مەكتەپنىڭ تاسادىپى يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش پىلان لايىھەسى
بىرىنچى . ئومۇمى پىرىنسىپ .
(1) لايھە تۈزۈشتىكى مەخسەت؛
مەكتەپتىكى تاساددىپى يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا كونتىرول قلىش ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ؛ تۈرلۈك ۋەقە يۈز بىرىشنى توسۇش تۈگىتىش ، تاساددىپى يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئىش تەقسىماتى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى ، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ؛ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۇرمۇش تەرتىپىنى ساقلاپ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
(2) مەزكۇر پىلان لەيىھەنى تۈزۈشتىكى ئاساس؛
مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ، تىنچ – ئامانلىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىىنڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» ، «يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى» ، «قاتناش قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىىنڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىىنڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەكتەپ ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدە تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان چوڭ ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئادەتتىكى ھادىسلەرنى ئازايتىش ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ، تۈرلۈك ئۆلۈم-يىتىم ھادىسلىرىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش مەخسىتىدە مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلىيتىنى چىقىش قىلىپ بۇ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تۈزەش لايھەسى تۈزۈپ چىقىلدى.
(3) لايھەنىڭ تەلىپى؛
مەكتەپتىكى يوشۇرۇن ، تاساددىپى يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار ۋەقەلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ، ئالدىن تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سىلىپ ئالدىن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش ھەركىتى ، ۋەقەلەرنىڭ زىينىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك لايھە تەدبىرلەرنى ئەمىللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت .
(4) لايھەنىڭ قوللىنىش دائىرسى؛
تاساددىپى ۋەقە يۈز بىرىدىغان دائىرلەر – ئاساسلىق مەكتەپ رايۇنى بولۇپ مەكتەپ ئىچى ، ئوقۇتۇش رايۇنى (سىنىپ) ياتاق رايۇنى(ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى) مەكتەپ ئەتراپى قاتارلىقلار .
تاساددىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تىپى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن ؛ مەكتەپتە يۈز بىرىدىغان تاساددىپى ۋەقەلەر ، ئوت ئاپىتى ، يەر تەۋرەش ، زوراۋانلىق ، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش قىستىلىش ، دەسسىلىش ، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ، ئۆي ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ، ئۇرۇشۇش ، زەخمىلەندۈرۈش ، تۈرلۈك كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە كىلىپ چىقىدىغان ھادىسلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، مەكتەپتە تاساددىپى يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ، يەنى ئادەتتىكى تاساددىپى ۋەقە ۋە زور تاساددىپى ۋەقە . ئادەتتىكى تاساددىپى ۋەقە مەكتەپ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . زور تاساددىپى ۋەقەلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك تاقابىل تۇرۇش ئاپراتلىرى بىرتەرەپ قىلىدۇ .
5) مەكتەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
xxxx
ئىككىنچى . تاسادىپى يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەر تەھلىلى؛
1) مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئوقۇتۇش شارائىتىغا ئاساسەن مەكتەپتە يۈز بىرىدىغان يوشۇرۇن تاساددىپى ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلغاندا مەكتەپتىكى يوشورۇن تاساددىپى ۋەقەلەر تۈرى ، يوشورون تاساددىپى ۋەقەلەرنىڭ تەسىرى ،ۋە ئاقىۋىتى ، يوشورۇن تاساددىپى ۋەقەيۈز بىرىدىغان ۋاقىت قاتارلىق جەريان خارەكتىرلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2) مەكتەپتە يۈز بىرىدىغان يوشۇرۇن تاساددىپى ۋەقەلەرنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە ؛ ئوت ئاپىتى ، يەر تەۋرەش ، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ، زوراۋانلىق ، يۇقۇملىنىش ، ئۇرۇشۇش ، قىستىلىش ، دەسسىلىش ، ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ، كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە دىققەتسىزلىكتىن كىلىپ چىقىدىغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
3) يوشۇرۇن تاساددىپى ۋەقەنىڭ تەسىرى ۋە ئاقىۋىتى بولسا ئادەم ئۆلۈش ، يارلىنىش ، مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكنى ئىغىر زىيانغا ئۇچرىتىش ئاقىۋىتى كىلىپ چىقىپ ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۇرمۇش تەرتىۋى بۇزۇلۇپ ، جەمئىيەتكە پايدىزيامان تەسىر كۆرسىتىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىجدىمائىت مۇقىملىقىغا ئىغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئۈچىنچى . مەكتەپنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەشكىلىي ئاپاراتلىرى ؛
مەكتەپنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپراتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ؛
xxx
(1) جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى
xxxxx
قوماندانلىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاستىدا كونكىرت خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى .
(2) مەكتەپنىڭ ئۇچۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى
xxxx
(3) ئارقا سەپ كاپالەت گۇرۇپپىسى
xxxx
(4) بىخەتەرلىك قوغداش گۇرۇپپىسى
xxxx
(5) جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى
xxxx
(6) نەخ مەيداندىكى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى
xxxx
تۆتىنچى . مەكتەپنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەشكىلىي ئاپاراتلىرىنىڭ كونكىرت خىزمەت مەسئۇلىيتى ؛
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيتى
تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش قىلىشقا ۋە ماسلاشتۇرۇشقا ، ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ ، قارار چىقىرىشقا تۈرلۈك تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللەپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ، ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپلىرىنىڭ خىزمەتتە ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ ، ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دوكلات قىلىشقا تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش ، 120جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە مەلۇم قىلىش ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش ، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل .
ئۇچۇر-ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيتى
ۋەقەنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ مەكتەپ ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىش ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى تۇىجى ۋاقىتتا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مەلۇم قىلىش .
ھەرقايسى فۇنكىسىيلىك گۇرۇپپىلارغا ، مەكتەپنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق بۇيرۇقىنى ۋە پىكىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش .
تاسادىپى ۋەقە يۈز بىرىپ ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ھوقۇقىغا ئىرىشىپ بىر سائەت ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا ئۇچۇرنى دوكلات قىلىش .
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانىنىڭ ۋەقەنى ئاشكارلاش ئىجازىتى ئاستىدا ئاخپارات ۋاستىلىرى ۋە جەمئىيەتكە ۋەقە توغىرسىدىكى ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش .
ئارقا سەپ كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيتى
زۆرۈر بولغان قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى (ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ) كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ تارقاقلاشتۇرغانلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن ۋە تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل .
بىخەتەرلىك قوغداش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيتى
ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداننىڭ تەرتىۋىنى ساقلاش .
ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىھتىيات سىزىقى سىزىپ ، نەخ مەيدانغا كىرىپ-چىققانلارنى قاتتىق كونتىرول قىلىش نەخمەيداننى قوغداش .
قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ، قۇتقۇزۇش ، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش .
مەكتەپ تاسادىپى ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندىكى ئەسلىھە ، ئۈسكىنىلەر ، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش .
ئاخپارات خادىملىرىنىڭ سالاھىيتىنى تەكشۈرۈپ ، نەخ مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا يىتەكلەش
جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيتى
تاسادىپى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرى ، لايھەسىنى تۈزۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش .
قوماندانلىق ئورنىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن نەخ مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇش .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارقاقلىشىش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇنجى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئىلىش ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارقاقلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش .
قوماندانلىق ئورنىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارقاقلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش ، تارقاقلاشتۇرۇشتىكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش .
نەخ مەيداندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيتى
ئەترەت تەشكىللەپ تاسادىپى ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندىكى ئوبىكىتنى كونتىرول قىلىش ، يارىلانغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش .
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىغا تۈرلۈك بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى بىرىش ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇش .
خىزمەتنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ۋاقتىدا ئىجدىمائىي قۇتقۇزۇش ئاپراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىش .
بەشىنچى . مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەر ئۈستىدە تەھلىل ؛
تەبىئىي ئاپەت تۈرىدىكى ۋەقەلەر ؛ ⑴ ئورمان ، ئوت ئاپىتى ، ⑵ يەر تەۋرەش ، ⑶ كەلكۈن كىلىش ، ⑷ قارا بوران چىقىش ، ⑸ مۆلدۈر يىغىش ، ⑹ چاقماق چېقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ھادىسە تۈرىدىكى ۋەقەلەر ؛ ⑴ قىستىلىش دەسسىلىش ۋەقەسى ، ⑵ ئۈگىنىش پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئوت ئاپىتى ، ⑶ كوللىكتىپ پائالىيەت ۋەقەلىرى ، ⑷ مەكتەپ بىنالىرىنىڭ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسى ، ⑸ گازدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ، ⑹ سۇدا تۇنجۇقۇش ۋەقەسى ، ⑺ قاتناش ھادىسىسى ۋەقەسى .
ئاممىۋى تازىلىق تۈرىدىكى ۋەقەلەر؛ ⑴ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ، ⑵ يۇقۇملۇق كىسەللىك ۋەقەسى .
ئىجدىمائىي بىخەتەرلىك تۈرىدىكى ۋەقەلەر ؛ ⑴ زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى ، ⑵ ئۈگىنىش پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئوت ئاپىتى .
(1) ئوت ئاپىتى ۋەقەسى
مەكتىپىمىزدە ئوقۇغۇچىلار كۆپ ، قۇرۇلۇشلار زىچ ، خىش ، ياغاچ بىتون قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر بار . مەكتەپتە ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئوقۇتۇش بايلىقى ئۇچۇر ماتىرياللىرى كۆپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇش پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئېلىكتىر ئۈسكىنلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپ ، ئوقۇتقۇچىلار ياتىقىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ توك سىمى تارتىش ، توك ئوچىقى ، توك قازىنى ، سۇ ئىسسىتقۇچ ئىشلىتىش ئەھۋالىرى بۇنداق ئادەت خارەكتىرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بولسا ئوت ئويناش ، پوجاڭزا ئېتىش ، قۇرۇق ئوتۇن – چاۋالارغا ، شاخ-شۇمبىلارغا ئوت يىقىش ئەھۋاللىرى بار . بۇنداق ئادەت خارەكتىرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ئوڭايلا ئوت ئاپىتى يۈز بىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تارقاقلاشتۇرۇش ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قىلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ، مەكتەپ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى نۇقتىلىق مۇھىم ئورۇن . شۇڭا ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ئىنتايىن زۆرۈر .
(2) يۇقۇملۇق كىسەللىك ۋەقەسى
مەكتەپ ئادەم ئەڭ كۆپ توپلانغان جاي بولۇپ ، كىسەللىك بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كىسەللىك ئاسانلا تارقىلىدۇ . يۇقۇملۇق كىسەللىك ئادەتتە تاسادىپى قوزغىلىدۇ ، تىز تارقىلىدۇ . گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش ئېغىر ، مەكتەپ جايلاشقان ئورۇنلاردا يۇقۇملۇق كىسەل بايقالسا ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلا تارقىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملۇق كىسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كىسەلگە قارشى ئىممۇنىت كۈچى ئاجىز . شۇڭا مۇكەممەل بولغان يۇقۇملۇق كىسەللىككە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئىلىش ، بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم .
(3) قىستىلىش ، دەسسىلىش ۋەقەسى
مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار زىچ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭى بىر قەدەر تۆۋەن . ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس . دەرىسكە كىرگەن ، دەرىستىن چۈشكەن ، گىمناستىكىغا چىققان ، گىمناستىكىدىن تارقالغان ، كوللىكتىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەنگەندە ئوقۇغۇچىلار توپ-توپ مىڭىشقا توغرا كىلىدۇ . بۇنداق چاغدا ناھايتى ئاسانلا قىستىشىش ، دەسسلىش كىلىپ چىقىدۇ . ناۋادا بىرەر ئوقۇغۇچى يىقىلىپ كەتسە قىستاڭچىلىقتا دەسسىلىپ كىتىشى مۇمكىن . چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ( يەنى بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىش ، بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كوللىكتىپ قېچىش ، تۈرلۈك ئىشلاردىن ئالاقزادە بولۇپ قېچىش )تىن پەيدا بولغان تەرتىپ قالايمىقانچىلىقىدىنمۇ دەسسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا قىستىلىش ، دەسسىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش زۆرۈر.
(4) زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا زوراۋانلىق تىرورلۇق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ھەركەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
مەملىكىتىمىزنىڭ يىقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا مەكتەپلەرنىڭ زوراۋانلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ۋەقەسى كۆپەيگەن . دۈشمەن كۈچلەر ، تىرورچى ئۇنسۇرلار تىغ ئۇچىنى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ ، مەكتەپلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ سېتىش ، ئوقۇغۇچىلارغا پوخۇرلۇق قىلىش ، ۋەقەسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا روھى كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك . شۇڭا تىنىچ شارائىتتا خەۋىپ-خەتەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ، زوراۋانلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش ، تىرورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش زۆرۈر.
(5) يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى
مەكتەپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كۆپ يۈز بىرىدىغان جاي . مەكتەپتىكى 585نەپەر ئوقۇغۇچى دۆلەت تەمىنلىگەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يىمەكلىكلىرىنى يەيدۇ . يىمەكلىكنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ۋە يىمەكلىك تارقاتقۇچى خادىملارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغان يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ياكى سەۋەنلىك كۆرۈلسە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ، ھەتتا كوللىكتىپ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كىلىپ چىقىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ يىمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تارقاتماي ، ۋاقتى ئۆتكەندە تارقىتىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىچىك يايما دۇكانلىرىدىن ۋاقتى ئۆتكەن سۈپەتسىز ، ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىپ ييىش ، بۇلغانغان سۇلارنى ئىچىش ، تۇخۇم ياكى سۈت رىئاكسىيە قىلىش ، ۋاقتى ئۆتكەن دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ، چاشقان دورىسى ، ھاشارەت دورىسى ۋە دىھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىلەتكەندە قولىنى يۇماي يىمەكلىكلەرنى يىيىش سەۋەنلىكلىرى كۆرۈلسە ياكى شۇخىل دورىلارنى بىلمەي ياكى قەستەن ئىچسە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كىلىپ چىقىدۇ . شۇڭا يىمەكلىك تازىلىقىغا ئائىت تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تۈزۈش زۆرۈر .
(6) كوللىكتىپ پائالىيەت ۋەقەلىرى
مەكتەپ دائىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا چوڭ تىپتىكى يىغىلىش پائالىيتىگە تەشكىللەيمىز. مەسىلەن دوكلات بىرىش يىغىنى ، تەبرىكلەش يىغىنى ، تەنتەربىيە پائالىيتى ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ، نۇتۇق سۆزلەش ، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ، ئەدىبى - سەنئەت مۇسابىقىسى قاتارلىق كوللىكتىپ پائالىيەتلەردىن باشقا ھەركۈنى ئەتىگەنلىك بايراق چىقىرش پائالىيتى ، دەرىس ئارلىقىدىكى كوللىكتىپ گىمناستىكا ئويناش ، كەچلىك بايراق چۈشۈرۈش ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىسى قاتارلىق يىغىلىشلار مەيداندا ئىلىپ بىرىلىدۇ . بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدۇ. ۋاقىت قىس ، رىتىم تېز ، پائالىيەت جىددىي ئىلىپ بىرىلغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا قىستاڭچىلىق ، يىقىلىپ چۈشۈش ، دەسسىلىش ، ئىسسىق ئىلىپ كېتىش ، ئوت ئاپىتى ، يارلىنىش ، ئۆلۈش ھادىسسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭا كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش ، ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش زۆرۈر.
(7) مەكتەپ بىنا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى
مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئىشخانىسى ، ئايال ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى ، ئارخىپ ئىشخانىسى قاتارلىق ئۆيلەرنىڭ سىلىنغان ۋاقتى ئۇزۇن ، قار-يامغۇر ئۆتۈپ كىتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ھاجەتخانىسى ، ئامانلىق ساقلاش ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى يىرىلغان . مەكتەپنى قورشاپ تۇرىدىغان قورۇ تاملار يىرىلغان . ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار . شۇڭا بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش زۆرۈر.
(8) گازدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى
گازدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئاساسلىقى ، ئوقۇتقۇچىلار ياتىقىدا كۆپ ھاللاردا قىش پەسلىدە كۆرۈلىدۇ .
قىش پەسلىدە ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈر يىقىلغۇ قىلىنىدۇ . ياتاقتا ، ئائىلىدە كۆمۈر ئىشلىتىش جەريانىدا زور مىقداردا گاز پەيدا بولىدۇ . بۇ كۆمۈر گازى بولۇپ ، كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بولۇپمۇ دەرىسخانىدا ئىسسىنىش جەريانىدا ئىشىكلەر تاقاق ھالەتتە ئاسانلا زور مىقداردا ئىس چىقىپ كېتىش ھادىسىس كىلىپ چىقىدۇ . شۇڭا گازدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىنى تۈزۈش ئىنتايىن زۆرۈر.
ئالتىنچى . مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ؛
مەكتەپتە يۈز بەرگەن تاسادىپى ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈم ئورنىتىش .
مەكتەپتە تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ھەربىر يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان ۋەقەگە نىسبەتەن ئىنچىكە لايھە تۈزۈش ، جىددىي ئەھۋالدىن ئالدىن سىگنال بىرىش ۋە تاقابىل تۇرۇش سېستىمىسىنى مۇكەممەلەرشتۈرۈش .
مەكتەپتە تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى باشقۇرۇش ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ، قانۇن-مەمۇرىيەت قاتارلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ ، مەكتەپنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش .
جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئالدىنى ئىلىش ، تىزگىنلەشتىكى ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز مانېۋىر ئىلىپ بىرىش ، مالىيە كۈچى ، ماددىي كۈچ ، ئادەم كۈچى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ مانېۋىر لايىھەسى تۈزۈش .
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايھەسىنىڭ تەرتىپى ئىنىق بولۇش ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىش ، قۇتقۇزۇش ، قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش ، خادىملارنى تەربىلەشنى كۈچەيتىش ، ئۇلارنىڭ نەخ مەيداندا قۇتقۇزۇش ئىلىپ بىرىش ، داۋالاش ، ئايرىپ نازارەت قىلىش ، چارلاش ، تەھلىل قىلىش سەۋىيسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم .
ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەر پاناھلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەتراپلىق بولۇش لازىم .
تارقاقلىشىش لىنىيەسى ۋە يىغىلىش ئورۇنلىرىغا ئىنىق قىلىپ شەرتلىك بەلگىلەرنى ئورنىتىش ، كېچىلىرى يورۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ، جىددىي پەيىتتە بىخەتەر قىچىپ قۇتۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، بىخەتەر قىچىپ قۇتۇلۇشقا قولايلىق يارىتىش ، مەكتەپ ئىچىگە تەرەپ بەلگىلىرى ئورنىتىپ ، ۋەقەدە قىچىپ قۇتۇلغۇچىلارنىڭ تەرەپنى پەرىق ئىتىشىگە قولايلىق يارىتىش لازىم .
ئوقۇغۇچىلاغا بولغان تەربىينى كۈچەيتىپ جىددىي پەيتلەردە ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىڭى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتەرلىك ئويۇنلارنى ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشىغا يول قويماسلىق ، مىخ ، سەرەڭگە ، چاقماق ۋە تىغلىق ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىش ۋە مەكتەپكە ئەكىلىشىگە يول قويماسلىق .
يەتتىنچى . مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تۈزۈمى ؛
يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئوت كىتىش ، سۇغا چۈشۈپ كىتىش ، يەر تەۋرەش ، زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ، گازدىن زەھەرلىنىش ، كوللىكتىپ پائالىيەت ۋەقەلىرى ، يۇقۇملۇق كىسەللىك.....قاتارلىق ھەربىر تۈرلۈك تاسادىپى ۋەقەگە نىسبەتەن ئەتراپلىق تۈزۈلگەن لايىھە ۋە كالىندارلاشقان پىلانى بولۇش .
ھەربىر تۈرلۈك لايىھەدە رەھبەرلىك گۇرۇپپا ، قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار قۇرۇلغان ، ئىش تەقسىماتى ئىنىق ئايرىلغان بولۇش.
تۈزۈلگەن كالىندار پىلانغا ئاساسەن ۋاقتى-ۋاقتىدا مانىۋېر ئىلىپ بىرىش ، دوكلات ئىلىپ بىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش .
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىينى دائىملاشتۇرۇش . مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا ھەرۋاقىت ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ، بىخەتەرلىك ئىڭى بولۇش .
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنىسى ، گۈرجەك ، قۇم چىلىكى ، قوغدىنىش كالتىكى قاتارلىق قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئىلىتىشنى ئۈگىتىش ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئىلىتىشنى بىلىش.
مەكتەپتە 24سائەتلىك ئامانلىق تۈزۈمى ئورنىتىش ، 24سائەت مۇقىم ئادەم تۇرۇش . دىجۇرنىلىكتە تۇرغانلار بەش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش .
يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزۇش ، ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىدىغان يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش .
مەكتەپتە ئىلىپ بىرىلدىغان كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە تەرتىپلىك بولۇشقا، قىستىلىش دەسسىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش .
ئالدىن سىگنال ئۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ ، ئوت مۇداپىئە مانىۋىرى ، يەرتەۋرەش مانىۋىرى قاتارلىق پائالىيەتلەردە ۋە ھەقىقەتەن تاساددىپى ۋەقە يۈز بەرگەندە سىگنال ئاڭلىغان ھامان جىددىي قوغدىنىش تەدبىرى قوللىنالايدىغان بولۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش .
مەكتەپلەردە خەتەرلىك ئورۇنلارغا خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە خەتلىرىنى چاپلاش .
بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە مەلۇم قىلىدىغان ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلىش ۋە بۇ نۇمۇرلار مەكتەپنىڭ ئالدى ۋە دىجۇرنىلىك ئۆيىنىڭ ئالدىغا چاپلاش .
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ سىرتىدا تاسادىپى ۋەقەگە يولۇققاندا يۇقاردىكى ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلگەندىن سىرت قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ، ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلىش لازىم .