇ.
(2)قومانداننىڭ بۇيرۇقى ياكى يارلنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت 120تىز قۇتقۇزۇش مەركىرىگە تىلفۇن قىلىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش.
(3)بالنىستا يىتىپ داۋالىنىشقا تىگىشلىكلىرىنى ۋاقىتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش.
6)تەشۋىق قىلىش،خەۋەر قىلىش گۇرۇپپسىنىڭ مەسئۇلىيتى:
(1)باش قوماندان بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل بولۇپ،ۋەقەنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقىتىدا،توغرا يەتكۈزۈش،سىرىتتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشىغا قوماندانلىق قىلغۇچىلار بىلەن ھەر قايسى گۇرۇپپلارنىڭ ئالاقىلىشىشغا كاپالەتلىك قىلىش.
(2)ئاخپارات ۋاستىلىرى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى كۈتىۋىلىشقا مەسئۇل بولۇش.
4.ئالدىنى ئىلىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مىخاينىزىمى:
1)مەكتەپ ئۆي ئىمارەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋىپى بار ئورۇنلارغا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئىسىش،تام يورۇقلىرىنى كۆزىتىش ۋاراقچىسى چاپلانغان شۇنداقلا تىرەك سىلىنغان بولۇپ، مەكتەپ دىجۇرنىلىرى ھەر كۈنى چارلاش،كۆزىتىش ،خەۋىپنى بايقىغان ھامان دوكىلات قىلىش،تەكشۈرۈش لازىم.
2)مەكتەپ ياتاق ،ئۆي ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى دوكىلات قىلىش.
ئۇچۇرنى دوكىلات قىلىش تەرتىپى:
ئۆي ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقىتتا بايقىغان كىشى دەرھال باش قوماندان ياكى مۇئاۋىن باش قوماندانغا دوكىلات قىلىش لازىم. باش قوماندان دوكىلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان مەكتەپتىكى جىددى تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش شۇنداقلا خىزمەت گۇرۇپپلىرىنىڭ  مەسئۇلىيىتى بويىچە تەشكىللەش لازىم.ۋەقە ئىغىر بولسا جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە مەلۇم قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ  قىلىش كىرەك.
ئۇچۇر تىز بولۇش.  (2)توغرا بولۇش .
3)ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى:
(1)ۋاقىت،ئورۇن،ئىغىرلىق دەرىجسى،قامىلىپ قالغان كىشىلەر.
(2)ھازىر قوللانغان تەدبىر.
(3)مەكتەپ ئىچى ۋە سىرىتىدىكىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىنكاسى.
(4)ۋەقەنىڭ تەرەققى قىلىش ئەھۋالى،بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ۋە نەتىجىسى. دوكىلات قىلغان ۋاقتتا ئاۋۋال تىلفۇن ئارقىلىق قىسقىچە دوكىلات قىلىش(ئىنكاس ئىگەللەش ۋە ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش)ئەھۋالىنى تولۇق ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن ئانىدان تەپسىلى دوكىلات قىلسا بولىدۇ.
5.مەكتەپتىكى ياتاق،ئۆي-ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش.
1)ۋەقەنى دەرىجىگە ئايرىش.
(1)ياتاق،ئۆي ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ۋەقە بىر قەدەر كىچىك، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتىغا خەۋىپ يەتمىگەن،مەكتەپ مال مۈلىكى زىيانغا ئۇچىرىمىغان بولسا،مەكتەپ ئۆزى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.(2)چوڭ يەر تەۋرەش ۋە يىڭىدىن كۆپەيگەن يوشۇرۇشن خەۋىپلىك ئورۇنلار،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىكى،ھاياتى،مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچىرىغان بولسا ۋاقتىدا دوكىلات قىلىش لازىم.
2)جىددى قۇتقۇزۇش ،تاقابىل تۇرۇش تەرتىپى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى:
(1)تاقابىل تۇرۇش،قۇتقۇزۇش تەرتىپى:
كۈندىلىك دىجۇرنىلەر ۋە ئۆي ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى كۆرگەنلەر ۋە ياكى خەۋەر قىلىش گۇرۇپپسى باش قوماندان ياكى مۇئاۋىن باش قوماندانغا مەلۇمات يەتكۈزگەندىن كىيىن،باش قوماندان دەرھال چارلاش ئىلىپ بىرىش.ۋەقەنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش،بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە تەشكىللەيدۇ.بىر قەدەر ئىغىر بولسا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىلىرى ئۆز مەسئۇلىيتىگە ئاساسەن تارقاقلاشتۇرۇش،قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا شۇنداقلا120تىز قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تىلفۇن قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.
بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى:
نەق مەيداندىكى يىتەكچىلىك قىلىش،تىز سۈرئەتتە نەق مەيدان ئەھۋالىنى چارلاش ئارقىلىق چۈشىنىش،توغرا ھۆكۈم قىلىش كىرەك.مەسىلەن:ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئورۇن،ئۆرۈلۈش لىنيەسى،تام،توپا ئاستىدا  قالغان ئادەم،مال- مۈلۈك ۋە باشقا ۋەقە دەرىجىسىنى چوڭايتىۋىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار.نەق مەيدان ئەھۋالى ۋە لاھىيىگە ئاساسەن تىز كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش،جىددى قۇتقۇزۇش ئەتىرىتى يىتىپ كەلگەندە ئاكتىپلىق بىلەن نەق مەيدان ئەھۋالىنى ئىنىق تونۇشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا ياردەملىشىپ قۇتقۇزۇش ئىلىپ بىرىش كىرەك.
مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش.
مۇداپىئەلىنىش-يەر تەۋرەش سىگىنالىغا ئاساسەن مانىۋىر تەرتىپى بويىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ يىقىن ئورۇنغا تارقاقلاشتۇرۇپ،مۇداپىئەلنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.باش قومانداننىڭ ياكى مۇئاۋىن باش قومانداننىڭ بۇيرۇقى،تەشكىللىشى شۇنداقلا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش مانىۋىر لاھىيسىگە ئاساسەن تارقاقلاشتۇرۇش،مۇداپىئەلنىش خىزمىتىنى جىددى ئىشلەش لازىم.تارقاقلاشتۇرۇشتا ئادەمنىڭ كىرىشىگە يول قويماسلىق، تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپسى (سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى) ئوقۇغۇچىلارنى بىكىتىلگەن ئورۇنغا (تەنتەربىيە مەيدانى)بىرىشقا يىتەكلەپ،تەرتىپلىك ھالدا تارقاقلاشتۇرۇش.
قۇتقۇزۇش-بىخەتەر جايغا تارقاقلىشىپ بولالمىغانلارنى شۇنداقلا بىخەتەرلىكى، ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە تۇرىۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىش.بىخەتەر باش كىيمى كىيىپ بارلىق پايدىلىنىشقا بولىدىغان گۈرجەك، كەتمەن قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش،ۋەقەنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپسى قۇتقۇزۇش،داۋالاش خىزمىتى ئۈچۈن ماشىنا تەييارلاش.
داۋالاپ قۇتقۇزۇش.
ياتاق،ئۆي ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يارلىنىش،سۆڭەك سۇنۇش، نەپەس سىقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىش مۇمكىن.
داۋالاش پىرىنسىپى:
ئاۋۋال يارىلانغانلارنى ھاۋاسى ساپ ئورۇنغا يۆتكەپ نەپەس ئىلىشىغا ياردەملىشىش،سۆڭىكى سۇنغانلارنى ئۈچ ئادەم تۈز ھالەتتە ئاسمانغا قارىتىپ ياغاچ تاختاي ئۈستىدە ياتقۇزۇش،ئەگەر باش،كۆز يىرىلىش،يۈرەك سوقۇشى، نەپىسى توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە دەرھال يۈرەك ،ئۆپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىش شۇنداقلا نەق مەيداندا ئاددى بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كىيىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك.
مەكتەپنىڭ جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپپاراتى تارمىقىدىكى گۇرۇپپىلار
1.ئالدىنى ئىلىش ئاگاھلاندۇرۇش گۇرۇپپىسى
گۇرۇپپا باشلىقى (باش قوماندان) :         xxx
كونكىرىتنى ۋەزىپىسى يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن باش قۇماندان مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە مەكتەپ ئۆي ئىماراتلىرنىڭ ئۆرۇلۇپ  چۈشۈش ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش لاھىيىسى بويىچە ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپىسى ، تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى ، تەشۋىق قىلىش خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسنى تەشكىلەش بىۋاستە قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى :        xxx
كونكىرىتنى ۋەزىپىسى مۇئاۋىن باش قوماندان ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت دائىرسى ئىچىدە بولىدۇ.
ئەزالىرى
بارلىق ئوقۇتقۇچىلار :ۋەزىپىسى  گۇرۇپپا باشلىقى ۋە مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقنىڭ تەشكىلىش بىلەن ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپىسنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتنى ئەمىلىلەشتۇرىدۇ
2.تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى
گۇرۇپپا باشلىقى:  xxx
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى: xxx
ئەزالىرى :بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خزمەتچىلەر
ۋەزىپىسى:گۇرۇپپا باشلىقى ، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى  ۋە ئەزالار تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسنىڭ مەسئۇلىيتى بويىچە باش قوماندانىڭ يىتەكچىلىكىدە مەسئۇلىيتنى ئادا قىلىدۇ.
3.قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى
گۇرۇپپا باشلىقى :xxx
ۋەزىپىسى:ۋەقەنىڭ دەرىجىسنى بىكىتىش يارلىنىش بىخەتەرلىكى ھاياتى بىخەتەرلىك ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىلەش
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى :xxx
ۋەزىپىسى:باش قوماندان بىكىتكەن ۋەقەنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن بالنىستا يىتىپ داۋالىنىشقا توغىرا كەلگىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش.
ئەزالىرى:
xxx-جىددى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشتا كىرەكلىك ئۈسكىنلەر بىلەن تەمىنلەش.
xxx-قۇمانداننىڭ بۇيرۇقى ۋە يارىلىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى120دىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش.
تەشۋىق قىلىش،خەۋەر قىلىش گۇرۇپپسى:
گۇرۇپپا باشلىقى:xxx.
ۋەزىپسى-مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئالاقسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش،ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئالاقىسىغا مەسئۇل بولۇش.
ئەزالىرى:
xxx-ئاخپارات ۋاستىلىرى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى كۈتىۋىلىشقا مەسئۇل.
xxx-ۋەقەنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن باش قوماندانغا ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ،توغرا ،ئىنىق يەتكۈزۈش.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار