خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى لاھىيسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:03


مەكتەپنىڭ  xxx-ئوقۇش يىلى x-ماۋسۇملۇق يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى لاھىيسى
 
كىرىش سۆز:
مەكتىپىمىزنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش پىلانىدىكى تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»ىنى ئىجرا قىلىپ مەكتىپىمىزنىڭ  بىخەتەر ئوقۇتۇ ش ئىلىپ بىرىش ،يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن  تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىك ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،بىخەتەر ئوزۇقلىلىنىش  سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،تۈرلۈك يىمەكلككە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ۋە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنشتەك قەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ،مەكتىۋىمىزنىڭ  بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن،مائارىپ ئىدارىسى تۈزۈپ تارقاتقان «xxx ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسىنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى»نىڭ روھى ،يىزىلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچىيكىسى بىلەن مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى تۈزگەن« يىمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىنىڭ روھى»غا ئاساسەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ،xxx مەكتىپىمىزنىىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش  خىزمىتى لاھىيسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقتۇق.
1.مەكتىۋىمىزنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
xxxxمەكتىۋىىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى بىر قەدەر موھىم. ئىقلىم شارائىتىدىن قارىغاندا قىشتا سوغۇق ،ئەتىياز دا بورانلىق ھاۋا رايى كۆپ ،يازدا ئىسسىق،قۇرغاق ،كۈزدە مىۋە-چىۋەلەر كۆپ ،ناۋادا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بەر سە يىزىلىق شىپاخانىغا يۆتكەشكە 35مىنۇت،ناھيىلىك جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە يۆتكەشكە 65مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ،جىددى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلساق  يىزىلىق شىپاخانىدىكىلەر 40مىنۇتتا،ناھيىلىك جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن  50مىنۇت ئەتراپىدا يىتىپ كىلەلەيدۇ.
2.ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەر
ئىلمى تەرەققىيات قارىشى ۋە «بىخەتەر ،ساغلام تەرەققى قىلىش»نى يىتەكچى قىلىپ،«يىمەكلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسئۇلىيتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئىلىشتا،ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھاياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى »دەيدىغان ئاساسى تىمىنى چۆرىدەپ،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ ،تىنىچ-ئامان مەكتەپ،ئىناق،بىخەتەر مەكتەپ قۇرۇلىشىنى يادرو قىلىپ ،بارلىق ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلك قارىشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا،ئۇلارنى چۈشىنىدىغان،ئوڭايلا قاتنىشالايدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ،شەكلى كۆپ خىل،مەزمۇنى مول بولغان يىمەكلىك بىخەتەرلىكى  تەشۋىقات پائالىيەتلىىرنى قانات يايدۇرۇپ،«بىخەتەر ساغلام  تەرەققى قىلىش»،«بىخەتەرلىك بىرىنچى،ئالدىنى ئىلىش ئاساس،يىمەكلىك بىخەتەر بولغاندىلا ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ »دىن ئىبارەت ئىلمى ئۇقۇمنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ساۋات تەربىيسى،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سۈپەتسىز ،ۋاقتى ئۆتكەن ياكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلنىى قەتئى يىمەسلىك ،شۇنداقلا سۈپەتسىز يىمەكلىك  ۋە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندا  ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۆزىنى قوغداش، مەكتەپ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى گۇرۇپپىغا مەلۇم قىلىش تەربىيىسىنى دائىمى تەربىيە  خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ چىڭ تۇتۇپ،كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىمەكلىك  بىخەتەرلىك ئىڭى ۋە  باشقىلارنى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش،مەكتەپ ۋە چوڭلارغا  دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
3.يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان يىمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى ئۈستىدە تەھلىل:
1كۈندىلىك تۇرمۇشتا يىمەك –ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش.
2-خام يىمەك –ئىچمەك ياكى مىۋىلەرنى يىگەندە پاكىز يۇماسلىق سەۋەبىدىن دىھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىش.
3-ياۋا كۆكتات ۋە مىۋىلەردىن زەھەرلىنىش .
4-چىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن زەھەرلىنىش.
5-دۇكانلاردىن ۋاقتى ئۆتكەن ياكى سۈپەتسىز ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن زەھەرلىنىش.
6-خام  سۇ ياكى بۇلغانغان سۇنى ئىچىشتىن زەھەرلىنىش.
7-تۇخۇم ياكى سۈت رىئاكسىيە قىلىش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش.
8-يىڭى بولمىغان باكتىرىيىلىك دىڭىز مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ قاسراقلىق يىمەكلىلەردىن زەھەرلىنش.
9-تاماق ئىتىش جەريانىدا يىمەكلىك بۇلغىنىش،ياكى تولۇق پىشمىغانلىق سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش.
10-يىقندىلا دىقانچىلىق دورىسى چىچىلغان كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش .
11-زەھەرلىك بويۇملاردىن يەنى چاشقان دورىسى،سۈۋەرەك دورىسى،دىھقانچىلىق دورىسىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق زەھەرلىنىش .
12-دورا ئىچىش مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىشنى چۈشەندۇرۇش قوللانمىسى بويچە چەكلىگەن دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتى زەھەرلىنىش.
13-دورىنى خاتا ئىستىمال قىلىش ،مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش.
14-ۋاقتى ئۆتكەن زەھەرلىك يىمەكلىك.كۆكىرىپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن زەھەرلىنىش.
15-كىسەل بولۇپ ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستىمال قىلىشتىن زەھەرلىنىش.
4.خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك پىلان بويچە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرىلىشى ئۈچۈن مەكتەپ يىمەكلىك بىخگتەرلىك خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ،ئىش تەقسىماتى كىشى بىشىغىىچە ئەمىللەشتۈرۈلدى.
گۇرۇپپا باشلىقى:xxx (ياچىيكا ھەيئەت ئەزاسى،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى )مەكتەپ يىمە كلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى ۋە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىگە ئومومى جەھەتتىن  يىتەكچىلىك قىلىپ،جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەندە قوماندانلىق قىلىش ،گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ،قۇتقۇزۇش پائالىيتىگە تەشكىللەش،مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ،ئاتا-ئانىلارغا چۈشەنچە بىرىپ ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ سەلبى تەسىر پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە،ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق تولۇقلىما يىمەكلىكى سۈپىتى ،بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل.
مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى :
xxx (ئىلمىي مۇدىر) گۇرۇپپا باشلىقىغا يىقىندىن ماسلىشىپ ،يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بويچە دائىملىق خىزمەتلەرىنى  قانات يايدۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى يىمەكلىكى سۈپىتى،تارقىتىش ئەھۋالى،دۇكانلارنىڭ يىمەكلىك سۈپىتىنى تەكشۈرۈش،تەشۋىقات خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل.
xxx(مەكتەپ پارتىيە ياچىيكا ھەيئەت ئەزاسى،ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى )گۇرۇپپا باشلىقىغا يىقىندىن ماسلىشىپ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى خىزمىتى،تەكشۈرۈپ ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى،مەكتەپ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىش خىزمىتى،قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەشكىللەشكە مەسئۇل.
ئەزالىرى:
xxx (مەكتەپ پارتىيە ياچىيكا ھەيئەت ئەزاسى) مەكتەپنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يىمەكلىكىنى ئۆتكۈزىۋىلىش ،سىنىپلارغا تەقسىم قىلىش ،ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىش ئەھۋالىنى  تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ،يىمەكلىك ئەۋرىشكىسنى ساقلاش،مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلارنىڭ يىمەكلىك سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە مەسئۇل.
xxx(مەكتەپ ساقلىقنى ساقلاش ئىشخانا مۇدىرى )گۇرۇپپا باشلىقىغا يىقىندىن ماسلىشىپ كۈندىلك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سامەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيىنى تەشكىللەش،باش ياچىيكىغا يوللاش،ئارخىپلاشتۇرۇش،يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بويچە مەخسۇس تىمىلىق تەشۋىقات ئىلىپ بىرىش،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يىمەكلىكتىن زەھەرلىشتىن ساقلىنىش بويچە مەسلىھەت بىرىش ،مەكتەپتىكى يىنىك زەھەرلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىلىپ بىرىش ۋە گۇرۇپپا باشلىقىغا دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ،پىلاننىڭ ئەمىللىشىش خاتىرىسىنى يىزىپ ئارخپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل.
بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار(ئوقۇغۇچىلارغا يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش  تەشۋىق-تەربىيىنى كۈچەيتىش ۋە دائىملاشتۇرۇش،سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر كۈنى تەكشۈرۈپ ساقلقنى ساقلاش ئىشخانىسىغا دەل ۋاقتىدا ،توغرا مەلۇم قىلىش ۋە ئارخپلاشتۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىك سۈپىتىنى نازارەت قىلىش،تاسادىبى ۋەقە يۈز بەرگەندە دەرھال قاتلام بويچە مەكتەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپىسغا مەلۇم قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يىقىندىن ماسلىشىش)
5-جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇش لاھىيسى:
مەكتەپ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپا باشلىقى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى تەشكللەيدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ.
1)ئەگەر 1نەپەر ئادەمدە كۆڭلى ئىلىشىش ،قۇسۇش،ئىچى سۈرۈش ،چوڭ تەرىتى سۇدەك كىلىش،قىزىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە مەكتەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ياكى گۇرۇپپا باشلىقىغا مەلۇم قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەركىتى تەشكىللەش،
2)ئەگەر 2نەپەردىن يۇقىرى  ئادەمدە كۆڭلى ئىلىشىش ،قۇسۇش،ئىچى سۈرۈش ،چوڭ تەرىتى سۇدەك كىلىش،قىزىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە مەكتەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ياكى گۇرۇپپا باشلىقىغا مەلۇم قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ھەركىتى تەشكىللەش،ھەمدە گۇرۇپپا باشلىقى ئەھۋالغا قاراپ مائارىپ ئىدارىسى بىخەتەرلىك ئىشخانىسىغا دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش،جىددى دوختۇرخانىغا يۆتكەش ۋە دوىتۇرنىڭ تەكشۈرىشىگە ماسلىشىپ سەۋەبىنى توغرا يەكۈنلەشكە ياردەملىشىش.
3)مەكتەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش گۇرۇپپسى مەسئۇل بولۇپ ئاتا-ئانىلارغا دال ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ،ئەھۋالنى ئىنىق بايان قىلىپ ،ئىددىۋى تەربىيە ئىشلەپ ۋە تەسەللى بىرىپ ئەھۋالنىڭ چوڭىيىپ يامان تەسىر پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش
4)يىمەكلىك ئەۋرىشكىسىنى ساقلاپ توغرا دىئاگۇنۇز قويۇشقا ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش.زۆرۈر تىپىلغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى پىچەتلەپ ،نەخ مەيداننى ئەينەن ساقلاش.
5) سۈرەتلىك نەخ مەيدان خاتىرسى قالدۇرۇش. سۈرەتلىك تەرشۋىقات دوسكىسى ئىشلەپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش.
5.خىزمەتلەرنىڭ كونكىرت مەزمۇنى ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
1) 2-ئايدىن 4-ئاينىڭ ئاخرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ:
تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.①مەكتەپنىڭ يىمەكلىك   بىخەتەرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىڭباشتىن تەرتىپكە سىلىنىپ،مەكتەپنىڭ بىرىنجى قول رەھبىرى گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ، ئوتتۇرا قاتلام رەھبىرى خادىملىرى ۋە غوللۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان مەكتەپيىمەكلىك  بىخەتەرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،مەسئۇلىيەت كىشى بىشىغىچە كونكرتلاشتۇرۇلىدۇ. ②مەكتەپنىڭ يىمەكلىك  بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئائىت تۈرلۈك پىلان-لاھىيەلەر(،يىمەكلىك بىخەتەرلىكى پىلانى ۋە تەشۋىق-تەربىيە پىلانى،بىخەتەرلىك تەشۋىقات پىلانى قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسلىق پىلان لاھىيەلەر مەكتەپنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس تۈزۈلۈپ،مەكتەپ يىمەكلىك  بىخەتەرلىك خىزمىتىدە «پىلان بولۇش،پائالىيەت ئىلىپ بىرىلغان بولۇش،پائالىيەت خاتىرىسى بولغان بولۇش،مۇكاپات-جازا ئىنىق ئايرىلغان بولۇش»ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. ③مەكتەپتىكى ساقلىقنى ساقلاش خادىمى ۋە يىمەكلىك ساقلاش ئۆيىنى  باشقۇرغۇچى،سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە يىمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇكاندارلار بىلەنيىمەكلىك بىخەتەرلىكى بويچە  يىللىق نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ ،سۈپەتسىز ،ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز.④يىمەكلىك بىخەتەرلىكى  ئاساسى تىما قىلىنغان رادىئو تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىدۇ.⑤يىمەكلىك بىخەتەرلىك ئاساسى تىما قىلىنغان 3 سان قارا دوسكا ئىشلىنىپ،20 پارچە تەشۋىقات شۇئارى يىزىلىپ،مەكتەپنىڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان جايلىرىغا ئورنىتىلىپ،قويۇق بولغان تەشۋىقات مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.⑥يىمەكلىك بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت سوراش كۈنى پائالىيتىگە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.⑦مەكتەپ  قوغداش ئەترىتى مەسۇل بولۇپ ھەپتىدە بىر قىتىم مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلارنىڭ يىمەكلىك سۈپىتى تەكشۈرۈپ ،دۇكاندىكى  يىمەكلىكلەرنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ   .⑧  ھەر قىتىم سىنىپلارنىڭ كەينى دوسكىسنى ئىشلىگەندە مۇۋاپىق مىقداردا يىمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرى كىرگۈزىلىدۇ.     ⑨ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلشقا ئالاقىدار تۈزۈم-تەدبىرلەر تۈزۈپ مۈكەممەللەشتۈرۈلىدۇ    .⑩مەكتەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇش خىزمىتى  بويىچە مانۋىر ئىلىپ بىرىلىدۇ.
2)5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 7-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:  
①«يىمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى دەرىسخانىغا كىرگۈزۈش»،«ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىدە مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولمايدۇ .دىگەن تىمىدا تەشۋىقات –تەربىيە پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىدۇ②بىر قىتىملىق ئاساسى تىمىلىق يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش  دەرىسى ئۆتۈلىدۇ.③مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلار يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بويچە تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىنىدۇ④دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىرىش مەزگىلى شۇنداقلا ھاۋا ئىسسىق،تۈرلۈك مىۋە-چىۋەلەرنىڭ تەدرىجى پىشىدىغان ياز پەسلىنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىمەكلىك  بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، تولۇق پىشمىغان ياكى دىھقانچىلىق دورىسى چىچىلغان مىۋىلەرنى يىيىش سەۋەبىدىن يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بىرىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. ⑥ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ياخشى يىمەك-ئىچمەك تەربىيسى كۈچەيتىلىدۇ ھەم بىر قىتىملىق يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش بويىچە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مانۋىرى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
4)8-ئاينىڭ باشلىرىدىن 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەم ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن تەتىل مەزگىللىك  يىمەكلىك بىخەتەرلىككە دىققەت قىلپ،ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى خۇشال-خۇرام،ساق-سالامەت ئۆتكۈزىشىگە سەپەرۋەرلىك قىلىنىدۇ.② يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ بىخەتەر مەكتەپ بەرپا قىلىش تەشۋىقات رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.③ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىمەك-ئىچمەك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن،سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشىنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئالىمىز.
④مەكتەپنىڭ يىرىم يىللىق يىمەكلىك  بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك خۇلاسە قىلىنىپ،تەجىربە-ساۋاقلار ئەتراپلىق يەكۈنلىنىپ،كىيىنكى بىر ماۋسۇملۇق يىمەكلىك  بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئاساس سىلىنىدۇ.
6.لاھىيەنى ئەمىللەشتۈرۈش تەدبىرى:
1- مەكتەپ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى گۇرۇپپىسى مەسئۇل بولۇپ ،سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى،ئىشچى خىزمەتچىلەر يىقىندىن ماسلىشىپ يىمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى دائىمى تەربىيە قاتارىدا كۈچەيتىپ ئىشلەيدۇ.
2-ھەر ھەپتە پىئونىرلار پائالىيىتىگە ۋە مەخسۇس تىمىلىق بىخەتەرلىك تەربىيىسى ۋە مەكتەپ رادىئوسىدىن پايدىلىنىپ  يىمەكلىك بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى دائىملاشتۇرىلىدۇ.شىرىنئاي غىنى كونكىرىتنى مەسئۇل بولىدۇ.
3-مەكتەپ ئەتراپىدىكى يىمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدغان دۇكانلاردىكى يىمەكلىك سۈپىتى ھەر ھەپتە قەرەلسىز تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.نۇرەخمەت ئەخمەت،ئابلىز تۇردى مەسئۇل بولىدۇ.
4-ئوقۇغۇچىلار خام سۇ ئىچىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەخسۇس چاي ساقلاش تۇڭىدا ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەش ئىلىپ بىرىلىدۇ.ھامۇل قاسىم كونكىرىتنى مەسئۇل بولىدۇ.
5-پىلان بويچە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش،قۇتقۇزۇش مانۋىرى ئىلىپ بىرىلىدۇ.نۇرەخمەت ئاخمەت،تۇردى ئەكرەم،ئابلىز تۇردى،شىرىنئاي غىنى كونكىرىتنى مەسئۇل بولىدۇ.
6-دۇكاندارلار بىلەن يىمەكلىك بىخەتەرلىكى بويچە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىنىدۇ.خىزمەت گۇرۇپپىسى كونكىرىتنى مەسئۇل بولىدۇ.
7-بارلىق سىنىىپ مۇدىرلىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ ،ئارخىپلاشتۈرۈلۇپ،سۈت،تۇخۇم رىئاكسىيە قىلىش ئەھۋالى نوقتىلىق كۈزىتىلىپ ،تاماق ئەۋرىشكىسى كەم بولغاندا ئۈچ كۈن ساقلىنىدۇ.
8-يىمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىگە چىتىلدۇرۇپ ،باھالاش ئىلىپ بىرىلىپ ،دەرىجىگە تىزىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ياخشى ئىشلىگەنلەر مۇكاپاتلىنىپ ،سەل قاراپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار بايقالسا مەسئۇلىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
4. مۇكاپات ۋەجازا
مەكتەپنىڭ يىمەكلىك  بىخەتەرلىك خىزمىتى نۇرغۇنلىغان ئائىلىگە چىتىلىدىغان بولۇپ جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھايات كاپالەتكە ئىگە بولمىسا مائارىپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.مەكتەپنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ،كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى  بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ،مەكتەپ مائارىپ خىزمىتىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش.ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى،خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.شۇڭا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسنىڭ  مەزكۇر خىزمەتنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەشكىللەش ئىلىپ بارىدۇ.ئىلىپ بىرىلغان خىزمەتلەرنى سىستىمىلىق خۇلاسىلەپ،نەتىجىنى كىشى بىشى بويىچە تەكشۈرۈپ،تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ۋە رەسىملىك ئۇچۇر ماتىرىياللىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ۋاقتى-قەرەلىدە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.مەكتەپنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ساۋاتى تەربىيسى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش  ئۆزىنى قوغداش تەربىيسى شۇنداقلا ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى تۈزۈم-تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن،ئۆزگەرتىش سالمىقى ياكى خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلىپ،«كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىش»پوزىتسىيسىدا بولغان ،ئالدىنى ئىلىشقا سەل كاراپ مەسىلە پەيدا قىلغان ،ئەھۋالنى ۋاقتىدا ،توغرا مەلۇم قىلماي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ،كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىـخسادى زىيان تۆلىتىلىدۇ.يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تۈزۈم-تەدبىرلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.يىللىق باھالاشتا ئىلغار باھالانمايدۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار