خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-01-04 13:34

 

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى


تۈزگۈچىلەر: غەيرەتجان ئوسمان، ئەشرەپ ئابدۇللاھ



1     . «ئوغۇزنامە»

«ئوغۇزنامە» قەھرىمانلىق ئېپوسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئوغۇزنىڭ قەھرىمانلىقى ، ئەقىل
پاراسىتى ۋە ئوغۇزخان يېتەكچىلىكىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاجىزلىقتىن زورىيىپ ، چېچىلاڭغۇلۇقتىن ئۇيۇشۇپ ، باشباشتاقلىقتىن بىرلىككە كېلىپ ، تەدرىجىي زورايغان ھەم داۋاملىق ئالغا باسقان ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى ئوبرازلىق ، جانلىق ۋە تەسىرلىك يوسۇندا بايان قىلىنغان .

ئوغۇزخان قەھرىمان ۋە دانا خان . ئېپوستا ئۇنىڭ ئوبرازى ئۇزۇن ، مۇرەككەپ ۋە دەھشەتلىك مۇھىت ئىچىدە يېتىلىپ چىققان ، يەنى ئوغۇزنىڭ شەخسىي خاراكتېرى كەڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىگە قويۇلۇپ ، تەدرىجىي ئومۇمىي خاراكتېرگە ئىگە قىلىنغان . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەينى چاغدىكى باتۇر ، پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان . ئوغۇز ئىلغار كۈچلەرنى ئالغا يېتەكلىگۈچى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئەجدادلارنىڭ خاراكتېرى ۋە تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ، ئەجدادلارنىڭ شان
شەرىپى ۋە ئەۋلادلار قىزغىنلىقىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلانغان .

ئوغۇزخان يېرىم ئىلاھلاشقان ، يېرىم ئادەملىك خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز . خەلق قەلبىدە ئۇنىڭ تۆرىلىشى ۋە سۈپىتى ئىلاھىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن . ئەسەردە ئۇنىڭ ناھايىتى ئۇستا مەرگەن ، قىلىچۋاز ، نەيزىۋاز ۋە تەدبىرلىك قوماندان ، دانا ۋە ئادىل خاقان ئىكەنلىكى سۈرەتلەنگەن ، يەنى ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ئادىمىيلىك دەرىجىسىدىن ئايرىلمىغان . ئۇ ياشانغاندا ئۆلۈمدىن سۆز ئاچمىغان بولسىمۇ ، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماي ، بالىلىرىغا يەر
زېمىننى ئادىل تەقسىم قىلغان . ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلاھلىق ھالەتكە ئۆتۈپ ، مەڭگۈ ياشاش ئىستىكىنى قىلمىغان .

«ئوغۇزنامە» دە ئەجدادلارنىڭ كىشىلىك ۋە جەمئىيەت قارىشى ، ئېتىكا ۋە ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرى ، ئۆرپ
ئادەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . ئۇ بىز ئۈچۈن تىل ، شېئىرىي تەپەككۇر ، بەدىئىي تەسەۋۋۇر قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال .



«ئوغۇزنامە» دىن پارچىلار



كەنە كۈنلەردەن بىر كۈن ئاي قاغاننىڭ كۆزۈ يارۇپ بودادى .

ئەركەك ئوغۇل تۇغۇردى ،

ئوشۇل ئوغۇلنۇڭ ئۆڭلۈگى چىراقى كۆك ئەردى ،

ئېغىزى ئاتاش قىزىل ئەردى ،

كۆزلەرى ئال ، ساچلارى ، قاشلارى قارا ئەردىلەر ئەردى ،

ياشغ نەپىسكىلەردەن كۆرۈكلۈكرەك ئەردى .

ئوشۇل ئوغۇل ئاناسىنىڭ كۆگۈزۈندۈن ئوغۇزنى ئىچىپ مۇندۇن ئارتىغراق ئىچمەدى .

يىگ ئەت ، سۈرمە تىلەدى ،

تىلى كېلە باشلادى ،

قىرىق كۈندۈن سۇڭ بەدۈكلەدى ،

يۈرۈدى ،

ئوينادى ،

ئاداغى ئۇد ئاداغىدەگ ،

بەللەرى بۆرە بەللەرىدەگ ،

ياغرى كىش ياغرىدەگ ،

كۆگۈزۈ ئادۇغ كۆگۈزۈ دەگ ئەردى .

بەدەنىنۇڭ قاماغى تۈگ تۈلۈگلوگ ئەردى .

. . . .

ئوغۇز جىدا بىرلە قىئاتنىڭ باشىن ئۇردى ،

ئانى ئۆلتۇردى ،

قىلىچ بىرلە باشىن كەستى .

. . . .

مەن سەنلەرگې بولدۇم قاغان ،

ئالالىك يا تاقى قالقان .

تامغا بىزگە بولسۇن بۇ يان .

كۆك بۆرە بولسۇنغىل ئۇران ،

تەمۈر يىدالار بول ئورمان .

ئاۋ يەردە يۈرۈرسۇن قۇلان ؛

تاقى تالۇي تاقى مۈرەن ،

كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان .



[بىر كۈنى ئايقاغاننىڭ كۆزى يورۇدى ،

ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى .

بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز
چىرايى كۆك ئىدى ،

ئېغزى چوغدەك قىزىل ، كۆزلىرى ھال ، چاچلىرى ، قاشلىرى قارا ئىدى ، ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى .

بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى . خام گۆش ، ئاش ، مەي سورىدى ، تىلى چىقىشقا باشلىدى .

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار