مۇھىم مەزمۇنى : ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن موڭغۇل مەدەنىيىتى بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. موڭغۇل مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن موڭغۇل تارىخىغا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى باشلامچى قىلغان ھالدا كەڭ دائىرىدە، زەنجىرسىمان ۋە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ خىل تەسىر تىل-يېزىق جەھەتتە، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ۋە سىياسىي- ئىجتىمائىي جەھەتلەردە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى موڭغۇل مەدەنىيىتى تەسىر
ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دىكى " خاقانىيە تىلى" ياكى "كاشىغەر تۈركچىىسى "دەپ ئاتالغان ئەينى دەۋردىكى ئورتاق ئۇيغۇرئەدەبىي تىلى بولسۇن ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولسۇن، موڭغۇل تىل لۇغىتىگە سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، موڭغۇل تىلىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن ،بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوخشاشلا ئۇرال -ئالتاي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىللار بولغاچقا، ئەسلىدىن ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تىل ساقىندىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى؛ ئىككىىنچىدىن، تارىختا ئۇرخۇن-سېلىنگا ۋادىسى ۋە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئۆتكەن كۆك تۈرك خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى، قارا خانىيلار سولالىسى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياكى قوشنا بولۇپ ياشىغانلىقى سەۋەپلىك، مەدەنىيەتتە بىر قەدەر ئىلغار بولغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تىل ئېلېمېنتلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ ئۈچىنچىدىن، چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىنكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇر تامغىچىسى(باش كاتىپى)تاتاتۇڭادىن باشلاپ، ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم- زىيالىيلىرىنىڭ موڭغۇل خان ئوردىسىغا ۋە ھەر قايسى ئىلىكخانلىقلارغا جەلىپ قىلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ(ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى -ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنىدىن باشقا) پۈتكۈل موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە رەسمىي ھۆكۈمەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەپلىك ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ تۆتىنچىدىن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ موڭغۇل تىلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ سىڭىپ -ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
.1 تىل-يېزىق جەھەتتىكى تەسىرى
ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل تىل-يېزىق مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن ئاۋۋالقى تەسىر. ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى، ئۇرال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تىل بولغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ سىبىرىيە، ئۇرخۇن-سىلىنگا دەرياسى بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئارىلىشىپ ياشىغاچقا، تىل-تاۋۇش، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە. بۇنىڭغا بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ》 تۈركىي تىللار دىۋانى 《دىنمۇ نۇرغۇن تىل پاكىتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل تىللىرىدا ھايۋانات ناملىرىنى ئوخشاش ئاتايدىغان سۆزلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: ئات، ئايغىر(ئازغىر)، جىرغا، بۇغرۇل، يورغا، ئارغىماق، بۇتا-بۇتىلاق، بۇقا، بۈكەن، جەرەن، بۇغرا، شۇڭقار، بۈركۈت، تاخىيە(تاقاغۇ- تۇخا( قاتارلىق. يەنە ، جاھانگىر، ئاقساقال،بابا، باخشى، جادۇ(جادۇگەر) قاتارلىق سۆزلەرمۇ ئىككى تىلدا ئوخشاش مەنىگە ئىگە. كىشى ئىسىملىرىدىن ئارسلان، تۆمۇر، باتۇر، بارس قاتارلىقلارمۇ ئىككى مىللەتتە ھازىرغىچە ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلماقتا.①
ئىككىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىنكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئۇيغۇر ئىلىمدارلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش باسقۇچى. چىڭگىزخان مىلادىيە1204-يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا ئەسىرگە چۈشكەن . چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتكەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى ،موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ، جۈملىدىن پۈتۈن موڭغۇل قۇۋمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىدىغان بولدى.② مىلادىيە 1211-يىلى ئۇيغۇرئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىن موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن③ ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلىپ قىلىندى. كېيىن يەنە، ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ دۆلەت ئۇستازى بولدى. ئۇ تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان》 كونا موڭغۇل يېزىقى 《نى ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان 》 يىڭى موڭغۇل يېزىقى 《 نى شەكىللەندۈردى . ئۇ تۈزگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى « موڭغۇل يېزىقى ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ( .چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مانجۇلارمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى شەكىللەندۈرۈپ قوللاندى. ) شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ،پراجناشرى قاتارلىقلار》 رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە 《 ،》 ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم《 ،》 كلاسسىك قامۇسنامە 《 قاتارلىق كىتابلارنى يازدى ياكى تۈزدى. شۇ دەۋردە يەنە، كاپيان سالى 》ئەلنى ئىدارە قىلىش ئورنەكلىرى《نى خەنزۇ تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمەقىلدى.④ شەمسىددىن ( 1277 - 1351 ) ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي تارىخىيئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ « چېن ئەيزۇڭ توغرىسىدا خاتىرە » ، « جېڭدا يىللىرىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ تەرجىمىھالى » ، « غەربىي يۇرتلۇق يات تائىپىلەرنىڭ تەرجىمىھالى » ، « غەربتىكى ئەللەرنىڭ خەرىتىلىك تەپسىراتى » ، « جىنياڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە » ، « دۇڭياڭ تەپسىراتىنىڭ داۋامى » قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى . قاڭلى توقدۇ ئوردىنىڭ پەرمانىبىلەن مىلادىيە 1343 _ 1345 - يىللىرى تارىخشۇناس سارابانى ۋە ساكيا قايا بىلەن بىرلىكتە « لياۋ سۇلالىسى تارىخى » ، « جىن سۇلالىسى تارىخى » ، « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى »نى يېزىشقا مەسئۇل بولدى . جامالىددىن 1288 - يىلى قۇبلايخاننىڭ قوللىشى بىلەن « يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك بىرلىك تەپسىراتى » ناملىق تارىخىي جۇغراپىيىلىك تەپسىراتلار ئاساس قىلىنغان قىستۇرما رەسىملىك كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ ، مىلادىيە 1303 - يىلى 600 قىسىم ، 1300 جىلدلىق كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى . بۇلاردىن باشقا ، ئارىق ھىيا، راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، سەئىدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭفۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي ، قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، پىداگۇكلار، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ) بېيجىڭ ( دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى .موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئېلخانىلار )مىلادىيىنىڭ- 1258يىلىدىن8813-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن (نىڭ يارلىقلىرى، ئالاقىلىرى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇريېزىقى ۋە پارس يېزىقىدا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى(1370-1321)بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1502-1227) دا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى رەسمىي» دۆلەت تىل-يېزىقى« بولدى. بۇ يېزىق كېيىن«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى»،يېزىق تىلى-ئەدەبىي تىل«چاغاتاي تىلى»دېيىلىدىغان بولدى.(مۆڭكۈخان 1254-يىلى 8-ئاينىڭ18-كۇنى فرانسىيەدىن ئەلچىلىككە كەلگەن رۇبرۇك ئارقىلىق فرانسىيە كارۇلى لۇئېⅨ غا ئەۋەتكەن خېتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان.) چۈنكى بۇ چاغدا، چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار ، ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلىئاتسىيە قىلىنىپ تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغانىدى.⑤ دېمەك، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان، ئۇمۇملاشقان بولسا، چاغاتايخان دەۋرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلاپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى.
ئۈچىنچى باسقۇچ - موڭغۇل نەسەبلىك تۈركلەشكەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان خانلار دەۋرى، يەنى موغۇلىستان خانلىقى ،ئالتۇن ئورداخانلىقى، ئېلخانىلار، بابۇرموغۇل ئىمپېرىيىسى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرى. بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ كۆپ موڭغۇل قەبىلىلىرى، بولۇپمۇ ھۆكۈمران تەبىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۈگىنىش، قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد يادروسى بولغان ئىسلام دىنىنىمۇ قوبۇل قىلدى . مۇشۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە، چاغاتاي دەۋرىدىن تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ،چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، پارىس يېزىقى قاتارلىق تىل-يېزىقلاردا ئەدەبىيات-سەنئەت، تېبابەتچىلىك، ھەرخىل ھۈنەر-كەسپ، تارىخ-تەزكىرە قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، پەقەت تارىخ-تەزكىرە مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەردىن: جامال قارشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسىرى « سۇرراھ لۇغىتى » رۇياپقا چىقتى . سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ سەمەرقەندتە ياشىغان ئىبنى مۇھەممەد ئەرەبشاﻫ ( 1392 - 1450 ) « ئاجايىبۇل مەفتۇرخىناۋائىبۇل تېمۇر » ناملىق ئەسەرنى ، ماۋارائۇننەھردە ياشىغان سۈرىيىلىك نىزامىدىن شامى 1404 - يىلى « سەفەرنامەئىي تېمۇر » ناملىق ئەسەرنى ، شەرىفىدىن ئەلى يەزدى 1425 -يىلى « زەفەرنامە » ناملىق ئەسەرنى ، ھاپىز ئەبرۇ « زۇبدەتۇل تەۋارىخ »ناملىق ئەسەرنى ، سەمەرقەندلىك ئابدۇراززاق « مەتلەئۇسسە ئىدەيىن ۋە مەجمۇئەل بەھرەيىن » ناملىق ئەسەرنى ، ئۇيغۇر باخشى « تارىخىي خانىيە » ناملىق ئەسەرنى يازدى. زوھۇرىدىن مۇھەممەدبابۇر(1530-1483)«بابۇرنامە»نى، ئەبۇلغازى باھادىرخان(1603-1666) «شەجەرەئى تەراكىمە» ۋە «شەجەرەئى تۈرك»نى يازدى.
سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كوراگانى ( 1499 - 1547 -يىلى) پارس تىلىدا ئىككى توملۇق تارىخىي ئەسەر«تارىخى رەشىدى»نى يېزىپ ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخىنى يورۇتۇپ بەردى .⑥
مۇشۇ تارىخىي دەۋرلەردە ئۇيغۇر تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر ناھايىتى كۆپ.مەسىلەن:
ئۇيغۇرچە_ موڭغۇلچە
ئالماس --Almas
ئالتۇن---Altan
ئالۋاڭ---Alven
ئامراق---Amereg
ئارا---Ara
ئارال---Aral
ئارچا---Arc
ئارپا--- Arba
ئارشاڭ--- Arshan
ئارغىماق--- Argumag
ئارقان--- Argamii
ئارقار--- Argal
ئايماق--- Aimag
ئايغىر--- Ajirga
ئاقساقال--- Agsahal
باخشى--- Bagshi
بال(ھەسەل)--- Bal
باتۇر--- Baatur
باتۇرلۇق--- Baaturlig
باي--- Bayan
بايلىق---Bayalig
بايرام---Bayar
باغلام--- Bagla
بۇران--- Boran
بوسۇغا--- Boshuh
بوزا--- Booz
بۇلاڭچى--- Bulangqi
بولجۇڭ--- Bulchung
بۇلۇڭ--- Bulung
بۇلغۇن--- Bulgun
بۇغداي--- Bughdai
بۇغرۇل--- Buurul
بۇقا--- Buh
بەل--- Belkuus
بۆدىنە--- Boedun
بۆجەن--- Boejung
بۆكەن--- Boekung
بۆلجۈرگەن--- Boeljirghen
بۆرەك--- Boeer
بۆرە--- Boert
بۈركۈت--- Burgud
داغ--- Daah
دالدا--- Dald
دەپتەر--- Devter
دوغا--- Dogui
دولقۇن--- Dolgaan
دولقۇنلىماق--- Dolgaalh
دوبۇلغا--- Dulguu
دەررۇ--- Dairui
دۆش--- Doex
گەۋدىلىك--- Gadarlig
قەبرە--- Kuwr
خارت-خۇرت--- Hart-Hurt
خان-خاقان--- Khan
جادۇ-جادۇگەر--- Jad
جاھانگىر--- Jangar
جىلغا--- Jilga
جەرەن--- Jeren
چوقۇر--- qohur
چوققا--- qoka
چۇلۋۇر--- qulvur
چۆل--- qoel
چۆلدىمەك---qoeldh
چۆچىمەك--- Qochihإ
چۆچۈتمەك--- Qochaah
سالماق--- Savelh
سامساق--- Saerimseg
ساي--- Sav
ساغماق---Saah
ساقال--- Sahel
سولخاي--- Solgai
سۇ---Su
سۇنايلاپ--- Sunagaad
سەلكىن--- Saelhin
قارا--- Har
كاككۇك--- Khokukhe
قارىغاي--- Hargai
كەكلىك--- Heglig
كىسىم--- Kerchim
كېرەك--- Hereg
كومشار--- Hongshar
كۆك--- ،Koek
كۆكرەك--- Koek
كۆپكۆك--- Koev koek
كۈچ--- Kuq
كۈچلۈك--- Kuqutai
كۈچۈك--- Kiqig
قورۇ--- Hurai
قۇدۇق--- Hudug
لام -جىم--- Nam-jim
مال--- Mal
مالىخاي--- Malhlai
مانان--- Manan
مايماق--- Maigag
ماختاش--- Magtaad
مېنىڭ--- Minik
مەرگەن--- Mergen
مۈچە(ئۇگە)--- Moeq
مۈرە--- Moerv
مۆشۈك--- Mix
نوختا--- Nogtu
ئوسال--- Osal
ئوغۇل--- Ogul
پالتا--- Balta
پۇرچاق--- Burtsug
چېچەك--- qeceg
چىرىك--- qereg
چېقىر---- qehir
چىمدىم--- Qimhi
چىمدىماق--- Qimhih
چىۋى--- Qivi
چوغ--- qogً
تارتىپ--- Tataad
تال--- Tal
تالان-تاراج--- Talen
تالقان--- Talh
تاماكا--- Taemhi
تامغا--- Tamga
تاپان--- Tavag
تاتۇق--- Tatungga
تارالماق--- Tarhu
تاياق--- Tayag
تايغان--- Taegan
تاقا--- Tah
تاقىر--- Tajir
تەڭ--- Teng
تەكشى--- Tengshi
تەكشىلىمەك--- Tegshileh
تور--- Tor
تۇقۇم--- Tohum
توقۇماق--- Tohuh
توز--- Togus
تۇلۇم--- Tulum
تۇمۇ--- Tomuu
تەسكىن--- Taeskaen
تۆل--- Toel
تۆللەش--- Toelleh
تۆمۈر--- Toemur
تۈمەن--- Tum
ئۇرۇق--- Ur
ئۇلار--- Ulir
ئۇچراپ--- Uqiraad
ئۇچراشماق--- Uchiraah
ئۇچقۇن--- Ochi Ochin
ئۈزۈم--- Uzum
شالۋۇر--- Shalvur
شېكەر--- Xikir
شىمايلىماق--- Shamalh
شىۋىرغان--- Shurgun
شوراش--- Sorh
شورلۇق--- Shorvug
شوتا--- Shat
شۇڭقار--- Shonghur
يۈرەك--- Zurh
يۈز--- Zuu
يورغا--- Jorga
يوسۇن--- Yos Yosun
ئىسقىرتىش--- Ixihireed
ئەپلىك--- Evleg
ئەپلىمەك--- Evleh
ئەر--- Er
ئەرك--- Erh
ئۆسمۈر⑦Oesvur---
يۇقىرىقى سېلىشتۇرما سۆزلۈك موڭغۇل تەتقىقاتچىسى يىلىياستۇ ئەپەندىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرچە ۋە مۇڭغۇلچە ئاھاڭداش،مەناداش سۆزلەر›› ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئەرەپ-پارس تىلىدىن ئۇيغۇرتىلى ئارقىلىق موڭغۇل تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. (بەزى لۇغەت -قامۇسلاردا بىزنىڭ نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلىرىمىز پارس ۋە ئەرەپ تىللىرىغا تەئەللۇق قىلىۋېتىلدى. ۋاھالەنكى،16 -ئەسىردىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەرەپ، پارس تىللىق خەلقلەرگە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 5 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك تۈركىي تىلنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىرىغا كۆپلەپ سىڭىپ-ئۆزلىشىپ كىرگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك ،ئەلۋەتتە.) بەزى تارىخشۇناسلار چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى نەسەبىنى قىيات قەبىلىسىگە باغلاپ، قىيات، ئۇيرات، بارلاس، دۇغلات، جالايىر، قوڭغىرات قاتارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى تەكتى-يىلتىزى تۈركىي تىللىق قەۋمگە تەئەللۇق قەبىلىلەر قاتارىدا تەتقىق قىلىۋاتقان، مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا بىللە كەلگەنلىكىنى ، نۇرغۇن تۈركىي سۆزلۈكلەرنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەنلىكىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ۋاھالەنكى، بۇ خىل تەتقىقاتلاردىن تېخى ئاخىرقى يەكۈن چىقىرىلمىدى. تارىختا خاتىرىلىنىشىچە⑧، چىڭگىزخان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى ئەمەس، بەلكى، موڭغۇللارنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تىكلەپ، دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تارىختا "تەڭرىنىڭ ئەركىسى" دېگەن ئالەمشۇمۇل نامغا ئىگە بولغان.
تارىخىي پاكىتلاردىن ئايانكى، پۈتكۈل موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، موڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر ئالىم-ئۆلىما، زىيالىيلىرىنىڭ تەسىرىدە، مۇكەممەل بىر يېزىققا ئىگە بولدى، خان ئوردىسىدىن تارتىپ پۈتكۈل موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسلىق يېزىق ئالاقە قۇرالىغا ئايلاندى.⑨
2 . دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى تەسىرى .
قۇبلايخان چىڭگىزخاننىڭ ئورنىنى بېسىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن كېيىن، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشنى داۋاملىق ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، موڭغۇللار ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، مۆڭكۈخان تەختتىكى چاغدا، يەنى 1246 -يىلى، ئۇ تىبەتتىكى بۇددا دىنىنىڭ ساجا مەزھىپىنىڭ 4 -ئەۋلاد پىشىۋاسى سابان بىلەن لياڭجۇ دېگەن جايدا ئۇچرىشىپ، ساباننىڭ پۈتكۈل تىبەت رايۇنىدىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ داھىيلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. قۇبلايخانمۇ شۇ ئاساستا يەنە ساجا مەزھىپىنىڭ 5-ئەۋلات پىشىۋاسى باسباغا ئوردا ئۆلىمالىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ، باسبانى پۈتكۈل يۈەن سۇلالىسىنىڭ بۇددا دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلدى.بۇنىڭ بىلەن، يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان موڭغۇللار تەدرىجىي يۇسۇندا بۇددا دىنىنىڭ ساجا)لاما( مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى نۇرغۇنلىغان بۇددا دىنى ئۆلىما-راھىبلىرى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ھاكىمىيەت ۋە بۇددا دىنى ئىشلىرى بۇيىچە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى. پەقەت- 1328يىلى ۋە- 1329 يىللىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن 108 نەپەر راھىب خانبالىقتىكى ساڭرام-بۇتخانىسىغا راھىپكالانلىققا تەكلىپ قىلىندى. قۇبلايخان يەنە ئوردىدا مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددا دىنى سارىيى سالدۇردى. بۇنى تۇرپان ۋە دەشىتىئاتا)دۇنخۇاڭ(دىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان، مەخسۇس موڭغۇل خان-پادىشاھلىرىغا ، مەلىكە-خانىشلارغا ۋە شاھزادىلەرگە قۇت-ئامەت تىلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دۇئا-پۈتۈكلەرمۇ ئاساسلايدۇ.
مۆڭكۈخان دەۋرىدە، تەرىقەت دىنى )داۋجياۋ(بىلەن بۇددا دىنى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ھەر ئىككىلا دىننىڭ ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدە-ئەركانلىرىنى" ئەڭ توغرا ھەقىقەت "دەپ دەۋا-داۋراڭ قىلىشىدۇ. مۆڭكۈخان بۇ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،-1256 يىلى ئىككى تەرەپنى مۇنازىرە قىلىشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ. نەتىجىدە، شۇ قېتىمقى مۇنازىرىگە ئىككى تەرەپتىن 300دىن ئارتۇق بۇددا دىنى ئۆلىماسى قاتناشقاندىن سىرت ، ئەتراپتىكى بۇددا دىنى ئەللىرىدىنمۇ ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ،كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بۇددا دىنى تەرەپ يېڭىپ چىقىدۇ،بۇددا دىنى تەرەپنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا ئۇيغۇر بۇددا ئۇلىمالىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.⑩
قۇبلايخان دەۋرىدە، -1285يىلىدىن-1287-يىلىغىچە قۇبلايخان >>بۈيۈك بۇددانوم<<غا قارىتا بىر قېتىم چوڭ ھەجىمدە رەتلەش-تۇلۇقلاش ئېلىپ باردى. ئاساسلىقى تىبەت نۇسخىسىدىكى1440قىسىم،5586 پارە بۇددانوم ئارقىلىق خەنزۇچە نۇسخىدىكى بۇددانومنى رەتلەپ توغرىلىدى، بۇ قېتىمقى بۇددانومنى رەتلەپ توغرىلاشقا ھىندى،ئۇيغۇر،تىبەت ۋە خەنزۇ قاتارلىقلاردىن 29نەپەر بۇددا دىنى ئۆلىماسى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇلارغا مىڭسۇسى، ئەنزاڭ، كاپيان سالى قاتارلىقلار باشچىلىق قىلدى.⑾
-14ئەسىرگە كەلگەندە، يۈەن سۇلالىسى پارچىلىنىپ ،ئۇنىڭ تېررىتۇرىيىسى دائىرىسىدە مىڭ سۇلالىسى، چاغاتاي خانلىقى، ئېلخانىلار خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار بارلىققا كەلدى. بۇ دەۋردە، چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەسىرىدە، ھۆكۈمران ئورۇندىكى موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئېتىقاتىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش بولدى، يەنى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن موغۇلىستان خانلىقىدا، تۇغلۇق تۆمۈر(1329-1369) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى . ⑿ بۇ دەۋردە يەنە، موغۇلىستان حانلىقى غەربىي ۋە شەرقىي موغۇلىستانغا بۆلۈنۈپ، دېھقانچىلىق رايۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان موڭغۇللار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇر -تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قوشۇلۇپ ئۆزلىشىپ كەتتى، تاغ-يايلاقلاردىكى موڭغۇللار بولسا ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئېتىقاتىدا قېلىۋەردى. نەتىجىدە، ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئۇيغۇرلاشقان-تۈركلەشكەن موڭغۇللاربەزى تارىخنامىلاردا "مۇغۇل "دەپ ئاتالدى. ئۇلار ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللارنى "چاتاي(قاراقچى)"دەپ كەمسىتسە، كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللار ئۇيغۇر-تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى" قارا ئۇناس(شالغۇت)"دەپ كەمسىتىدىغان بولدى.⒀ بۇ دەۋردە شەرقىي موغۇلىستانغا دۇغلات قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار، غەربىي موغۇلىستانغا بارلاس قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
3. سىياسىي ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەسىرى
بۇ خىل تەسىر چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن باشلىنىپ، موغۇلىستان دەۋرىدە تېخىمۇ قۇيۇق ۋە گەۋدىلىك بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: ئالدى بىلەن، چىڭگىزخان قاغان بولغاندىن كېيىن، ئۇ تاتاتۇڭا، چۇسكىخۇتزىر،مەڭگۇقايا قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، تامغا-مۆھۈردارلىق، بېتىك-دەپتەردارلىقنى )دىۋان كاتىباتلىقنى( يولغا قويدى؛ ئىككىنچىدىن، قاغان ئوردىسىدىن تارتىپ(ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى -ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنىدىن باشقا) ئېلىكخانلىقلارغىچە ئۇيغۇر خاندانلىقلىرىدىكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى. ئۈچىنچىدىن، چاغاتاي خاندانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ئىلخانىلار خانلىقى، موغۇلىستان خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار دەۋرىدە، ئوردا-مەھكىمىلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قويۇلدى. ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى ئىشلىتىلدى .
چىڭگىزخان مىلادىيە 1206- يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1215- يىلى جورجىت خانلىقى (1115- 1234)غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1219- يىلىدىن 1225- يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ مەسلىھەتچى بولدى . چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە توراقايا ، بۇلاد قايا قاتارلىق ئۇيغۇر سەركەردىلەرمۇ قاتناشقان . توراقايا چىڭگىزخاننىڭ خارەزىم خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان بولۇپ ، ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىم ئىدى. بۇلادقايا مۇ چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولىخاننىڭ ئورۇنباسارى بولغان.⒁
موڭغۇللار مىلادىيە 1279- يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسى (1279-1368)نى قۇرغان، قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىدە (1279-1368) ئۇيغۇرلاردىن لەن شىشەن ، ساڭگا ، ئەل ئۇقمىش ، مەڭگوتىكىن ، شايبان ، موڭسۇر ، ئەختەرىددىن قاتارلىق ئۇيغۇرئالىملار خان بالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.⒂
موڭغۇللار مىلادى 1279- يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، خانبالىق( بېيجىڭ)نى پايتەخت قىلغان. لەن شىشەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولغان.⒃
شايبان مەشھۇر دىپلومات بولۇپ، ئوگدايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادىيە 1276- يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.⒄ ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇر ئەھمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان.⒅
قۇبلايخان سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە، ئۇيغۇر بىناكارلىق ئالىمى ئەختەرىدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىقنى(ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى)نى قايتا لايىھىلەش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى جۇڭگو تارخ كىتاپلىرىدا قەيىت قىلىنغان.⒆
يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قۇبلايخان، مۆڭكۈخان، ئىسەنبۇقاخانلار دەۋرىدە (مىلادىيە 1270- يىلىدىن 1320- يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەلئۇقمىش 1272- يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە بىرنەچچە قېتىم ئەلچى بولۇپ بارغان. ئۇ قايتىشىدا چەت ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا - دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئورۇنباسارى بولغان .
ئىقتىسادشۇناس ساڭگا، لەشكەرشۇناس ئېلقايا، كۇنجەك، چاغان تۇمۇر، مەھمۇد يالىۋاچ ، مەسئۇت يالىۋاچ (ئاتا-بالا) قاتارلىقلارمۇ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.⒇
راببان سائۇما چىڭگىزخان دەۋرىدە موڭغۇل شاھزادىلەرگە ئۇستاز بولغان شايباننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ نىستورىئان دىنىدا تەربىيىلەنگەن ۋە كۆپخىل ياۋرۇپا تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 1287-يىلى ئېلخانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى ئارغۇن ئۇنى ياۋرۇپاغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. سائۇما كونىستانتىنپولغا بېرىپ پادىشاھ ئاندرونكۇس Ⅱنىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولىدۇ. ئۇ يەردىن رىمغا بېرىپ كادىنال يېرۇمى بىلەن دىنىي مۇنازىرە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەردىن پارىژ شەھىرىگە بېرىپ فرانسىيە پادىشاھى فىلپ فائىرⅥنىڭ قىزغىن ۋە داغدىغۇلۇق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئارغۇن خاقاننىڭ خېتىنى ۋە سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرىدۇ. پارىژدا يېرىم ئايغا يېقىن تۇرۇپ فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بور شەھىرىگە بېرىپ ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېدۋاردⅠبىلەن كۆرۈشىدۇ.1288 -يىلى سائۇما دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە پاپا نىكۇلاسⅣنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ،قايتا رىمغا بېرىپ دۆلەت خېتى تاپشۇرىدۇ . پاپا ئارغۇننىڭ خرىستىئان دىنىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ئۇ 1294-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولغان. (21(
ئۇمۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلاپ تاكى 16-17-ئەسىرلەرگىچە موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۆزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل تەسىر ھاكىمىيەت باشقۇرۇش، لەشكىرى ئىشلار ، تىل-يېزىق ، دىۋان ئىشلىرى، دىپلۇماتىيە، مالىيە-ئىقتىساد ،تىبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگىچە ئەكس ئېتىپ، تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.
ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى مۇنداق بىرنەچچە دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: قەدىمكى يېنسەي، ئورخۇن، سىلېنگا، سىبېرىيە، ئۆتۈكەن قاتارلىق پايانسىز تۈزلەڭلىك، يايلاقلاردا بىللە ياشىغان تۇققاندارچىلىق خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەت؛كۆك تۈرك حانلىقى ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەت ؛ چىڭگىزخان، قۇبلايخان، چاغاتايخان قاتارلىقلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا تايىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك قۇبۇل قىلىش خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەت ؛ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلانغان تۈركلىشىش-ئۇيغۇرلىشىش خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەت؛ جوڭغارلار(ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالعان موڭغۇللار) دەۋرىدىكى تەسەۋۋۇپچى سۇپى-ئىشانلارغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دەھشەتلىك ئېزىش-ئېكىسپىلاتتاسىيە قىلىش خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەت. (بۇ يەردە كۆپرەك موڭغۇل ھۆكۈمرانلار قاتلىمى كۆزدە تۇتۇلغان )؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوخشاشلا مەھكۇملۇقتا ياشاش ، تەقدىرداش بولۇش خاراكتېرىدىكى مۇناسىۋەت دېيىشكە بولىدۇ .شىڭخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، بولۇپمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋەت ئاساسىدا ساغلام تەرەققىي قىلماقتا .
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەردىن باشلاپلا، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، بولۇپمۇ جۇغراپىيىۋىي، تارىخىي ۋە سىياسى، ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىل تەسىر ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بولۇپمۇ بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان. شۇ ۋەجىدىن بۇ ماقالىدا پەقەت مۇشۇ بىر نۇقتا ئۈستىدىلا توختىلىشقا توغرا كەلدى. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قەيىت قىلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ خۇددى باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش تارىخىي، جۇغراپىيىۋىي ۋە سىياسىي، ئجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ، مەسىلەن:ئەرەپ، پارىس، موڭغۇل، مانجۇ، خەنزۇ، ئورۇس، ھىندى، ئىنگلىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ كۈچەيتىپ كەلگەن.
ئىزاھات :
①ئۇلانزالات:‹‹تۈركلەر بىلەن موڭغۇللار ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى پاكىتلار››، ئۇلانزالات بىلۇگى،2007 -يىل،12-ئاينىڭ18-كۈنى.
②تۇجى(چىڭ سۇلالىسى):«موڭغۇل تارىخى»"تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"،3048 –بەت ، جۇڭگو كىتابچىلىقى، 1984 -يىل خەنزۇچە نەشرى.
③جۇۋەينى)ئىران>>

جاھاننى بويسۇندۇرغۇچىلار تارىخى<<،50-49بەتلەر ، ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى،1980--يىل،خەنزۇچە نەشرى.
④ تۇجى(چىڭ سۇلالىسى):«موڭغۇل تارىخى»351-بەت.
⑤ۋاڭ جىلەي:‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.
⑥كۆرەش تاھىر>>:ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى<<،<<كىتاب مۇنبىرى >>ژۇرنىلىنىڭ 1999 - يىللىق 1 - ، 2 - سانلىرى.
⑦ ئۇلياستۇ: «ئۇيغۇرچە موڭغۇلچە ئاھاڭداش ۋە مەناداش سۆزلەر» ئىنتېرنىت،«ھون مۇنبىرى»،2006 -يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى.
⑧ ‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.
⑨جۇچى : (چىڭ سۇلالىسى) <<موڭغۇل تارىخى>> "تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"،3048-بەت.جۇڭگو كىتابچىلىقى، 1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.
⑩ياڭ فۇشۆ>>ئۇيغۇرلار ۋە بۇددا دىنى<<،170--168بەتلەر .شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1998-يىل خەنزۇچە نەشرى.
⑾جۇچى)چىڭ سۇلالىسى>>: (مۇڭغۇل تارىخى"<<پراجناشرىنىڭ تەرجىمىھالى" 3260 -بەت.جۇڭگو كىتابچىلىقى،1984 -يىل خەنزۇچە نەشرى.
⑿ ليۇزىشياۋ>>:ئۇيغۇرتارىخى»-574بەت.مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988- يىل نەشرى.
⒀ ۋاڭ جىلەي:«ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»،326-بەت.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.
⒁⒂⒃⒄⒅⒆⒇غەيرەتجان ئوسمان: «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»،117-بەتتىن165-بەتلەرگىچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 -يىل نەشرى.
(21)«جۇڭگو بۈيۈك ئىنسكلۇپېدىيىسى»- جۇڭگو تارىخى - يۈەن سولالىسى تارىخى- "راببان سائۇما قىسمى " خەنزۇچە نەشرى، 56-بەت .
پايدىلانما ئاساسلىرى:
1. ئۇبۇلغازى باھادىرخان:‹‹شەجەرەئىي تۈرك››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىل نەشرى.
2. ‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.
3. مەھمۇدكاشىغەرىي:‹‹تۈركىي تىللاردىۋانى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1981 -يىل نەشرى.
4 . ليۇزىشىياۋ : «ئۇيغۇرتارىخى ‹‹ ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988 -يىل نەشرى.
5. مىرزامۇھەممەد ھەيدەركۇراگان: «تارىخى رەشىدى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007 -يىل نەشرى
6 . ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈرك››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 -يىل نەشرى.
7. موللامۇساسايرامى: ‹‹تارىخى ھەمىدى›› ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986-يىل نەشرى.
8. ۋ.ۋ.بارتولدى: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى›› ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل خەنزۇچە نەشرى
ئاپتو رنىڭ خىزمەت ئورنى : قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى