خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«قەشقەر» ئاتالغۇسى ھەققىدە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-01-04 13:36

 

«قەشقەر» ئاتالغۇسى ھەققىدە



تارىختا ئەنە شۇنداق داڭلىق ۋە ئاۋات - كۆركەم دىيار دەپ سۈپەتلەنگەن بۇ يۇرتنىڭ ( قەشقەر ) تۈرلۈك ناملىرى ۋە بۇ ناملارنىڭ ئېتمولوگىيىسى توغرىسىدىكىئىزدىنىشلىرىمنىڭ تەخمىنىي يەكۈنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنىمەن ؛
ھەر زاماندا ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە تۈرلۈكچە قەيت قىلىنغان ناملارنىئۇچرىتىمىز . ئالدىنقى ۋە كېيىنكى "خەننامە" لەردە "ۋېينامە" ، "سۈينامە" كونا - يېڭى "تاڭنامە" لەردە ، "سۇڭتارىخى" دا <<شۇلې>> ؛ "ۋېي ئەھۋالاتى" دا "گاشى" ، "بۇددا ئېلى خاتىرىسى" دە " گا - چا " ۋە " گاشى چىلى " ، بۇددا نوملىرىدىن "گارانامە" ، "پازىلراھىبلار تەزكىرىسى" ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا "شۇلې" (
Sole) ؛ "غەربىي دىيارخاتىرىسى" دە "چۈشا" ۋە "شىلى چىسۇ دودى" ؛ "يۇەنمەخپىي تارىخى" دا "كەش خار" ، مىڭ دەۋرىدە "خاشاخار" ؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دەۋرىدە "كاشى گار" دەپ يېزىلغان .
سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى مەھمۇد "دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك" قامۇسىدا ، "ئوردۇ" سۆزىنى "خان شەھىرى" دەپ ئىزاھلاپ ، "كاشىغەر --- ئوردۇ كەنت دېيىلىدۇ" دېگەن ئىبارىسىدە ، "كاشىغىر" دەپ قەيت قىلىنغان .
بۇ ئەزىز يۇرتىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە يۇقۇرىقىدەك قەيت قىلىنغان تۈرلۈكناملىرىنى ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۈمكىن : بىرى ، "شۇلې" ياكى "سولې" ؛ يەنە بىرى ، "كاشىغەر" .
"شۇلې" ( سۇلې)
ئاۋۋال "شۇلې" ئېلى دېگەن نام توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن "تارىم مەدىنىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە" دېگەن ماقالەمدىن بەزىئۈزۈندىلەرنى كەلتۈرەي .
شۇلې --- قەشقەر ئۆلكىزارلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يۇرت . قەشقەر ئۆلكىزارلىقىتارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە توغرا كېلىدۇ . شۇلې ناھايىتى بۇرۇندىنلاجەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستانغا قاتنايدىغان مۇھىم يول ئۈستىئىدى . قەدىمكى دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ماۋەرائۈننەھىر ۋە ھىندىستاندىن بۇ يەرگەكېلىدىغان سودىگەرلەر ناھايىتى تولا ئىدى . بۇ شەھەر مەملىكىتىمىز جوڭگونىڭ دېڭىزياقىسىدىكى سودا پورتلىرىدىن خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئىدى . بۇ يەردىنئۆتىدىغان كارۋان يولى يىراقلارغا قاتنايدىغان ئۇزۇن سودا لىنىيىسى بولۇپشەكىللەنگەن . ئۆز زامانىسىدا بۇ لىنىيە بىلەن توختىماي مال ئالماشتۇرۇلغان ۋەمەدىنىيەت تارقىتىلغان ، مىلادىيىدىن 6 -- 7 ئەسىرلەر ئىلگىرىكى گرېك ( يۇنان) سودىگەرلىرى ، ئاندىن كېيىن روما سودىگەرلىرى كېلىشكە باشلىغان . مىلادىيىدىنئىلگىرىكى يەتتىنچى ئەسىردە گرېتسىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلغان تۇنجىسەيياھ ئارىستان ئىدى ، " ئاسىپايا" دېگەن قەدىمكى داستانىدا ، ئۇنىڭساياھىتى قەيت قىلىنغان ئىكەن . ھىرودوت بۇ داستانى مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدەئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن . گرېك جۇغراپىيونى ماىنوس فراتدەرياسىنىڭ كېچىكىدىن تاش تۇراغىچە ۋە بۇ يەردىن سېل دەرياسىنىڭ پايتەختى سىلاغىچەبولغان يولنى ھەم ئۇنىڭ مۇساپىسىنى خاتىرلەپ يازغان ؛ غەرب سودىگەرلىرى ئەنە شۇشەھەردىن يىپەك ماللار ، كۆن - خۇرۇملارنى يۆتكەپ تۇراتتى دەپ قەيت قىلىنغان ئىكەن . شۇڭا ، قەدىمكى زاماندا غەرب كىشىلىرى "شۇلې" نى "شايىمەملىكىتى" دەپ ئاتىغانىكەن .
روما جۇغراپىيونى پتولېمى گرېتسىيىنىڭ جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان "جۇغراپىيە" دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە ، ئاسىيانىڭ ئەڭ راھەت - پاراغەتلىكجايلىرى سىلىيا بىلەن سىنا ئەللىرىدۇر دەپ سانىغان . "سىنا" بولسا ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 400 - يىللىرى ئۆتكەن تارىخچى كىتىفوسنىڭ "ئېترىيە" دېگەن ئەسىرىدە "سېرىس" دەپ يېزىلغان . گرېك تارىخچىلىرىدىنئونىكرىدوس بىلەن نېئار كوس "قىرغاقنى بويلاپ دېڭىز ساياھىتى" دېگەنئەسەردە : غەرب ئەللىرىدە ئىشلىتىدىغان يىپەك ۋە تۆمۈرلەر سېرستىن كېلىدۇ دېيىلگەن . شۇنىڭدەك ھومېرنىڭ "ئودىسسا" داستانىدىمۇ سېرىستىن ئىمپورت قىلىنغانتاۋارلار ئارىسىدا تۆمۈر ۋە كۆن - خۇرۇملار بارلىقى تەسۋىرلەنگەن .
"شۇلې" / "سولې" ، ئېھتىمال يەرلىك ئاھالە تىلىدا قويۇلغانيەر نامىنىڭ خەنزۇچە ترانسكرىپىيىيلىنىشى بولسا كېرەك . بۇ نام غەرب ئەللىرىنىڭتىللىرىدا "سىلىيا" ياكى "سېرىيا" دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان . بۇ نامنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئاساسەن ئىككى خىل كۆز قاراش بار : بىرى ، بەزىئالىملار بۇ سۆز قەدىمكى كاشىغەر تىلىدا
Sullakh (سۇللاق) نىڭ ئاھاڭتەرجىمىسى بولۇپ ، "سۇلۇق جاي" ، "سۇ ماكانى" دېگەنلىكنىبىلدۈرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ ."دىۋانۇلۇتىت تۈرك" تە ، "سۇۋلاغ" سۆزىگە : << 1. سۇلاق -- مال سۇغىرىلىدىغان يەر ؛ 2 . سۇللاغ -- كاشىغەردىكى بىريېزىنىڭ نامى >> دەپ ئىزاھ بېرىلگەنلىكىنى دەلىل قىلىدۇ . شۇنىڭدەك قەدىمكىتۈركىي ۋەسىقىلەردە "ئوغراغ" سۆزىگە بېرىلگەن ئالتە خىل ئىزاھنىڭ بىرى --- "ئېقىن سۇ" دېگەن مەنىنى ئاساس قىلىپ ، بۇ سۆزگە ئاھاڭداش ھەمجۈپلۈك سۆز "سۇمراغ" ترانسىكپىسىيىسى بولسا كېرەك . چۈنكى ، "سۇغراق" ياكى "سۇغراغ" دەپ ئاتىلىدىغان يەر ناملىرى بۇنىڭغامىسال بولىدۇ ؛ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "راغ/راق" بىلەن ياسالغان تولا . مەسىلەن ، ئوغراق ، دىغراق ، ئازغىراق ، ساغراق ، قاززاق . توغراغ ۋە باشقىلار . خاقانىيە تىلىدا ۋە باشقا قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ساغراق/سوغراق" نىڭ كۆچمە مەنىسى "كاسا" ( كوزا) ، يەنە بىر كۆچمە مەنىسى "ئويمانلىق" ، "داشمانلىق" دۇر . شۇ ئۇسۇلدا ياسالغان "سوزاغ "/ "سۇراغ" ۋە ئۇنىڭ ئىنچىكە تۈرى "سۈرەگ" سكزىمۇ "توپ" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى مەلۇم . يۇقۇرىدىكى چۈشەنچىلەربويىچە ، "شۇلې"/"سۇلى" ---- "سۇۋلاغ" ۋە "سۇغراق" نىڭ ترانكرىپىسىيىسى بولسا ، "سۇلۇق جاي" ، "تاغ ئېتىكىدىكى ساي" ، "ئويمانلىق" / "كاسا" دېگەنمەنىنى بىلدۈرىدۇ . "يۇرت" ، "مەھەللە" ، "توپ" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
يەنە بىر قاراش بويىچە غەرب ئالىملىرىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، ياۋروپاتىللىرىنىڭ شايىنى ---
silk ( رۇس تىلىدا "شولكا" ) دەيدۇ . قەدىمكى گرېك - روما مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنغان "سىليا" ياكى "سېرىيە" / "سېرىس" خەنزۇچەترانسىكرىپىيىسە قىلىنغان "شۇلې" / "سۇلې" غا يېقىن كېلىدۇ . بۇ "يىپەك " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيارخاتىرىسى" دە "شۇلېننىڭ ئەمىلىي نامى شىلۇ چىسۇ دو دى ، بۇ شۇلې بولۇپئۆزگىرىپ كەتكەن " دەپ ئېنىق يازغان . "شېلى چىسۇ دو دى " --- دەل "سىلىك - كەز " ----- "شايى - دۇردۇن" يەنى تاۋار - تۇرقادېگەن سۆز بولىدۇ . "دودە" --- "خانىدان" ، "يۇرت" ، "ئەل" دېگەنلىك بولىدۇ . دېمەك ، "يىپەك ئېلى" ياكى "پىللە خاندانى" دېگەن چۈشەنچە چىقىدۇ .
"كاشىغەر" / ""قەشقەر"
ئەمدى ، "كاشىغەر" دېگەن نامغا كەلسەك ، جانلىق تىلدا "قەشقەر" دەپ ئومۇملاشقان بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ئېتېمولوگىيىسى ھەققىدە ھەرخىل تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىدە تۈرلۈك ئىزاھلانغان .
"لۇغەر دېڭىزى" (سىخەي) دە ، "شۇلې" سۆزلىمىگە مۇنداق ئىزاھبېرىلگەن : < شۇلې -- تاڭ دەۋرىدە چۈشا ، گاشى چىلى دەپ ئاتالغان . ؛ "چۈشا" سۆزلىمىگە بېرىلگەن ئىزاھتا : <چۈشا --- 1. يەنى شىگو ، يەنەبىر نامى گۇشانا ... ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى شەھىرى سەبزىگە توغرا كېلىدۇ ؛ 2. "شۇلې" سۆزلىمىگە قاراڭ دېيىلگەن .>
شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ 12 - جىلتىدە "چۈشا ئېلى --- كونا ئاتىلىشى شۇلې " دېيىلگەن .
"بۇددا ئېلى خاتىرىسى" نىڭ "شۇلې" ماددىسىدا مۇنداق ئىزاھبېرىلگەن " " بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى گاشى چىلى ، بۇنىڭدىكى چىلى سانكرىتتىلىدا تاغ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ، گاشى -- قاشتاشتۇر " .
ياۋروپا ئالىملىرىدىن گرانادنىڭ تەتقىقاتى بويىچە ، گاش / قاش -- قاشتاش ؛ گىر/گاربولسا ، بالوت تىلىدا
ghar (غار) نىڭ ترانسكرىپىيىسى بولساكېرەك . (ياپون) شىراتورى كوراكى جىننىڭ پىكرىچە ، چاخان ۋە ئەفغان تىللىرىدا "غار" --- تاغ دېگەن ، "كاش غار" / "قاش غار " -- قاشتاش تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن .
بەزى تىلشۇناسلارنىڭ تەھلىلىچە ، قەدىمكى ھۇن - ئالتاي تىللىرىدا "غار" ---"يەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن . مەسىلەن ، ئالتاي تىللىرىدىن دۇڭ - غۇر گۇرۇپپىسىدىكى داغۇر تىلىدا "غار" --"يەر" دېگەن مەنىدەبولۇپ ، ھازىرقى "چىچىخار" ئەسلىدە داغۇرچە "كېچىغار" ( كېچ/كۆچ --- چەر غار يەر ) --- "چەت يەر " مەنىسىنى بىلدۈرىدىكەن .
"غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى" دە: "مۇسۇلمان (ئوغۇز) تىلىدا ، رەڭدار خىشنى كاشى ، خىشتا سېلىنغان ئىمارەتنى گار دەيدۇ . يېرى بايمۇنبەت ، كاشىدا سېلىنغان ئىمارەتلىرى تولا بولغاچقا ئاشۇنداق ئاتالغان " دەپيېزىلغان .
دېمەك ، "كاشىغەر" نىڭ مەنىسىنى ئىككى خىل پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ؛ بىرى ، "قاش غار " --- قاشتاش تاغ ياكى قاشتاشلىق يەر ؛ جۈملىدىن قاش يەر ، يەنى دەريا قېتىدىكى يەر . يەنە بىرى ، "كاشىنكار / كاشىكار" --- كاشنىلىق يۇرت - شەھەر . كېيىنچە ، يورچى - كۈسەن - تۇخار تىلىدا "كاشگار" ، ئەرەب - ئەجەم تىللىرىدا "كاشىغەر" بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن .
قەشقەر --- ناھايىتى قەدىمكى دىيار ، مىلادىيىدىن بەش ئەسىر بۇرۇنلا غەرب ۋە شەرققەتونۇلغان سودا - سانائەت مەركىزى .
سالنامىچى خۈي دۇڭ "كېيىنكى خەننامە" نىڭ "بەنچاۋ تەزكىرىسى" دىن نەقىل كەلتۈرۈپ دەيدۇكى ، شۇلې پادىشاھى سۇنجۇڭ شەھىرىدە تۇرىدۇ ؛ شۇلې ئېلىدەپەنتۇ شەھىرى ، ۋۇ جى شەھىرى ، سۇنجۇڭ شەھىرى بار . سۇنجۇڭ شەھىرىنى جېنجۇڭ ، دۇنجۇڭ دەپمۇ ئاتايدۇ .
"شىمالىي سۇلالە تارىخى" نىڭ "غەربىي دىيار" بابىدا يېزىلىشىچە ، شۇلې پايتەختىنىڭ سېپىلى بەش چاقىرىم كېلىدۇ . بۇ ئەلدە 12 چوڭ شەھەر ، بىرقانچەئون كىچىك شەھەر بار" . "ئۇنىڭ پادىشاھى ئالتۇن ئارسلان (شىر) نەقىشلىكتاج كىيىدۇ" ، "زېمىنىدىن شال ، قوناق ، كەندىر ، بۇغداي ، مىس ، تۆمۈر ، قەلەي ، رەۋەن ، كىمخاب تاۋار كۆپ چىقىدۇ . ھەر يىلى كۆك تۈركلەرگە يوللاپ تۇرىدۇ " .
شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ "چۈشا" ماددىسىدامۇنداق دېيىلگەن : "چۈشا ئېلىنىڭ دائىرىسى 5000 چاقىرىم كېلىدىكەن . سايىلىرىتولا ، مۇنبەت يەرلىرى ئازراق ؛ زىرائەتچىلىك راۋاجلانغان ، گۈل - گىياھلىرى كۆپ ، مېۋە - چىۋە مولچىلىق ئىكەن ؛ سۈپتە ، گۈل - نەقىشلىرى چىرايلىق زىلچا - پالاس ، چەكمەن - تۇرقا قاتارلىق توقۇلمىلار كۆپ چىقىدىكەن ؛ ھۈنەرۋەنچىلىك گۈللەنگەن ئىكەن ........ يېزىقى ھىندى يېزىقىدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان ئىكەن ... بۇددا ئەقىدىسىگەئىشىنىدىكەن ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن . گرامادىن بىرقانچە يۈزىبار ئىكەن . راھىبلىرى ئون مىڭدىن ئاشىدىكەن " .
ھەزرىتى مەھمۇد كاشىغەرىمۇ "دىۋان" دا : "كاشىغەر --- ئوردۇكەنتدېيىلىدۇ ، يەنى خانلار تۇرىدىغان شەھەر دېمەكتۇر" . " بۇ شەھەرنىڭھاۋاسى ئوبدان بولغىنى ئۈچۈن ، ئافراسىياپ شۇ يەردە تۇراتتى" دەپ يازغان . ( "تارىخ تەبەرى" دە بايان قىلىنىشىچە ، ئافراسىياپ يەنى خانلار خانى ئالىپئەرتۇڭانىڭ ياشىغان ۋاقتى مۇسا پەيغامبەرنىڭ زامانىسىغا توغرا كېلىدىكەن ) .
مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز يۇرتىنى "قىزىل سۇ" دېگەن سۆزلەمگە بىر كۇبلېتشېئىر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق تەسۋىرلىگەن :
قىزىل - سېرىق (چېچەكلەر) يۆلىنىپ ،
يېشىل رەيھانلار (باش) كۆتۈرۈشۈپ ،
بىر - بىرىگە يۆگىشىپ تۇرغان ،
ئىنسان ئۇنى داڭلىشىدۇ .
كاشىغەر ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ ، ئەنە شۇ قىزىل سۈيى بويىغا بىنا بولۇپ كەلگەن . قىزىل بويلىرى خۇددى 1500 يىل ئىلگىرى شۇئەنزاڭ ماختىغىنىدەك ، مەھمۇد كاشىغەرىزامانىدىمۇ بۈەۈنكى كۈندىمۇ ھەقىقەتەن گۈل - گۈلىستان ، باغۋارانلىق قۇتلۇقئەشيادۇر . ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغۇن - بوغۇنلىرىنىڭ گۈلدەكقولى بىلەن جەننەت مەسەل ئېسىل دىيارغا ئايلانغان .
مۇتائىلە
1. مەيلى "سۇلې" ئاتالسۇن ياكى "كاشىغەر" ، بۇ ناملارنىڭتارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ ، ناھايىتى قەدىمكىناملار ئىكەنلىكى مەلۇم ؛ "سۇلى" دېگەن نامنىڭ تارىخى 2500 يىلدىن ئاشىدۇ ؛ "كاشىغەر" مۇ 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە . دەرۋەقە ، بىرەر شەھەر ياكىئەلنىڭ نامى كېيىنكى مۇئەللىپلەر تۈزگەن كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ۋاقتىدا پەيدابولغان ئىكەن دېگىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ شەھەر ياكى ئەل بىنا ۋەئاپىرىدە بولغانلىقى ئاددىي ساۋات ئىگىسىگىمۇ مەلۇمدۇر .
2. كاشىغەرنىڭ قەدىمكى شەھەر تۈزۈلۈشى شەرق ۋە غەرب بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىن ئۆزگىچەبولغان . ئكي - ئىمارەت قۇرۇلۇشى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە يەر شارائىتى ھەم ھاۋا - كېلىماتىغا ماس بولغاندىن تاشقىرى ، يۇرت ئەھلىنىڭ ئادەت ۋە روھى ھالەت قاتارلىقئەنئەنىۋى خۇسسۇسىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن . شەھەر كوچىلىرىنىڭ يەنە بىرئالاھىدىلىكى شۇكى ، بالدۇرقى رەستە ۋە كوچا - كويلىرىنىڭ ئۆتۈشكەن جايلىرى كۆپىنچە "ئۈچ كوچا" ئىدى ، خۇددى "تاپچان" يېقىلمايدىغانلىقىغا ئوخشاش ، ئۈچ كوچا ئات -ئۇلاغ ، ھارۋا قاتارلىق قاتناش قوراللىرى دوقۇرۇشماي ، تىقىلىنچبولماي راۋان بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغۇن ئەجدادلىرى شەھەركوچىلىرىنى ( قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن شەھەرلىرىدە ) "ئۈچكۈل" يەنى ئۈچكوچا قىلىپ ياساش تەجرىبىسىنى ھاسىل قىلغان .
3. قەشقەردە قەدىمدىن "32 خىل ھۈنەر - كەسىپ" تەل - تۆكۈس راۋاجلانغان . نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە جەڭگە - جېدەل مالىمانچىلىقلارنىڭ كاساپىتىدىنھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ خېلىلا ۋەيران بولغىنىغا قارىماي ، كېيىنكى چاغلاردىمۇ ئۈزۈلۈپقالمىغانلىقى مەلۇم . شۇ سەۋەبتىن ، قەشقەردىن چىققان سانائەت مەھسۇلاتلىرى قوشنائەللەردە بازار تاپقان داڭلىق مەھسۇلاتلار سانالغان . مەسىلەن ، ئون ئالتىنچىئەسىردە ، ئىۋان گروزىن زامانىسىدا موسكىۋانىڭ بازىرىنى قەشقەرنىڭ مىش بويۇملىرىقاپلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم . يەنە كېلىپ قەشقەردىن ئۆزگىچە توقۇلما بويۇملار مۇئىشلەنەەن . مەسىلەن ، مەھمۇد كاشىغەرى "دىۋان" دا : "كىشمىشكە --- قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز" دەپ ئالاھىدە قەيت قىلغان .
4. شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە ، "كاشىغەردە مېۋە - چېۋەتولا ئىكەن " دەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يازغان . راست ، قەشقەردە مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ تولا ، سورتلىرى ئاندىن تولا .
مانا ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، پەقەت قول سانائىتىنىئالساق ، ئاجايىپ راۋاج تېپىپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى - يېڭى مەھسۇلاتلار كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كەلدى ؛ ئىچكى - تاشقى خېرىدارلارنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگەتارتىپ كەلدى . شەرق مۇزىكا مەدىنىيىتىدە پارلاپ تۇرغان گۆھەر --- ئون ئىككىمۇقامنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قەشقەردە ساقلىنىپ ، قەشقەرىيە مۇقام ئۇستازلىرىئارقىلىق كۈنىمىزگە يېتىپ كەلدى .....

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار