خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-31 23:58



 
ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئەخمەت مۆمىن تارىمى
(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى،نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)

    (مەزكۇر تېما ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخ ئەسىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، جۈملىدىن ئىلمىي تارىخ ئەسىرى بىلەن تارىخىي رومان خاراكتېرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدا بىرئىلمىي مۇلاھىزە بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن يوللاندى)

     تارىخ ــــــ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەنكى تەرەققىياتىنىڭ  جەريانىدىن ئىبارەت، تارىخشۇناسلىق دەل ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەنكى تەرەققىياتىنىڭ جەريانىنى تەتقىق قىلىدۇ، تارىخشۇناسلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىيكېتى ۋە ئەكىس ئەتتۇرۇش ئوبىيىكتى قىلىش سۈپىتى بىلەن چېتىلىدىغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنى ناھايىتى مول. ئۇ مۇئەييەن تارىخىي قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەلگىلىك بىر ئۇسلۇبتا تارىخىي جەريانلاردىن، ھەرقايسى ئامىللارنىڭ باغلىنىشىدىن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئادەتتە ئۇ تارىخىي جەريانلارھەققىدىكى خاتىرىلەرنى، تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ يەكۈنلىرىنى ۋە تارىخىي قانۇنىيەت ئۇستىدىكى ئىزدىنىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(1). تارىخشۇناسلىق تارىخى بولسا تارىخشۇناسلىقنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى كۆرسىتىدۇ،ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى تارىخشۇناسلىق بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى تارىخشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەشتىن ئىبارەت(2).
    تارىخشۇناسلىقنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن.ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى ئەستە قالدۇرۇش ۋە يەكۇنلەش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى تەكشۇرگەن ۋە مۇھاكىمە قىلىپ كەلگەن. ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بۇيىچە قالدۇرۇلغان ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى تارىخشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى بىخى دىيىشكە بولىدۇ (3). يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىن ھەقىقىي مەنىدىكى تارىخشۇناسلىق ئاندىن ئىپتىدائىي ھەم ساددا ئەپسانە- رىۋايەتلەردىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن.ئەمما بۇ مەزگىلدىكى تارىخشۇناسلىق شەكىل جەھەتتىن ئاددىي بولۇپلا قالماي ، پىكىر، مەزمۇن جەھەتتىنمۇ ئاددىي ئىدى. كېيىن ئىقتىساد ۋەمەدەنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تارىخشۇناسلىقمۇ بارا-بارا راۋاجلىنىشقا باشلىغان. شەكلى كۆپ خىللىشىپ ، مەزمۇنى كېڭەيگەن.
     تارىخىي ماتېرىياللار تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى يېزىقسىز تارىخىي ماتېرىياللار، يەنە بىرى يازماتارىخىي ماتېرىياللاردۇر. يېزىقسىز تارىخىي ماتېرىياللار چوڭ جەھەتتىن قەدىمكى ئىز-خارابىلەر، قەدىمكى يادىكارلىقلار، ئەپسانە-رىۋايەت-داستانلار، شىئېر-قوشاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يازما تارىخىي ماتېرىياللار بولسا ھەرخىل رەسمىي ۋە بىرەسمىي تارىخنامىلەر، ھۆكۈمەت ئارخىپلىرى ۋە شەخسىي ئارخىپلار، تەزكىرە-تەرجىمىھاللار،دەستۇر-رىسالىلەر، ئابىدە-پۈتۈكلەر ۋە باشقا تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى بارئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(4). ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى تولۇق ئىگىلەش، تارىخىي پاكىتلارنى ئىمكانقەدەر ئېنىقلاش تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگودا تارىخشۇناسلىقنىڭ بىخى قەدىمقى دەۋردىلا ، جۈملىدىن شيا سۇلالىسى دەۋرىدىلا پەيدا بولغان بولۇپ، «خۇاڭدىنىڭ چى يۆ بىلەن قىلغان ئۇرۇشى»، «دا يۈنىڭ كەلكۈننى تىزگىنلىشى» قاتارلىق ئەپسانە-رىۋايەتلەرجۇڭگو تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخى ھېسابلىنىدۇ. شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرى جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغان دەۋرى بولۇپ ، «نەسىرنامە»جۇڭگو بويىچە  ئەڭ دەسلەپكى تارىخىي ئەسەردەپ قارىلىدۇ(5). ئۇنىڭدا شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرىگە ئائىت قىممەتلىك مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن.  كېيىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە «تارىخىي خاتىرىلەر»،«خەننامە»قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ بارلىققاكېلىشى بىلەن تارىخشۇناسلىق رەسمىي شەكىللەنگەن. تارىخشۇناسلىق كېيىن ھەر قايسى سۇلالىلەر دەۋرىدە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، مەخسۇس بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىپ، ھۆكۈمەت ۋە شەخىسلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەر يېزىلىپ، ھازىر « جۇڭگونىڭ 24تارىخى» دېيىلىۋاتقان تارىخىي ئەسەرلەر توپلىمى مەيدانغا كېلىپ، جۇڭگوتارىخشۇناسلىقىنىڭ سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.
تارىخشۇناسلىق ياۋرۇپادىمۇ ناھايىتى بۇرۇنلا بىخلانغان بولۇپ، غەرب تارىخشۇناسلىقى قەدىمكى يۇناندىن باشلانغان . «ھومېر داستانلىرى»، يەنى «ئىللىئادا» ۋە «ئودېسسا»داستانى تارىخشۇناسلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخى ھېسابلىنىدۇ(6).گەرچە ئۇلار ئەپسانە-رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلاردىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 12-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى يۇنانلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كېيىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردە ھېرودوت ئۆزىنىڭ «تارىخ» (يەنە بىر نامى «يۇنان-پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى») دېگەن مەشھۇرئەسىرىنى ، فوكىدىد «پىلوپوننىس ئۇرۇشى تارىخى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى،  پولىبىي «ئومۇمىي تارىخ» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ ، ياۋرۇپا تارىخشۇناسلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان . كېيىن تارىخشۇناسلىق ئوتتۇرائەسىر، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگۈچە  ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەردە ۋە كېيىن ئامېرىكىدازور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، مۇھىم بىر پەن سۈپىتىدە راۋاجلىنىپ كەلگەن(7).
   ئۇيغۇرلارداتارىخشۇناسلىقمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلىك كەچۈرمىشلىرىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدەناھايىتى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن ھەم ئۇزاق تارىخىي جەرياندا بەزىدە ئاشكارە،بەزىدە يۇشۇرۇن ھالەتتە، بەزىدە ئىزچىل، بەزىدە ئۇزۇك رەۋىشتە داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى،ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ ئامىللار ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىغا باشتىن-ئاخىر چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقى ئۆزىنىڭ مەنىسى، مەزمۇنى، دائىرىسى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ئۈستىدە سۆز ئاچقاندا مۇشۇنۇقتىلاردىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش زۆرۈر.
ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى ئۇقۇمى
         ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى دېگەندە ، كەڭ مەنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى قوللانغان ھەرخىل تىل - يېزىقلاربىلەن ھەرخىل ئۇسلۇبتا ھەرخىل مەزمۇندىكى تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى ، تار مەنىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.بۇ بىر ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىلىشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلار ئۆزتارىخىدا ناھايىتى ئۇزاق ئەگرى-توقاي تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ، مانامۇشۇ تارىخىي جەرياندا  مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بولسۇن ئۆز تارىخىنى ئەستە قالدۇرۇش ۋە يەكۇنلەش يۈزىسىدىن نۇرغۇن تارىخىي ۋەسىقىلەرنى قالدۇرغان. بۇلار ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدا شەكىللەندۈرگەن دونيا قارىشى ئاساسىدىكى ئۆز تارىخى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە تەكشۈرۈشىنىڭ مەھسۇلى  بولۇپ ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بىر-بىرىگەۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىسىنى ياراتقان. شۇڭا ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقى دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى قوللانغان ھەرخىل تىل- يېزىقلار بىلەن ھەرخىل ئۇسلۇبتا ھەرخىل مەزمۇندىكى تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىشى كېرەككى ، ئۇنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا تارىخىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تارىخىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇكەممەل چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەمما،بۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش زۆرۈر.
    بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇنىڭ مىللىيەتلىك خۇسۇسىيىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن باشلاپ «ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ تۈرك-رونىك يېزىقى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، مانى يېزىقى ، بىراھمى يېزىقى(ئاگنى-كۈسەن يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، سوغدى يېزىقى ، تىبەت يېزىقى ۋە سۇرىيە يېزىقىدا ۋەسىقىلەرنى يازغان » (8) ، شۇنداقلائەرەپ يېزىقى ، پارس يېزىقى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىمۇ نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى يازغان بولۇپ ، بۇلاردىن تارىخىي ئەسەر خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىغانلىرىنى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك . ئەمما ، تارىختا باشقا مىللەتلەرمۇ مۇشۇ يېزىقلارنى قوللىنىپ ئۆز تىلىدانۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، موڭغۇللارقەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى مۇڭغۇل يېزىقىنى، كېيىن مانجۇلار مۇشۇ مۇڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى، شىبەلەرمۇ مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقىنى ،ھەتتا قىتانلارمۇ  قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەسىرىدە قىتان كىچىك يېزىقىنى قوللىنىپ(9) ئەسەر يازغان. يەنە ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلاردىن تارىخىي ئەسەر خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىغانلىرىنى ئەلۋەتتە شۇلارنىڭ تارىخشۇناسلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك . مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قوللانغان تىل-يېزىقلاردا يازغان تارىخىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا مەنسۇپكى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار قوللانغان تىل-يېزىقلاردا يازغان تارىخىي ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىغا مەنسۇپ قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ شۇلارنىڭ تارىخشۇناسلىقىغا مەنسۇپ. ۋەھالەنكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تارىختا باشقامىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدا  باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنىمۇ يازغان ، مەسىلەن ، يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان بىرمۇنچە ئۇيغۇر تارىخچىلار خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئالدىنقى سۇلالىلەرگە ۋە يۇەن سۇلالىسىگە ئائىت نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ،بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ھەم خەنزۇ تارىخشۇناسلىقىغا، ھەم  ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا مەنسۇپتۇر.
    ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ھەرخىل تىل-يېزىقلاردىكى نۇرغۇن دىنىي، ئەدەبىي ، تارىخىي ئەسەرلەرنى ئۆز تىل-يېزىقىغا تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ ، بۇلارمۇ ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.مەسىلەن، 9 ـــ 13-ئەسىرلەردە،  ئاساسلىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا دىنى مەزمۇنىدىكى بىرمۇنچە ئەسەرلەر ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ( جۈملىدىن «ئالتۇن يارۇق»، «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»خەنزۇ تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا، « مايتىرى سىمىت» قەدىمكى ئاگنى تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا، «چاستانى ئىلىگ بەگ» قەدىمكى كۈسەن تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان)(10)، 13-ئەسىردىن كېيىنكى مەزگىللەردە، جۈملىدىن قاراخانىلار خانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئەرەپ، پارس تىلىدىكى بىرمۇنچە دىنىي، ئەدەبىي ، تارىخىي ئەسەرلەرئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ  ئۆزىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن  ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغامەنسۇپ قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى
      ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى كونكىرىت ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى، تارىخىي ماتېرىياللار ئۈستىدىكى تەتقىقات. بۇ بارلىق تارىخىي ئەسەرلەر ۋە باشقا تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى بار ئەسەرلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسلۇبى، ئالاھىدىلىكى، قىممىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى  ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە مەلۇم بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار سان جەھەتتىن ئاز ھەم ئۇلار ئۈستىدە بەزى تەتقىقاتلار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى چۇڭقۇرلاشمىغان ھەم سىستېمىلاشمىغان بۇلۇپ، بۇ ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئۇمۇمىي تەرەققىياتىنى مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بېرىشتىن تېخى يىراق. شۇڭا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىزدىنىش زۆرۈر.
    ئىككىنچى ، تارىخچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى  ئۈستىدىكى تەتقىقات. بۇ ھەرقايسى دەۋرلەردەبارلىققا كەلگەن تارىخچىلارنىڭ ھاياتى ، ئىجادىيەت پائالىيىتى، تارىخ قارىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە بەزى نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ سان جەھەتتىن ئازلىقى ھەم ئۇلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن  تارىخچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى  ئۈستىدىكى تەتقىقاتمۇ تېخى چۇڭقۇرلاشقىنى يوق. شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ يەنە ئىزدىنىش زۆرۈر.
   ئۈچىنچى، تارىخچىلىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقات. بۇ تارىخچىلىقنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تەرەققىياتى ، باشقا ئىلىملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخچىلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى شەكىللىنىشتىن تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشكىچە  نۇرغۇن دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ھەربىر دەۋردىكى تارىخچىلىق  ئۆزىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسلۇبى جەھەتتىن شۇدەۋردىكى باشقا ئىلىملەرنىڭ ھەم  باشقامىللەتلەرنىڭ تارىخچىلىقىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچراپ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان. بۇنىڭدىن تارىخچىلىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.  
تۆتىنچى، تارىخچىلىق ئىدىيەسى ئۈستىدىكى تەتقىقات. بۇ ھەرقايسى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن تارىخىي بىلىش، تارىخىي يەكۈن، تارىخىي باھا ۋە مۇشۇلاردىن شەكىللەنگەن تارىخچىلىق ئىدىيەسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخچىلىق ئىدىيەسى خېلى بۇرۇنلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ مۇكەممەللىشىشى خېلىلا كېيىن بولغان. جۈملىدىن 16-ئەسىردىن كېيىن تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ بارغان ھەم ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان. شۇڭا ،  تارىخچىلىق ئىدىيەسىنى بىلىشمۇ ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ دائىرىسى
       ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىنىڭ مەنبەسى بولغان تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنى ئاغزاكى تارىخ  ماتېرىياللىرى ۋە يازما تارىخىي ماتېرىياللار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئاغزاكى تارىخماتېرىياللىرى قەدىمكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر، قىسسە-داستانلار، شېئىر-قوشاقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؛ يازما تارىخىي ماتېرىياللار بولسا ھەرخىل تارىخنامىلەر،تەزكىرە-تەرجىمىھاللار، دەستۇر-رىسالىلەر، ئابىدە-پۈتۈكلەر ۋە باشقا تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى بار ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بارلىق تارىخىيماتېرىياللارنى يەنە دەۋرداش تارىخىي خاتىرىلەر ۋە غەيرىي دەۋرداش تارىخىيخاتىرىلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. دەۋرداش خاتىرىلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بەرگەن ئەينىدەۋردە، ئاشۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىيدەۋرداش خاتىرىلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بېرىپ تارىخىي ۋەقەلەرگە ئايلانغاندىن كېيىن،كېيىنكى دەۋردىكىلەر تەكشۈرۈپ، ئويلاپ يېزىپ چىققان خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ.تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دەۋرداش تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ تارىخىي قىممىتى غەيرىي دەۋرداش تارىخىي خاتىرىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ(11).ئۇيغۇرلارغا دائىر يازما تارىخىي ماتېرىياللارنى ئۇلارنىڭ تىل - يېزىق تەۋەلىكى بويىچە چوڭ جەھەتتىن قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار، قەدىمكى ئۇيغۇرچەتارىخىي ماتېرىياللار، ئەرەب، پارس ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردەپ بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
    1. قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار: قەدىمكى ئۇيغۇرلارئەڭ دەسلەپتە تۈرك-رونىك يېزىقى (ئۇرخۇن-يېنىسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قوللانغان بولۇپ ، بۇ يېزىق جەمئىي  38ــــ 40 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بىر خىل ئېلىپبەلىك يېزىقتۇر. بۇ يېزىقنىڭ شەكلىشىمالىي ياۋروپادا قەدىمكى گېرمانلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان رونىك يېزىقىغائوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە  تۈرك - رونىك يېزىقى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ خىل يېزىقتىكى ئاساسلىق يادىكارلىقلار موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەرياسىۋادىلىرىدىن ۋە سىبىرىيەدىكى يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغىنى ئۈچۈن يەنە ئورخۇن - يېنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزىلەر كۆكتۈرك يېزىقى،سىبىرىيە يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ(12). بۇ يېزىقنى تەخمىنەن 6 - ئەسىردىن 10 -ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە كۆكتۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، يېنسەي قىرغىزلىرى ۋە سىبىرىيەدىكى قورىقان قاتارلىق بىرقىسىم مىللەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللانغان.بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلارئاساسلىقى 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋۇجۇدقا كەلگەن مەڭگۈ تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاشلار تۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىيسى، ئىقتىسادى ۋە جۇغراپىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇلارئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قېرىنداش قەبىلىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار دەۋرداش ۋە غەيرىي دەۋرداش بولغان خەنزۇچە ھەم باشقا تىل - يېزىقلاردىكى تارىخىيماتېرىياللارنى تولۇقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    2. قەدىمكى ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ـــ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللانغان ھەم نۆۋەتتە ساقلىنىپقالغان يادىكارلىقلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان، 19ــــ20 بەلگە - ھەرپتىن تەركىب تاپقان (بەزىدە دەۋرلەرنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى بىلەن ھەرپ سانلىرىدىمۇ پەرقلەركۆرۈلىدۇ)ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، بۇ خىل يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغانقەدىمكى سوغدىلارنىڭ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل يېزىق ئەڭ بالدۇر يەتتەسۇ رايونى ۋە بەشبالىق، تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا ھەم قىسمەن مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرقەبىلىلىرى ئارىسىدا تۈرك-رونىك يېزىقى بىلەن پاراللىل ھالدا ئىشلىتىلگەن. 1955ــ1956 - يىللىرى موڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوۋسايىمگىن ئۆلكىسىنىڭ تۇرگانسۇم مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق خارائۇس دېگەن يەردىن تېپىلغان دۇرگۇت مەڭگۈ تېشىغا سەككىز قۇر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەت ئويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا بۇ خىل يېزىقنى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ(13).قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى 5-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغان بولۇپ ،قىسمەن ھالدا 17- ئەسىرگىچە تۇرپان، قۇمۇل دائىرىسىدە داۋاملىق قوللىنىلىپ كېلىنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يالغۇز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىپلاقالماستىن، باشقا تۈركىي خەلقلەر، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان.بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭگەن يېزىق بولۇپ، بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەزمۇندىكى ۋە ئەدەبىيات -سەنئەت تىپىدىكى ئەسەرلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ، قاراخانىلارخانلىقى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە بىر قىسىم يازما ھۆججەتلەر ۋە تاش پۈتۈكلەرمۇ بار. بۇلاردىن مۇھىمراقلىرى «ئوغۇزنامە»، «بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغاكىرىشى»، «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى»، «قۇتادغۇبىلىك»،«ئەتەبەتۇلھەقايىق» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارمۇ دەۋرداش ۋە غەيرىي دەۋرداشبولغان خەنزۇچە ھەم باشقا تىل - يېزىقلاردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى تولۇقلاشتامۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
   3. ئەرەب، پارس ۋە چاغاتاي يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار: 10-ئەسىردە قاراخانىلار خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدائەرەپ يېزىقى قوللىنىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنلا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ ئەرەپ يېزىقىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئەرەپ يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۈرتكەبولغان. كېيىنچە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرمۇ مۇشۇ يېزىقتا يېزىلىشقا باشلىغان.13-ئەسىردىن كېيىن ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ـــ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بارلىققا كېلىپ. يازما ئەدەبىي تىل ـــ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى شەكىللەنگەن. 14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ ئەدەبىي تىل ۋە يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان(14).ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدا، خۇددى قەدىمكى تۈركچە، قەدىمكى ئۇيغۇرچە تارىخىيماتېرىياللارغا ئوخشاشلا ئەرەب، پارس تىل - يېزىقىدىكى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەرمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.يەنە كېلىپ بۇنداق ئەسەرلەرسان جەھەتتىن كۆپ، سۈپەت جەھەتتىن ئېسىل بولۇپ، نۆۋەتتە  ئۇيغۇرلارغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.  بۇلار قاراخانىيلارخانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن باشلاپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان تەخمىنەن 1000 يىل جەريانىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي ، دىنىي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن مۇھىمراقلىرى « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»،«مۇلھاقاتۇس سۇراھ»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «تارىخىي رەشىدىي»، « تەۋارىخ»، «جامىئۇل مەقامەت»، « ھىدايەتنامە»، « تەزكىرەئىي مەخدۇم ئەزەم ۋە خوجا ئىسھاق ۋەلى »،  « سەپەرنامە» ، «تەزكىرەئىي خوجا مۇھەممەد شىرىپ بۇزرۇكۋار». «تارىخىي كاشىغەر»، «تەزكىرەئىي مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلى » ،«ئىسلامنامە»، «تەزكىرەئىي ئەزىزان»، «تەزكىرەئىي خوجەكان»،« تەزكىرەئىي تۆت ئىمام زەبىھۇللا »، « تەزكىرەتۇل بۇغراخان»، «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن»،«زەپەرنامە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «شەرھى شىكەستە»، «ئىسكەندەرنامە»، «تارىخى ئەمىنىيە»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.بۇ ئەسەرلەر شۈبھىسىزكى ئۇيغۇرلارنىڭ 10-ئەسىردىن ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى مەزگىللەردىن تاكى20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى  سىياسىي،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇلارنىڭمۇ دەۋرداش ۋە غەيرىي دەۋرداش بولغان باشقا تىل - يېزىقلاردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى تولۇقلاشتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.
   ئۇيغۇرلارغا دائىرتارىخىي ماتېرىياللارنى مەزمۇنىدىن كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەممەساھەسىگە چىتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرگە بۈلۈشكە بۇلىدۇ:
    بىرىنچى، تارىخى شەخسلەرگە دائىر ئەسەرلەر. بۇ ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قۇشۇلغان  خەلقلەرنىڭ تارىخى شەخسلىرى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيىتى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى، تارىخقا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋەقوشقان تۆھپىسى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ تۈردىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئىچىدە خېلى زورسالماقنى ئىگىلەيدىغان بۇلۇپ، بۇلار ئۇيغۇر تارىخىنى  چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆزنەك ھىسابلىنىدۇ.
   ئىككىنچى، دىنىي ئېتىقادقا دائىر ئەسەرلەر. بۇ ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قۇشۇلغان  خەلقلەرنىڭ شامان دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، زورو ئاستىر دىنى ، خىرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا دائىر ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى دىنىي ئېتىقادىنىڭ شەكىللىنىش ھەم ئۆزگىرىش جەريانى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن.
   ئۈچىنچى، جۇغراپىيىۋى ئەسەرلەر. بۇ ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قۇشۇلغان  خەلقلەر ياشىغان جايلار، بۇجايلارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئەھۋالى،  تەبىئي شارائىتى، جۈملىدىن تاغ، دەريا، كۆل ، بوستانلىق،يايلاق، شەھەر-بازار، يېزا-قىشلاق، يول، قاتناش، تەبىئىي بايلىق ئەھۋالى  ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
   تۆتىنچى،  ئىجتىمائىي ئىگىلىككە دائىر ئەسەرلەر. بۇ ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قۇشۇلغان خەلقلەرنىڭ  ئىجتىمائىي ئىگىلىك شەكلى، جۈملىدىن ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بەشىنچى، مەدەنىيەت-سەنئەت، پەن-تېخنىكىغا دائىر ئەسەرلەر. بۇ ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قۇشۇلغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، بۇ جەھەتتە  قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، شۇنداقلا باشقا ئەل-خەلقلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى مەدەنىي ھاياتىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللار ھىسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى
          ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزەتكەندە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخشۇناسلىقىدا  ئىزچىل تارىخىي ۋارسىلىق، روشەن مىللىي ئۇسلۇب ئىپادىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
   بىرىنچى، ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىدا «تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئارىلىشىپ كېتىش ھادىسىسى» ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان( ئەمەلىيەتتە  بۇئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس ، باشقا خەلقلەردىمۇ شۇنداق بولغان ). ئۇيغۇرلاردا تارىخشۇناسلىقنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى باشتىن ئاخىر ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات بىلەن شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن بىر « تەن » گە مەنسۇپ بولۇپ، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىدا بارلىققا كەلگەن نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ھەم ئەدەبىي،ھەم تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەدەبىي ئەسەر ياكى ئەدەبىي ئوسلۇبتا يېزىلغان تارىخىي ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ ھەرقايسى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىدە ھەم ئەدەبىي ماھارەتنى، ھەم تارىخىي قابىليەتنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلار تارىخي ئەسەر يېزىش بىلەن بىللە يەنە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. شۇڭا مەيلى تارىخچىلىق ساھەسىدەبولسۇن ياكى ئەدەبىيات ساھەسىدە بولسۇن مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئۇلارنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنىڭ ئەدەبىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئەسەرلەردە دىنى ھىكايەتلەرگە، قەھرىمانلىق ھىكايىلىرىگە، سىياسىي – ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە، مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، باشقا جەھەتلەرگە ئانچە ئىتىبار بېرىلمىگەن.
      تەزكىرىچىلىك ــــ تارىخىي ھادىسە ۋەتارىخىي شەخىسلەرنى نەسىرىي ھەم شېئىرىي يول بىلەن بايان قىلىپ بېرىدىغان ، ھەم تارىخىي،  ھەم ئەدەبىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر خىل ئەنئەنىۋى ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 17ـــ 18- ئەسىرلەرگە كەلگەندە  ئەينى دەۋر ياكى ئالدىنقى دەۋرلەردىكى تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخىسلەر ھەققىدە ھەر خىل شەكىلدىكى تەزكىرىلەر يېزىلىپ تۇرغان. بۇ دەۋردىكى تەزكىرىچىلىكنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاپتۇرلارگەۋدىلىك ھالدا شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدا كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار ۋە بۇ جەرياندا مەيدانغا چىققان شەخىسلەر، تەسەۋۋۇپچى خوجىلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئەمما ئىسلام ئاپتورلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى بۇيىچە يېزىلغان بۇ تەزكىرىلەردە، كۆپىنچە تارىخىي ۋەقەلەر ئىلاھىي تۈسكە ئىگە قىلىپ قۇيۇلغان، بىر قىسىم ئوبرازلار ئەپسانە – رىۋايەت، توقۇلمىلار ئاساسىدا يارىتىلغان بولۇپ، تارىخىي رېئاللىقتىن چەتلەپ، ھەددىدىن ئارتۇق مۇبالىغە قىلىنغان.
19–ئەسىردە تەزكىرىچىلىك راۋاجلانغان.بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى تەزكىرىچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى تەقەززا قىلغان. بۇ دەۋردىكى يېتىشكەن تەزكىرىچىلەر ئۆز دەۋرىنىڭ ئەھۋالىنى بەدىئىي ۋە تارىخىي يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆز دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە – ھادىسلەرنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ، خەلقنى تارىختىن خەۋەردار قىلىش، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ماھىيەتلىك ھادىسىلەر بىلەن تۇنۇشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ دەۋردىكى تەزكىرىچىلىك گەرچە17ـــ 18- ئەسىرلەردىكى تەزكىرىچىلىكنىڭ داۋامى ھېساپلانسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالدىنقى دەۋر تەزكىرىچىلىكىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان يېڭى بىر قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان. جۈملىدىن تەزكىرىچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى خاھىشىدا خېلىلا رۇشەن ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمنى دادىل پاش قىلىپ ، بايرىقى روشەن ھالدا ئەمگەكچى خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنى مەدىھىيىلىگەن، دېھقانلارقوزغىلاڭلىرىنى خاس تېما سۈپىتىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن.
    ئىككىنچى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدا دىننىڭ تەسىرى ناھايىتى زور بولغان.قەدىمكى ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى مەزگىللەردە باشقا كۆپلىگەن شىمال مىللەتلىرىگە ئوخشاشلا باشتا ئىپتىدائىي توتېمغا، كېيىن شامان دىنىغا ئېتىقادقىلغان. كېيىنچە يەنە مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان. مىلادىيە 9 – ئەسىردە زور كۆلەمدەغەربكە كۆچكەندىن كېيىن، يەنە بۇددا دىنى ۋە نېستورىئان دىنى بىلەن ئۇچراشقان،بۇنىڭ بىلەن  ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىسى كۆپ خىللاشقان . بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقە بولۇپ،  ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق  تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، تۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق شامان دىنى ۋە مانى دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولسا،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ( شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ) دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق مانى دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. بۇ دەۋردىكى تارىخى ئەسەرلەردە ئاساسەن دېگۈدەك ئالەمنى ياراتقان ئىلاھقا تېۋىنىش ، ئىلاھتىن كۈچ-قۇۋەت ئالغان ھۆكۈمدارلارنى مەدھىيەلەش ، باتۇرلۇق ۋە قەھرىمانلىققا چۇقۇنۇش ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاشتەك خاھىشلار رۇشەن ئەكىس ئەتكەن. قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىن تارتىپ  تارىخشۇناسلىق ئىزچىل ئىسلام دىنىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىغان.  بولۇپمۇ بۇ تارىخشۇناسلىق ئىدىيەسىدە، يەنى تارىخىي قاراش، تارىخىي بىلىشتە ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن. جۈملىدىن كۆپىنچە تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە تارىخ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن، ئاندىن نوھ ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ سۆزلىنىپ، ئاخىرىدا شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلارغا بېرىپ توختالغان. بولۇپمۇ بۇنىڭدا مۇڭغۇللاردىن بولغان چىڭگىزخانغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، شانۇ –شەۋكەتلىك خان- پادىشاھلارنىڭ نەسەبى ئاساسەن چىڭگىزخانغا باغلانغان ( بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىمۇ شۇنداق بولغان). بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ھەرقايسى دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن تارىخچىلار ئۆزدەۋرىدىكى دىنى ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە ئۆز ئەسەرلىرىدە كۈچلۈك ئىلاھىيەتچىلىك خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئەسەرلەردىكى دىنى تۈسنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، يەنىلا ھەقىقى تارىخ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.
   ئۇچىنچى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى خەنزۇ ۋە ئەرەب–پارس تارىخشۇناسلىقىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنداق تەسىر خەنزۇ ۋە ئەرەب - پارىس تارىخشۇناسلىقىدىكى تىل ، تېما، ئۇسلۇبنىڭ تارىخىي ئەسەرلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىدا ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، تۈرك خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋەئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق تىل، ئۇسلۇب جەھەتتىن خەنزۇلارنىڭ ئابىدە تارىخشۇناسلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ( مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئۇلاردا خەنزۇچە تېكىستلەرنىڭ بولۇشى بۇنىڭ دەلىلى ) بولسا، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى تارىخشۇناسلىق تىل جەھەتتىنمۇ،  ئۇسلۇب جەھەتتىنمۇ، تېما جەھەتتىنمۇ ئەرەب–پارس تارىخشۇناسلىقىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان.جۈملىدىن تارىخچىلار ئەرەب - پارىس تارىخشۇناسلىقىنى  مۇكەممەل ھەم ئىلغارتارىخشۇناسلىق سۈپىتىدە تونۇپ، ھەر جەھەتتە ئۇنىڭدىن زور دەرىجىدە ئۇزۇق ئالغان.بۇئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا يېڭى كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. ئالايلۇق، قاراخانىيلارخانلىقى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى داڭلىق تارىخىي ئەسەرلەردىن « تارىخىي كاشىغەر »، «مۇلھاقاتۇس سۇراھ» قاتارلىقلار ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بولسا، سەئىدىيەخانلىقى دەۋرىدىكى داڭلىق تارىخىي ئەسەرلەردىن «تارىخىي رەشىدىي»، «تەۋارىخ»قاتارلىقلار ، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلەردىكى بىر مۇنچە ئەسەرلەر پارىس تىلىدايېزىلغان. ئەلۋەتتە يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ. يەنە كېلىپ بۇئەسەرلەر شەكىل جەھەتتىن ئەرەبچە – پارىسچە ئەسەرلەرگە تەقلىد قىلىنىپ خېلى مۇقىم قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئادەتتە ئاللاھنى مەدىھىيلەش، پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن باشلىنىپ، كىرىش سۆز (دىباچە ، مۇقەددىمە )، تېكىست(داستان) ۋە ئاخىرقى سۆز (خاتىمە)دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان . كىرىش سۆز قىسمىدا ئاساسلىقى ئەسەرنىڭ نامى،قىسقىچە مەزمۇنى، ئاپتورنىڭ نام-شەرىپى، ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى،ئەسەرنى كىمگە ئاتاپ يازغانلىقى، ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان ۋاقتى، ھەتتا ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن قانداق ماتېرىياللاردىن پايدىلانغانلىقى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارخاتىرىلەنگەن؛ تېكىسىت قىسمىدا  بولسائاپتورنىڭ خاھىشى ۋە ئەسەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەزمۇن بىرقانچە بابقا ئايرىلىپ، رەت-رېتى بۇيىچە بايان قىلىنغان؛ئاخىرقى سۆز قىسمىدا بولسا ئەسەرنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى ياكى كىرىش سۆز قىسمىدا كەم قالغان جايلار ۋە ياكى تېكىسىت قىسمىدىكى مەزمۇننىڭ يەكۈن-خۇلاسىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. ئومۇمەن بۇ ئۈچ قىسىم ئۆزئارابىرىكىپ ئەسەرنى بىرپۈتۈن قۇرۇلمىغا ئىگە قىلغان. تېما جەھەتتىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىرمۇنچىسى ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان پەيغەمبەرلەر توغرىسىدىكى ھىكايەتلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن نوھ،سۇلايمان، سالىھ، ياقۇپ، يۈسۈپ، مۇسا، داۋۇد، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىيسا، يەھيا،ئەييۇب، شۇئەيىب قاتارلىق نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئاخىرىدا مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن  ئۇلار مەيلى تارىخنى بايان قىلىش جەھەتتىن بولسۇن ياكى پەلسەپىۋى، ئەخلاقى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش جەھەتتىن بولسۇن  كۈچلۈك ئىسلامىي تۈس ئېلىپ، ئەرەبچە – پارىسچە تارىخىي ئەسەرلەرگە يانداشقان.
تۆتىنچى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىداخۇسۇسىلارنىڭ تارىخ يېزىشى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىگەن. ھەر قايسى دەۋرلەردىن ساقلىنىپ قالغان كلاسسىك ئەسەرلەردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خۇسۇسىى تارىخچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللەپ يازدۇرۇلغان ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى باشقا خەلقلەرنىڭ تارىخشۇناسلىقىدىن، بولۇپمۇ خەنزۇ تارىخشۇناسلىقىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ، خەنزۇ تارىخشۇناسلىقىدا ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىك ھالدا تارىخ يازدۇرۇشى بىلەن خۇسۇسىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تارىخ يېزىشى تەڭ قەدەمدە راۋاجلانغان، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ تارىخ يازدۇرۇشى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىگەن. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلاردا بولسا، خۇسۇسى تارىخچىلىق جانلانغان بولۇپ، ھەر قايسى دەۋرلەردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس تارىخى ئەسەرلەرنى يېزىش تەشكىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاقىل ۋە دانا ئەدىب – تارىخچىلار ئىلگىرىكى دەۋىرلەردىكى ۋە ئۆزدەۋرىدىكى مۇھىم تارىخى ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغاۋە باشقا تارىخىي شەخىسلەرنىڭ نامىغا ئاتاپ كاتتا تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. مەسىلەن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخىي رەشىدىي»،  شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ «تەۋارىخ»، موللا مۇساسايرامىنىڭ « تارىخىي ھەمىدى » قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. خۇسۇسى تارىخچىلىق پائالىيىتىنىڭ رايۇن دائىرىسىدىن قارىغاندا، تارىخچىلىق ئاساسەن قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئەۋج ئالغان بولۇپ، باشقا جايلاردا ئانچە تەرەققىي قىلىپ كەتمىگەن. ھالبۇكى، خۇسۇسى تارىخچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي تارىخچى ئەمەس بەلكى ئەدىبلەردىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇلار ئۆزىدە ھەم تارىخى ساۋاتنى، ھەم ئەدىبى ماھارەتنى تەڭ ھازىرلىغان. شۇڭا،ئۇلارنىڭ تارىخى ئەسەرلىرى كۈچلۈك ئەدەبىي تۈس ئالغان.شۇنىسى ئېنىقكى، خوسۇسى تارىخچىلىق پائالىيىتىنىڭ رۇلى ئىنتايىن زور بولغان بولۇپ، ناۋادا خوسۇسى تارىخچىلار تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئەسەرلەر بولمىغان بولسا، ئۇھالدا ئۇيغۇرلاردا تارىخشۇناسلىقمۇ تەرەققىي قىلمىغان ھەم ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى بىلىشمۇ قىيىن بولغان بۇلاتتى.      
     بەشىنچى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدا باشتىن ئاخىر « تارىخنى مۇھىم بىلىش،تارىخنى ئەينەك قىلىش، تارىختىن ساۋاق ئېلىش » تىن ئىبارەت تارىخچىلىق ئىدىيىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان. بۇنداق ئىدىيە ئەڭ دەسلەپتە 7 ـــ 9- ئەسىرلەردە بارلىققاكەلگەن ئورخۇن – يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە ئەسىر داۋامىدا پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ،  16 – ئەسىردىن كېيىن تاكاممۇللىشىشقا يۈزلەنگەن.بولۇپمۇ بۇ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ۋە موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەسەرلىرىدە روشەن گەۋدىلەنگەن. مەسىلەن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان«تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرىدە :«... تارىخچىلارنىڭ قائىدىسى شۇكى، ئۇلار زىكىرقىلىنغۇچىلار گەرچە لاياقەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەزكىرە سىلسىلىلىرىنى بىر – بىرىدىن ئۈزۈۋەتمەي، بەلكى نېمە بولسا شۇنى ئەينەن بايان قىلىدۇ. چۈنكى،ئۇلارنىڭ مەقسىتى پادىشاھلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنىلا بايان قىلىش ياكى يامان سۈپەت، قەبىھ ھەرىكەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئەمەس، بارلىق ياخشى – يامان سۈپەتلىرى، گۈزەل – قەبىھ ئەخلاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق بايان قىلىشىتىن ئىبارەت.شۇنداق قىلغاندىلا ئالەم قوۋملىرى ئىچىدىن ئۇلارنىڭ تارىخى يېتىپ بارغانلار پادىشاھ ياكى پۇقرا بولسۇن، ئۇ تارىخقا نەزەر تاشلىسا، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالغۇسى ھەمدە ياخشى ئەخلاقنىڭ نەتىجە – پايدىلىرىنىڭ ۋە يامان قىلىق، قەبىھ ھەرىكەتلەرنىڭ زىيانلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسىدۇر. ھەر كىشى ئۇلارنى يادىلىرىدا تۇتۇپ، ئۇ نەسىھەتلەرنى قۇبۇل قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرگە مايىل بولۇپ قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇسىدۇر» (15) دەپ تارىخنىڭ ئەينەكلىك رولىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسا، موللا مۇسا سايرامى « تارىخىي ھەمىدى » ناملىق ئەسىرىدە :« تارىخ ئىلمى ناھايىتى زور بىر ئىلىم بولۇپ، ھەممە ئىلىملەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى ئوقۇش ۋە تارىختىن خەۋەرداربولۇش ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشتۇر. بۇ پەننى بىلىدىغانلار بولساخالايىق نەزەرىدە ئۇلۇغ ھېسابلىنىپ، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەردە يۇقىرى مەرتىۋىگەئىگە بولالايدۇ. تارىخ ئىلمىنى بىلمەيدىغانلار ياكى ئۇنىڭدىن بىخەبەر كىشىلەر گەرچە قانچە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن بىلەنمۇ ، ئۇلار ئالىملارنىڭ ئالدىدا يەنىلا نەزەر ۋە ئېتىباردىن يىراقتۇر. تارىخ پايدىسى تولا، مەنپەئەتى كۆپ بىر ئىلىم،چۈنكى ئادەملەرنىڭ دەرىجە ۋە تەبىقىلىرى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان چاغلىرى ، ئىز-ئالامەتلىرى ، خۇلقى-ئەخلاقى، ياشايدىغان جاي ۋە ماكانلىرى ، ئاۋات قىلغان شەھەر - زېمىنلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەقەت تارىخ ئىلمىنىڭ ياردىمى بىلەنلا بىلگىلى بولىدۇ» (16) دەپ، تارىخ ئىلمىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ، تارىخ تەتقىقاتىدا ئادىللىق،  راستچىللىق،چىنلىقنى ئاساس قىلىشنى، تارىخنى خەلقنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن باھالاشنى، تارىخنىڭ كىشىگە ئالدىنقىلارنىڭ تەجىرىبە – ساۋاقلىرىنى بىلدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ تارىخشۇناسلىقتىكى ئىلغار قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. بۇنداق ئىدىيە يالغۇر بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ گاھ ئاشكارە، گاھ يۇشۇرۇن ھالەتتە ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇمۇمەن ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق قارىشىغا سىڭىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ دەۋرلەرگەبۆلۈنۈشى
       ناھايىتى ئۇزۇن بىر تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىدىن  ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى ئايرىم باسقۇچلارغا ئايرىپ، ئوخشاش تارىخىي مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن تارىخى ئەسەرلەر، تارىخچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى، تارىخى بىلىش ۋە تارىخىي قاراشلارنى يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈش ۋە خۇلاسە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تارىخىنى دەۋرلەرگە ئايرىش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرىدۇ.
     ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تارىخىنى دەۋرلەرگە ئايرىش ئۇيغۇر تارىخىنى دەۋرگە ئايرىش بىلەن زامان ئىزچىللىقى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن يەنىلا پەرقلىقتۇر. شۇڭا،ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق تارىخىنى دەۋرلەرگە ئايرىشتا، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارنى ،جۈملىدىن سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تولۇق ھىساپقا ئېلىش بىلەن بىللە، تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىگە ، جۈملىدىن ئۇنىڭ مەزمۇن ،شەكىل ، ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ يېتەرلىك ئېتىبار بېرىشكە توغراكېلىدۇ. مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تارىخىنى تۆۋەندىكىدەك دەۋرلەرگە ئايرىش مۇمكىن.
    بىرىنچى ، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ بىخلىنىش دەۋرى . بۇ ئەڭ قەدىمكى دەۋردىكى، شۇنداقلا تۈرك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىقنىڭ بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئىككىنچى ، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىش  دەۋرى . بۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى،  قاراخانىلار خانلىقى ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىقنى، يەنى مىلادىيە 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋردىكى تارىخشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئۈچىنچى ، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ راۋاجلىنىش ۋە گۈللىنىش  دەۋرى. بۇ چاغاتاي خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى  تارىخشۇناسلىقنى ، يەنى  14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دەۋردىكى تارىخشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    تۆتىنچى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرى. بۇ خوجىلارھۆكۈمرانلىقى  دەۋرى ۋە  چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى  تارىخشۇناسلىقنى ، يەنى 17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋردىكى تارىخشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  
   ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرىقىدەك باسقۇچلارغا ئايرىشنىڭ ئاساسى شۇكى، بۇ باسقۇچلار ئۇيغۇرلار تارىخىدا زور ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش بولغان دەۋرلەر بولۇپ ، بۇ سەۋەبتىن ھەربىر باسقۇچتىكى تارىخشۇناسلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. مەسىلەن ، 1-باسقۇچتا تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، ئىپتىدائىي قەبىلىلەردىن تەرەققىي قىلىپ قەبىلىلەرئىتتىپاقىغا ئۆزگىرىپ، تۈرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. بۇ باسقۇچتا ئۇلار  ئەپسانە – رىۋايەت، شېئىر – قوشاقلار،مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ ، بۇلاردا قەبىلىلەرنىڭ شەكىللىنىشى،خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى، قاغانلارنىڭ ھەربى يۇرۇشلىرى ۋە تۆھپىلىرى ، خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار جانلىق تەسۋىرلەنگەن.ئۇلار تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، بۇنى تارىخشۇناسلىقنىڭ بىخلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى دېيىش مۇمكىن.شۇڭا ، بۇ باسقۇچنى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ 1-باسقۇچى، يەنى بىخلىنىش دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
     2-باسقۇچتا، مىلادىيە840 -يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار  ئاساسەن ئىككى تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا(ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ، نىڭشيا ، گەنسۇ ئەتراپلىرىغا) ۋە غەربكە (ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغا ۋە يەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل،  پامىر،تارىم بويلىرىغا ) كۆچكەن،بىر قىسمى ئەسلى ماكانىدا قېلىپ قالغان. جەنۇبقا كۆچكەن قىسمى ۋە غەربكە كۆچكەن قىسمىنىڭ بىر تارمىقى كېيىن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، غەربكە كۆچكەن قىسمىنىڭ يەنە بىر تارمىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى ،يەنە بىر تارمىقى قارا خانىلار خانلىقىنى قۇرغان . ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي–ئىجتىمائىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىمۇ مۇرەككەپ بىر ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن.بولۇپمۇ قارا خانىلار خانلىقىنىڭ 10-ئەسىردەئىسلام دىنىنى رەسمىي قۇبۇل قىلىپ دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇشى بىلەن بۇ خانلىق دائىرىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنى ۋە پارس-ئەرەپ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ چىققان.بۇنىڭ بىلەن بۇ مەزگىلدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىككى خىل ھالەت شەكىللەنگەن، يەنى بۇددا ۋە مانى دىنلىرى ھەم خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرمەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئايرىم تەرەققىيات يولىغاماڭغان. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا  تارىخشۇناسلىقمۇ قاراخانىلار خانلىقى تەۋەسىدە ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەسىرىگە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە مانى دىنى، بۇددا دىنى ھەم خەنزۇ تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ رەسمىي شەكىللەنگەن. شۇڭا ، بۇ باسقۇچنى ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىقىنىڭ 2-باسقۇچى، يەنى شەكىللىنىش دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
   3-باسقۇچتا، ئۇيغۇرلار13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ئەسىرگىچە  موڭغۇللارنىڭ ( جۈملىدىن تۈركلەشكەن  موڭغۇللارنىڭ ـــ موغۇللارنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ،مىلادىيە 1514 - يىلى سەئىدخان يەركەننى پايتەخت قىلغان  سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، ئىسلام دىنىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىقاد قىلىشقا باشلاپ، پەيدىنپەي ئورتاق بولغان مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ،  بىر گەۋدىلەشكەن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ دەۋردە تارىخشۇناسلىقمۇ مۇناسىپ ھالدا ئىسلام ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئەرەب- پارىس تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قۇبۇل قىلىپ،  تارىخ يېزىش ئىنتايىن جانلىنىپ، بىرقىسىم نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. شۇڭا بۇ باسقۇچنى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ 3-باسقۇچى، يەنى راۋاجلىنىش ۋە گۈللىنىش  دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
     4-باسقۇچتا، 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى سەئىدىيە خانلىقىنى ئاپاق خوجا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاغدۇرۇپ ، قورچاق ھاكىمىيەت قۇرغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى  جۇڭغارلارنى ۋە خوجىلارنى تىنچىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالغان.بۇ دەۋردە  17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تەزكىرىچىلىك بارلىققا كېلىپ، ئەسەرلەر تەسەۋۋۇپ ئىدىيەسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچراپ قۇيۇق دىنىي تۈس ئالغان بولسا، 19-ئەسىردىن باشلاپ رېئال ۋەقەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە يۈزلىنىپ ، فېئوداللىق زۇلۇم ، مىللى زۇلۇم ۋە بۇنىڭغاقارشى كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان.بۇ كېيىنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا زورتەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ باسقۇچنى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ 4-باسقۇچى، يەنى ئۆزگىرىش دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىزاھ:
(1)(3)(4)(5)(6)(7) «تارىخ ئىلمى ھەققىدە ئومۇمىي بايان »، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 1994 – يىلى6- ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
(2)جاڭ گۇاڭجى: « غەرپ تارىخشۇناسلىق تارىخى»، فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2000-يىلى 1-ئاي خەنزۇچە1-نەشرى.
  (11) (13) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2006-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(8) گېڭ شىمىن:« ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2004-يىلى خەنزۇچە1-نەشرى.
(9) ياڭ فۇشۆ:« قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قۇرۇلمىسى»،«جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخشۇناسلىقى تەتقىقاتى»ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن،بېيجىڭ كۈتۈپخانىسى نەشرىياتى 2008-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
(10) ئابدۇقەييۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983-يىلى 9-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(12) گېڭ شىمىن:«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى 4-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى.
(14) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى يازغان: « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»1-قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى 4-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(15) مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخى رەشىدىي»1-قىسىم 278-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2007-يىلى 7-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(16) موللا مۇسا سايرامى:« تارىخى ھەمىدى» 35-36-بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىلى 12-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(ئەسكەرتىش : مەزكۇر تېما مېنىڭ قەلىمىمدىكى «ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىق تارىخىدىن بايان » دېگەن ئەسەردىن ئېلىندى،بۇ ئەسەر 2014-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان)
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار