ئىلى سۇلتانى ئوبۇل ئەلانىڭ چەت ئەلدىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتىغا دائىر مۇھىم ئۈچ ھۆججەت
ئابدۇۋەلى مۇقىيىت
يېقىندا مەن، تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىسىيىۋ داۋۇت ئابدۇلموۋىچنىڭ «يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» دېگەن كىتابىدىن[1] ئەينى يىللاردىكى تۈركىستان گېنرال-گوبىرناتورى گېنرال ئاديوتانت فان كائۇفمان ۋە يەتتەسۇ گوبىرناتورىنىڭ ياردەمچىسى راسسىكىنىڭ ئارخىپىدا ساقلانغان ئىلى سۇلتانى ئوبۇل ئەلانىڭ ۋېرنىدىكى[2] تۇتقۇنلۇق ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۈچ ھۆججەتنى بايقىدىم. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەلگىلىك تەتقىقات قىممىتى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ياش ئوقۇرمەنلەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا، كۆرگەن ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا قىسقىچە بايان بېرىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
Ⅰ.ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە بايان
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبات ھاكىمىيىتىگە قارشى 1864-يىلى كۇچادا كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭى ناھايىتى تېزلا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېقانلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى.
1864-يىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا ئىلىنىڭ ئەھۋالى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئالاھىدە ئىدى. چۈنكى ئىلى جىياڭجۈنى پۈتكۈل شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك ئارمىيە توپلانغان ئىدى. مانا بۇ ھال ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ جىددىي ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ئىدى.
ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا 1864-يىلىنىڭ بېشىدا ئىلى جىياڭجۈنى چاڭ چىڭنىڭ مەزەمزات ھاكىمنى «يېڭى ئۆستۈرمە سېلىقلارنى تولۇق تاپشۇرمىدىڭ» دېگەن سەۋەب بىلەن زىندانغا تاشلاپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى (ئىشىك ئاغابەگ) ئابدۇرۇسۇلبەگنى[3] ھاكىم قىلىپ تەيىنلىشى سەۋەب بولىدۇ.
1860-يىللاردا قارقارا تەرەپتىن رۇسلار بېسىپ كېلىشكە باشلىغاندا، ئىككى مىڭ مانجۇ چېرىكى بېرىپ ياندۇرالمىغان چاغدا ئابدۇرۇسۇل ئىشىك ئاغا رەھبەرلىكىدىكى مىڭ ئاتلىق تارانچى پالۋانلىرى ياندۇرغان ئىدى. رۇسلار تەرەپتىن ۋايىم بولغاچقا، چاڭ چىڭ ھاكىمبەگنى (مەزەمزاتنى) چاقىرتىپ تارانچىلاردىن بەش يۈز پالۋان راسلاپ بېرىشنى تاپشۇردى. ھاكىم جىياڭجۈننىڭ بۇيرۇقىنى پات پۇرسەتە ئورۇنلاپ، خەۋەر ئۈچۈن جىياڭجۈن مەھكىمىسىگە يۈگۈردى. بۇ خىزمىتى ئۈچۈن جىياڭجۈندىن مۇكاپات كۈتكەن مەزەمزاتنى، يۇقىرىدىكى سەۋەب بىلەن زىندانغا تاشلىدى.
جىياڭجۈن يېڭى تەيىنلەنگەن ھاكىم ئابدۇرۇسۇلبەگكە تەييارلانغان مەرگەنلرنى دەرھال ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق يازدى. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ خۇي-پەيلىنى چۈشەنگەن ئابدۇرۇسۇلبەگ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بارمىدى ھەم تەييارلانغان مەرگەنلەرنىمۇ ئەۋەتمىدى. پەم-پاراسەتلىك ئابدۇرۇسۇلبەگ ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، يوشۇرۇن ھالدا تاشئۆستەڭ، ئارائۆستەڭ، ئۇلاستاي، داردامتۇ، كەتمەن، غالجات، خۇنخاي، توققۇزتارا قاتارلىق يېزا-كەنتلەردىن ئەسكەر توپلاپ قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلايدۇ. كەلگۈسى ھۆكۈمەت تارانچىلاردىن بولۇش شەرتى بىلەن تۇڭگۇنلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ جىياڭجۈنگە قارشى ئۇرۇش قىلىش شەرتنامىسى تۈزىدۇ. ئابدرۇسۇلبەگ قېيىنئاتىسى ئەخمەت خەزىنىچى، يۇرتتا زور ئابرويغا ئىگە ناسىر ئەلەم، تۇگگانلاردىن ئاشور، خەنجە، ئىسمائىل ئاخۇنلار ياردەم بېرىدۇ.
قوزغىلاڭ 1864-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىسى باشلىنىدۇ. تۇڭگانلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلىدۇ. ئىلى جىياڭجۈنى چاڭ چىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقنى بۇزۇشتا «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىپ، تۈرمىدە ياتقان مەزەمزاتنى بوشىتىپ، ئۇنىڭغا:«تۇڭگانلارنى قىرىپ تاشلىساڭ ھاكىملىقنى ساڭا ئېلىپ بېرىمەن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى سېلىقنى ئېلىپ تاشلايمەن، خەزىنىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە قىلىدۇ.
مەنسەپ ۋە دۇنياغا قىزىققان مەزەمزات دەسلىپىدە جىياڭجۈن ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا قىزىققان بولسىمۇ، ئىلى خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بەلنى باغلاپ چىققانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى پەم قىلغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ئۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن ھاكىمىيەت تەشكىلى بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە نەسىردىن ئەلەمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئومۇمىي كېڭەش نەسىردىن ئەلەم رىياسەتچىلىك قىلغان كېڭەشتە مەزەمزاتنى سۇلتان، ئابدۇرۇسۇلبەگنى ئەمىر (قوماندان) قىلىپ تەيىنلەيدۇ. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چىڭپەڭزە قورغىنى ئېلىنغاندىن كېيىن يەنە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ ناسىر ئەلەمنى قازىكالان، شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر، ئەخمەت بەگنى خەزىنىچى، موللا روزى ئاخۇننى مۇپتى ۋەزىپىسىگە سايلايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا سۇلتاندىن تارتىپ يۈز بېشىغىچە ھەممە مەنسەپدارلار تەيىنلىنىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ تىزىملىكى دەپتەرگە ئېلىنىدۇ. قوشۇن ئىچىدە تەرتىپ ۋە ئىنتىزام يولغا قويۇلىدۇ.
سۇلتانلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان مەزەمزات ئەزەلدىن چىقىشالمايدىغان ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن چىغلىق مازارلىق ئەخمەتخان غوجا سىڭا كۆز بىلەن يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ يۆلەنچۈكى ئەخمەت خەزىنىچى ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەۋرىسىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرىدۇ.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگ قېيىنئاتىسى ئەخمەت خەزىنىچى ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىنتىقام ئېلىشنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، نۆۋەتتە جەڭ ئەڭ جىددىي بولۇۋاتقان بايانداي بارگاھىغا قايتىدۇ.
بۇ چاغدا جەڭ مەيدانىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن ئىدى. گەرچە ئىلى ۋىلايىتى مانجۇلاردىن ئازاد قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بايانداي ۋە كۈرە قەلئەلىرىگە بېكىنگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى قوزغىلاڭچىلارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. قوۋۇقلىرى مۇستەھكەم، تاملىرى قېلىن ۋە ئېگىز سېپىلدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. كۈرەدىن بايانداينى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چىققان مانجۇ چېرىكلىرى دەسلەپكى قەدەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ئىلھاملانغان تۇرغاۋۇتلار ئىلىغا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى تۈزىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگ بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى تېكەس تەرەپتىن ياردەمگە كېلىۋاتقان تۇرغاۋۇتلارنى توسۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. يەنە بىر قىسىم كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ، كۈرەدىن كېلىدىغان ياردەمچى قوشۇننىڭ يولىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، يابانداي بىلەن كۈرەنىڭ ئوتتۇرىسى بولغان چەيلەڭزە ئۆتىڭىنىڭ يېنىدا «تام بارىگاھ» سوقۇپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي تېكەس يولىغا ئەۋەتىلگەن قوزغىلاڭچىلار ياماتۇدا تۇرغاۋۇت خانىدىن ئېلىپ كېلىۋاتقان 1200 جەڭ ئېتىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. جىياڭجۈن يەنە كۈرە شەھىرىدىن 7000 لەشكەر بىلەن خادارېننى قوزغىلاڭچىلارنى يوقىتىشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ جەڭدا ئابدۇرۇسۇلبەگ قوماندانلارغا خاس پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. دۈشمەن 710 لەشكەرنىڭ جەسىتىنى تاشلاپ چېكىنىدۇ. قوزغىلاڭچىلار 96 زەمبىرەك، 50 ھارۋا ئوق-دورا غەنىمەت ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرمىنىڭ خەلق ئارىسىدا شۆھرىتى ئاشىدۇ. چىڭ دائىرلىرى بۇ مەغلۇبىيەتنى جىياڭجۈننىڭ تەدبىرسىزلىكىدىن كۆرىدۇ ۋە چاڭ چىڭنى جىياڭجۈنلىكتىن قالدۇرۇپ ئورنىغا مىڭ شۈينى جىياڭجۈن قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
مىڭ شۈي مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن كېيىن يۇمشاق ۋاسىتە قوللىنىپ قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىگە مۇنداق تەكلىپ قويىدۇ. 1. قوزغىلاڭچىلارنىڭ گۇناھىنى كۈچۈرۈپ، ئەپۇ ئومۇمىي قىلىش. 2. تارانچىلاردىن ئىلگىرى ئېلىنغان ئۆستۈرمە ئاشلىقلارنى قايتۇرۇپ بېرىش. 3. تارانچىلارنىڭ ئىستىقلالىيىتى-چىڭ ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولماي، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىشنى ئېتىراپ قىلىش (تارانچى ۋىلايىتى چەيلەڭزىگە قەدەر). 4. سۇلتانغا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ مەنسىپىنى يەنى لەھەل جۇڭزىلىق دەرىجىسىنى بېرىش. بۇنىڭ بەدىلىگە تارانچىلار بۇزۇلغان تۇڭگانلارنى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بېرىش لازىم ئىدى. بۇ تەكلىپكە سۇلتان قاتتىق جاۋاب يازىدۇ.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ خەلق ئارىسىدا كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ئىناۋىتى مەزەمزاتنىڭ سۇلتانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتىدۇ. مەزەمزاتنىڭ يول كۆرسىتىشى بويىچە ئەخمەتخان خوجا مانجۇچە يېزىلغان ساختا خائىنلىق خېتى تەييارلايدۇ. ئەخمەتخان خوجا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن بارىگاھتىكى ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ چېدىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى قەتلى قىلىدۇ. ئەمىرنىڭ يېقىنلىرى دەپ ئىسھاق خەزىنىچىنى ئۆلتۈرىدۇ. قازىكالان نەسىردىن ئەلەمنى زىندانغا تاشلايدۇ. ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ چېدىرىدىن جىياڭجۈنگە يازغان خائىنلىق خېتى چىقتى دەپ جامائەتكە ئېلان قىلىدۇ. بۇ چاغ 1865-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بولۇپ ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگ 41 ياشتا ئىدى. ئەمما ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم بولمايدۇ. ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنى قەتلى قىلغاندىن كېيىن ئەخمەتخان غوجىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلىدۇ. ھەممە بەگلەر غوجامنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان، ھەتتا سۇلتانمۇ ئۇنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان بولىدۇ. بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش نۆۋەتتە قوزغىلاڭنىڭ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىدى. قوزغىلاڭچىلار 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن بايانداي قەلئەسىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. سېپىلنى ئىككىنچى قېتىم پارتلىتىش يەنە سادىر پالۋانغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇ بۇ قېتىم لەخمىنى ئۈچ ئوغلى بىلەن مۇكەممەل قىلىپ كولاپ، سېپىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە يول ئاچىدۇ.
باتۇر-قورقماس تارانچى جەڭچىلىرى سېپىلنىڭ بۇزۇلغان شورىسىغا يوپۇرۇلۇپ بارىدۇ ۋە دۈشمەننىڭ كۈچلۈك توپ ئوقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا دالدا قىلغۇدەك ئورۇن بولمىسىمۇ ھەرگىز چېكىنمەيدۇ. ئالدىدا ئۆلگەن شېھىتلەرنىڭ جەسەتلىرى دۆۋىلىنىپ ئارقىدىكىلەرگە دادا بولغىدەك بولغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ دالدىسىدا قورغان ئىچىگە ئۆتكەندىن كېيىن ئۈچ كېچە-كۈندۈز تىغمۇ-تىغ جەڭ بولىدۇ. بايانداي قەلئەسىنىڭ قوماندانى مورۇنخا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ، ئۆزىنى بىراقلا پارتلىتىپ ئۆلىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىت 1866-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىدى.
شۇ يىلى قىشنىڭ ئاخىرىدا قوقەندىن دەبدەبە ۋە تەنتەنە بىلەن قېرى غوجا لەقەملىك پو چى ماخمۇت ئىسىملىك بىر زات كېلىدۇ (ئۇ ياغاچتىن زەمبىرەك ياساپ كارامەت كۆرسەتمەكچى بولغانلىقتىن پو ى ماخمۇت ئاتالغان). ئۇنىڭ غەرىزى تارانچىلار ئۈستىگە غوجا ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئىدى. ئۇ كېلىپلا ئەخمەتخان غوجا بىلەن بىرلىشىپ سۇلتان مەزەمزاتنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خىزىر غوجىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەلاخان پالۋاننى قاماققا ئالىدۇ. قېرى غوجا ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلايدۇ. ئەلاخان پالۋان قوزغىلاڭ باشلانغاندىن تارتىپ سادىر پالۋان، ئاقيول پالۋان، ئىسمائىل پالۋانلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان قەيسەر كىشى ئىدى.
ئارا ئۆستەڭلىك قۇتلۇق مىراپ دېگەن كىشى مەخپىي مەجلىس ئۆتكۈزۈپ قېرى غوجىنى ئۆلتۈرۈپ، مەھبۇس ئەلاخان پالۋاننى سۇلتانلىققا كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. قېرى غوجىنى ئۆلتۈرۈشنى تۇردى يۈزبېشىغا تاپشۇرىدۇ. تۇردى يۈزبېشى قارار بويىچە كېچىدە پوچى مەخمۇتنى ئۆز چېدىرىدا ئۆلتۈرىدۇ. ئەخمەتخان غوجا سۈيدۈڭگە قېچىپ بېرىپ، تۇڭگان بەگلىرىنىڭ قوينىغا يوشۇرىنىدۇ. پوچى مەخمۇتنىڭ سۇلتانلىقى بار-يوقى 36 كۈن ئۆمۈر سۈرىدۇ.
پوچى مەخمۇت قەتل قىلىنغاندىن كېيىن ئارائۆستەڭلىكلەرنىڭ قارارى بويىچە ئەلاخان پالۋان سۇلتان بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن سۇلتان بولۇش ئۈچۈن چوقۇم كېڭەش ئېچىلىپ سايلام بولۇشى لازىم ئىدى. سايلامدا موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتان بولدى. ئەلا پالۋان سەرئەسكەر (قوماندان) بولدى.
1867-يىلى باھاردا يېڭى سۇلتان ئەلاخان پالۋاننى سەردار قىلىپ، كۈرەنىڭ قەلئەسىنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن كۈرە قەلئەسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى مۇھىم قورغان ساندۇڭ جاڭزىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى 1867-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى قولغا ئالىدۇ. ئاندىن كۈرە قەلئەسىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. سادىر پالۋان بۇ قېتىممۇ سېپىلنى ئىككى قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇمغا يول ئاچىدۇ. 1867-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا كۈرە قەلئەسى قولغا ئېلىنىدۇ. كونا جىياڭجۈن ئەسىرگە چۈشىدۇ. يېڭىسى ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ھېسابسىز ئالتۇن-كۆمۈشكە باي جىياڭجۈن ئوردىسى بۇلىنىدۇ. غەلبە شادلىقىدا مەست بولغان سەردارلار قوزغىلاڭچىلارنى قويۇپ بېرىدۇ. سۇلتان ئالتۇن-كۆمۈشنى خەزىنىگە ئالمايدۇ.
كۈرەنى بويسۇندۇرۇشتا سەركەردە ئەلاخان تالانتلىق ھەربىي قوماندان سۈپىتىدە تونۇلدى، ئابرويى ئۆستى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئەقىلسىز سۇلتان شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىق ئورنىنى ئەلاخان پالۋانغا تارتقۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنى سەۋەپسىزلا بۇيرۇق بىلەن سەرئەسكەرلىكتىن قالدۇرۇۋېتىدۇ. يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە خەلق ئەلاخان پالۋاننى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە قويۇشنى شەۋكەت سۇلتاندىن تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپ ئېتىبارسىز قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقساقاللار كېڭىشى چاقىرىلىپ، مەجلىس شەۋكەت ئاخۇننى سۇلتانلىقتىن قالدۇرۇپ، ئەلاخان پالۋاننى سۇلتان دەپ جاكارلايدۇ. توختى ئاخۇننى ئەمىرلىككە قويىدۇ. تەختتىن چۈشكەن شەۋكەت ئاخۇن ئەخمەتخان غوجىنىڭ كەينىدىن سۈيدۈڭگە بېرىۋالىدۇ.
يالغۇز تۇڭگانلارغىلا سۇلتان بولۇپ يۈرگەن ياگور ئاخۇننىڭ خېلىدىن بېرى تارانچىلار ئىچىدىكى نىزادىن پايدىلىنىپ ئىلى سۇلتانلىقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش نىيىتى بار ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپەتنىڭ يەل بېرىشى ۋە خائىن ئەخمەتخان غوجا ۋە شەۋكەت ئاخۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن سۈيدۈڭدىن تۇڭگان قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، كۈچ بىلە ئەلاخان سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولىدۇ. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئەمىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئانچە رازى بولماي يۈرگەن توختى ئاخۇنمۇ نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىپ، دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر-تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىپ، قان تۆكۈلىدۇ. ئاز سانلىق بولغان تۇڭگانلار بەرداشلىق بېرەلمەي پىتىراپ كېتىدۇ. ياگور ئاخۇن ئۇرۇشتا قازا قىلىدۇ. خائىن ئەخمەتخان غوجا، توختى ئاخۇنلارغا ئەڭ ئىبرەتلىك ئۆلۈم جازاسى-قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ. موللا شاۋكەت ئاخۇننى تاغارغا سېلىپ، تىرىك پېتى ئىلى دەرياسىغا تاشلايدۇ.
ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى تۆت يىل ئۇرۇش قىلىپ (1867-1864) غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ئەلاخان سۇلتان ئازادلىق ئىشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان توسقۇنلۇقلارنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، سۇلتانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزدى. ئۇ تاكى 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئۆزى مۇستەقىل 4 يىل ھاكىمىيەت سورىدى.
Ⅱ.ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ زېمىنى ۋە نوپۇسى
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى، ھازىرقى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى (56 مىڭ 350 كۋادىرات
كىلومېتىر) دىن سىرت قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى زېمىنلار-بۇ دائىرىگە ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت ناھىيەسىدىن غەربكە 18 رۇس چاقىرىمى كېلىدىغان جايدىكى بورغاچاغىچە، غەربىي شىمال تەرەپتىن سارىئۆزەكتىكى ئالتۇن ئىمەل چېگرا پونكىتىغىچە بولغان زېمىنلار كىرەتتى.[4]
تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاھالىسىنىڭ سانى ۋە تەركىبىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
بۇ رەقەملەرگە قەشقەرىيەدىن غۇلجىغا ۋە باشقا شەھەرلەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان سودىگەر ئۇيغۇرلار ھەم تاتار، داغۇر، قىرغىزلارنى قوشساق ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاھالىسى 150 مىڭغا يېقىنلىشىدۇ. بىزنىڭ بۇ پىكىرىمىزنى پانتوسوۋنىڭ «غۇلجا ئۆلكىسىنىڭ مەلۇماتى 1871-1876 يىللار» ناملىق كىتابىدا بېرىلگەن ھۆججەتمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ.[5]
Ⅲ.ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاھالىسىنى ئاساسەن دېھقانلار دېيىشكە بولاتتى.
دېھقانلار بۇغداي، قوناق، ئارپا، تېرىق، شال، پۇرچاق، قوغۇن-تاۋۇز، كاۋا، تەرخەمەك، سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، قىزىلچا، كاپوستا، پىياز، سامسق قاتارلىقلاردىن باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، كەندىر، چىگە، زىغىر، قىچا، باغۋەنلەر ئۈزۈم، ئالما، ئۆرۈك، ئامۇت، شاپتۇل ۋە باشقا مېۋىلەرنى ئۆستۈرگەن. بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى غۇلجا بازىرىدا ناھايىتى ئەرزان بولغان. مەسىلەن: ئەينى چاغدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رۇس ساياھەتچىسى بارون ئا.كائول بارىسنىڭ يېزىشىچە، 1870-يىلى غۇلجىدىكى ئوزۇق-تۆلۈكلەرنىڭ باھاسى تۆۋەندىكىدەك بولغان.
100 جىڭ (1.5 پۇت) ياخشى بۇغدا ئۇنى--18 كۈمۈش تىيىن
100 جىڭ ئارپا---------------12 كۈمۈش تىيىن
100 جىڭ گۈرۈچ--------------60 كۈمۈش تىيىن
100 جىڭ سۇ ماي--------بىر تەڭگە 20 كۆمۈش تىيىن
100 باغ بېدە-------------20-50 كۆمۈش تىيىن
نەرقى-ناۋانىڭ بۇنداق ئەرزان بولۇشى بىرىنچىدىن مەرمۇرچىلىق، ئىككىنچىدىن چەتئەللەرگە چىقىرىش ئىنتايىن ئاز بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياساش سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان. ھۈنەرۋەنلەر (تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، باپكارچىلىق، تۈگمەنچىلىك، زەگارچىلىق ۋە باشقىلار) پەقەت ئىچكى بازارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلغان. شۇڭا ئوزۇق-تۆلۈكلەرنىڭ باھاسى ئەرزان سانائەت ماللىرىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت بولغان. بۇنىڭغا بىر مىسال: 1870-يىلى ئاۋغۇسىتتا غۇلجىدا بولغان رۇسىيەلىك تەرجىمان بارودىننىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا 60 تىيىنلىق بىر بولاق يىڭنىگە بىر سودىگەر 11 پۇت ئاق ئۇن، ئىككى قاپ ئاق نان تېگىشكەن.
سودا-سېتىقتا كۆمۈش تىيىنلار ئاساس قىلىنغان. بىر سەر كۈمۈش شۇ چاغدىكى رۇسىيە ئاقچىسىغا سۇندۇرغاندا ئىككى كۆمۈش سومغا باراۋەر ئىدى. بىر سەر كۈمۈشنى مايدىلاشقا 10 مىسقال كۈمۈش يېتەتتى. بىر مىسقالنى مايدىلاشقا مىس چەك ۋە يارماقلار ئىشلىتىلەتتى. سەردىن چوڭ ئۇيۇل كۈمۈشلەر-قوي تۇياق (12.5 سوم)، تاي تۇياق 120-100 سوم) غا باراۋەر ئىدى. بۇنىڭدىن باشق غۇلجا بازارلىرىدا يېكاتېرىنا دەۋرىدە چىقىرىلغان رۇس ئاقچىسى ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
غۇلجىدا پەقەت دورا (پۇرۇخ) ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇلغان ھەم كىيىم-كېچەك تىكىش كارخانىلىرى بولغان. قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇندىن ئۈچى، ماي تارتىدىغان زاۋۇتتىن 47 سى، تۈگمەنلەرنىڭ سانى خېلى كۆپ بولغان. ئەمما بۇ زاۋۇتلار ئىنتايىن كىچىك كۆلەمدە بولغان. مەسىلەن: غۇلجىدىكى بارلىق قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان، مىس ئېرىتىدىغان، ماي زاۋۇت، گۈڭگۈرت زاۋۇت، خۇمدان، 13 ئاياغ تىكىش كارخانىسى، شام-چىراغ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرى بولۇپ، ھەممىسىدە بار-يوقى ئىككى مىڭغا يېقىن ئائىلە ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.
Ⅳ. ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا نەزەر سالساق تۆۋەندىكىلەرنى بىلەلەيمىز.
[1] سۇلتانلىقنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى ئەمىر بولۇپ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. ئەمىرنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلار: قۇشبەگ، قازى ئەسكەر، لەشكەر بېشى، مىڭ بېشى، پانسات، مەھرەم (ئاديوتانت)، يۈز بېشى، ئون بېشى. مۈلكىي ئەمەلدارلار: ئەل بەگ، قازى كالان، ھاكىمبەگ، قازى رەئىس، رەئىس باش سەركار (ئېلىق-سېلىق يىغقۇچى)، مىرزا، مىرشاپ (قاراۋۇللار بېگى) مىراپ، كۆك بېشى، بازار بېگى، شان بەگ ۋە باشقىلار.
سۇلتان يۇقىرىدا ئاتالغان ئەمەلدارلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلەتنى باشقۇرغان. ئۆلۈم جازاسى بېرىش، چەتئەللەرگە ئەلچى ئەۋەتىش، ھەربىي قىسىملارنى قايسى چېگراغا يېقىن تۇتۇش قاتارلىق ئىشلارنى سۇلتان ئۆزى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشاتتى. سوت ئىشلىرى شەرىئەت يولى بىلەن قازىخانىدا سورىلاتتى.
[2] ئىلى سۇلتانلىقىدا ئاقساقاللار كېڭىشى سۇلتاننى سايلاش ھەم ئېلىۋېتىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. سۇلتان كېڭەش ئالدىدا جاۋاب بېرەتتى. بۇ ھال ئىلى سۇلتانلىقىدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈم ئاساسىدا تەشكىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
[3] سۇلتانلىقتا يەر دۆلەت مۈلكى، شەخسىي مۈلۈك ۋە ۋەخپە مۈلۈك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن. مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە ئۇلارغا جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلغان باشقا ئەمەلدارلاردىن مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەر دۆلەت مۈلكىگە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر، تۇڭگانلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى دېھقانچىلىق قىلغان يەرلەر ئۇلارغا مىسراسقا قالدۇرۇپ شەخسىي مۈلۈككە ئايلاندۇرۇلغان. يەر ئىگىسى ئۆزىگە قاراشلىق يەرلەرنى سېتىۋېتىشكە، ھەدىيە قىلىشقا ياكى ئىجارىگە بېرىشقا ھوقۇقلۇق بولغان. مەدرس، مەسچىت، مازارلارغا قاراشلىق يەرلەر ۋەخپە مۈلۈك دەپ ئاتالغان.
سۇلتان ئەسكەر باشلىقلىرىغا ۋە باشقا ئەمەلدارلارغا ئىش ھەققى ئۈچۈن (مائاش ھېسابىغا) دۆلەت يېرىدىن بۆلۈپ بەرگەن. بۇنى ئىلى سۇلتانلىقىدىمۇ سۇيۇرغال دەپ ئاتىغان. سۇيۇرغال يەرنى يەرسىز دېھقانلار ئىجارىگە ئېلىپ دېھقانچىلىق قىلغان. چوڭ
ئەمەلدارلارغا ئايرىم يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاھالىسىدىن دۆلەت خەزىنىسىگە يىغىشقا تېگىشلىك بولغان ئېلىق-سېلىقنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز پايدىسىغا ئېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇمۇ سۇيۇرغال دەپ ئاتالغان. دۆلەت خىزمىتىدىن بوشىتىلغان ئەمەلدار سۇيۇرغاللىق ھوقۇقىدىن ئايرىلغان.
[4] دېھقاندىن ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىر قىسىمىنى، چارۋىچىلاردىن تىرىك مالنىڭ قىرىقدىن بىر قىسىمىنى دۆلەت خەزىنىسىگە ئالغان. ئېلىق-سېلقتىن پەقەت ۋەخپە يەرلىرى، چوڭ ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە تۇڭگانلار تولۇق ئازاد قىلىنغان. ئەمما تۇڭگانلار دۆلەت ئىشىدىن چەكلەنگەن ئىدى.
[5] سان جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قازاقلار سۇلتانلىقنىڭ رۇسىيەگە چېگرىداش جايلىرىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى باشقۇراتتى. موڭغۇللارنى بولسا سۇلتان ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بەلگىلەنگەن ئەلبەگ باشقۇراتتى. سۇلتانلىقتا ھەممىدىن شىبە، سولانلارنىڭ ھوقۇقى قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلار بۇرۇن مانجۇ ھاكىمىيىتىنى ئاكتىپ قوللىغاچقا ئەمدى ئېغىر دۆلەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر .ىدى. غۇلجا ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشىغان ئاز ساندىكى خەنزۇلار دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيتتى، بەزىلىرى ئۇششاق ھۈنەرۋەنچىلىك قىلاتتى، بىرنەچچىسى قەغەز ياساش، ماي زاۋۇتلىرىنىڭ ئىگىسى ئىدى. ئىچكىرىدىن سۈرگۈنگە كەلگەن چەنپەنلەر غۇلجىدا مەدىكارچىلىق بىلەن جان باقاتتى.
[6] ئىلى سۇلتانلىقى تاشقى سىياسەتتە مۇستەقىلىقكە ئىنتىلگەن ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تىنچ بىللە ئۆتۈش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئىزچىل بېكىنمە ھالەتنى ساقلىغان.
سودا جەھەتتە ئىلىنىڭ كارۋانلىرى تاغ-داۋانلار ئېشىپ جەنۇبتىكى يەتتە شەھەرگە، شىمالدىن ئۈرۈمچى، ماناس، قۇتۇبى قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان. رۇس سودىگەرلىرىنى ئىچكى بازارغا قويۇپ بېرىشكە رۇخسەت قىلمىغان ۋە ئىلىدىن رۇسىيەگە ئاشلىق ئېلىپ چىقىشقا يول قويمىغان. رۇسىيەدىن چەكلىك ساندىكى ئۆزبېك ۋە تاتار سودىگەرلىرى غۇلجىغا كېلىپ سودا قىلغان.
ئىلىدىن يەتتە شەھەرگە بۇغداي، گۈرۈچ، قىچا، تىرىك مال، خام تېرە، يۇڭ، كىگىز، تاشكۆمۈر، تۈرلۈك كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپ ئۇ تەرەپتىن تۈرلۈك رەخت، يېپىنچا، سەللە، قورال، ئەيلەنگەن تېرە، ئىگەر-توقۇم ئېلىپ كېلەتتى. ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كېلىنىدىغان ئاساسىي مال چاي ئىدى. رۇسىيەگە بارغان سودىگەرلەر ئاشلىقتىن باشقا ھەممە ماللارنى ئېلىپ بارغان ئۇنىڭ ئورنىغا چىت، ئەرزان باھالىق سوكتا، مېتال بۇيۇملارنى ۋە ئەيلەنگەن تېرە ئېلىپ كەلگەن.
غۇلجىدا رۇسىيەدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ 16 دۇكىنى، قەشقەرلىكلەرنىڭ توققۇز دۇكى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا 30 غا يېقىن كىچىك مىلىچمال دۇكانلىرى بولغان. قەشقەر، ئۈرۈمچى سودىگەرلىرى چۈشىدىغان ئىككى كارۋان سارىيى بولغان.
ئىلى سۇلتانلىقى رۇسلاردىن كېلىدىغان خەۋپتىن ئەنسىرەپ، چارۇسسىيە دائىرلىرىنىڭ «رۇسىيە سودىگەرلىرىنىڭ ئىلى رايونىغا كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش، رۇسىيە كېمىلىرىنىڭ ئىلى دەرياسىدا قاتنىشىغا رۇخسەت قىلىش» دېگەن تەلەپلەرنى قەتئىي رەت قىلغان ئىدى.
قەشقەرىيە ھاكىمى ياقۇببەگ تەرىپىدىن ئەلچى ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپلىرى رەت قىلىنىپ قايتۇرۇلغانىدى.
ئەمما سۇلتان رۇس تۆرىلىرىدىن بارون ئا.كائولبارس ۋە تەرجىمان بارودىن قاتارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلى دىيارىنى ئارىلشىغا ھەم تەكشۈرۈشىگە يول قويدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى تارانچى ئەسكەرلىرىنىڭ غالجاتتا ئۆتكۈزگەن ياسال (مانىۋېر) نى كۆزدىن كەچۈردى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار چاررۇسىيە دائىرلىرىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئەھۋالىنى تىڭتىڭلاش ئۈچۈن ۋەتكەن جاسۇسلىرى ئىدى.
سۇلتان كۈنلىرىنى ئوردا بەگلىرى بىلەن بىللە ئەيشى-ئىشرەت ۋە شىكارغا چىقىش بىلەن ئۆتكۈزدى. خەلق ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەھەتتە ھېچقانچە ئىش قىلالمىدى.
چەت ئەللەردە بىلىم تەھسىل قىلىپ يۇرتىغا قايتقان زاھىت ئەپەندى سۇلتانغا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەكلىپلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، سۇلتان ئۇنى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش كويىدا بولدى» دەپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى.
1871-يىلى باھاردا، يەتتە سۇ رايونىنىڭ شەرقىدىكى قازاقلار چاررۇسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويشۇنۇشنى خالىماي، تۈركۈم،تۈركۈملەپ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىگە كۆچىدۇ. 1871-يىلى 3-ئايدا ۋېرنى ناھىيەسىگە قاراشلىق قازاقلارنىڭ باشچىلىرىدىن تازابېك ۋە چالتابايلار ئىلى سۇلتانىغا خەت يېزىپ ئۆزلىرىگە پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۇلتان ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ خەت يازىدۇ. ئۇلار چاررۇسىيەنىڭ نۇرغۇن توسقۇنلىقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ زېمىنىغا كىردى (تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا چونجى ئاۋۇلى ۋە تېمىرلىك-قوروقتاۋ ئاۋۇلىدىن بولۇپ جەمئىي 1000 ئۆيلۈك كىشى ئۆتكەن). سۇلتان ئۇلارنى توققۇزتارا ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
قاچاقلارنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان يەتتىسۇ گوبىرناتورى كالپاۋىسكى دەرھال سۇلتانغا ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىدۇ. سۇلتان ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە سىغىنغان قازاقلارنى تۇتۇپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ سۇلتانلىقىغا مۇناسىپ كۆرمەي، كالپاكوۋىسكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ.
1871-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى چاررۇسىيە تازابېك ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئىلى رايونىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىدۇ. سۇلتان ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە باشچىلىق قىلىپ، چاررۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرغان بولسىمۇ قورال-ياراقنىڭ ناچارلىقى ۋە ئىچكى جەھەتتە خائىنلارنىڭ تەسلىمچىلىك قىلىش تۈپەيلى نائىلاج 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى رۇسىيە دائىرلىرىگە تەسلىم بولىدۇ. بۇ ھەقتە گېنرال كالپاكوۋىسكى يۇقىرىغا يازغان دوكلاتىدا مۇنداق دەيدۇ:«21-ئىيۇن سۈيدۈڭدىن چىقىشىمىز بىلەنلا بىزنى سۇلتاننىڭ ئەلچىلىرى-تەركىبىدە ئۈچ كىشى، ئۇلارنىڭ بىرى سۇلتاننىڭ ئوغلى (كېۋىربەگ)، قالغانلىرى سۇلتاننىڭ خەزىنىچىلىرى ئابدۇللا بىلەن ئابدۇراخمان كۈتۈۋالدى...تارانچىلارنىڭ تولۇق بويسۇنغانلىقى بۈگۈن ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. مېنىڭ قوشۇنۇم سۇلتان ھەم ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا باياندايدىن غۇلجىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھېچقانداق قارشىلىققا دۇچ كەلمىدى. ھەممە يەردە ئاھالىلەر بىزنى تولۇق ئىتائەت بىلەن كۈتۈۋالدى. سۇلتان غۇلجا قورغان دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىنى، قورال-جابدۇقلارنى، جۈملىدىن 193 زەمبىرەك، 250 تىن ئوشۇق مىلتىق، كۆپلىگەن ئوق-دورا، 6000 پۇت (96 توننا) بۇغداي ۋە ئارپا ھەم باشقا نەرسىلەرنى ماڭا تاپشۇردى».[5] شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل تۆت يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىلى سۇلتانلىقى مۇنقەرز بولدى. چاررۇسىيە دائىرلىرى ئوبۇل ئەلا سۇلتانلىقىنىڭ ئىلىدا داۋاملىق تۇرۇۋېرىشىنى خەۋپلىك دەپ قاراپ، ئۇنى 1871-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋېرنىغا نازارەت ئاستىدا ئېلىپ كەتتى.
Ⅴ. ئىلى سۇلتانى ئوبۇل ئەلاخاننىڭ چەت ئەلدىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتىغا دائىر ئۈچ مۇھىم ھۆججەت
بىرىنچى ھۆججەت
12.تۈركىستان ھەربىي ئوكرۇگى، يەتتىسۇ ئوبلاستلىق ئەسكەرلەر ئىشتابى، غۇلجا بۆلۈمى، ۋېرنى شەھىرى.
1872-يىل 22-مارت. 2136-نومۇرلۇق[6]
يەتتىسۇ ئوبلاستى غۇلجا ئىشلىرى بويىچە ھەبىي گوبىرناتورنىڭ باشقارمىسىغا:
سۇلتاننىڭ (ئوبۇل ئوغلى) تەمىناتى ئۈچۈن 2-سېنتەبىردىن[7] تۆت ئايغا يىللىق مۇئاشى 1400 رۇبلى ھېسابىدا 467 رۇبلى ئاقچا بېرىلدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك تەمىناتى 2 رۇبلى 50 كوپېك ھېسابىدا 12-ئىيۇلدىن 1-سېنتەبىرگىچە، يەنى 48 كۈنگە 120 رۇبلى تۆلەندى.
ئىككىنچى ھۆججەت
10.تۈركىستان گېنرال گوبىرناتورى يەتتىسۇ ئوبلاستى ھەربىي گېنرال گوبېرناتورى لاۋازىمىتى ئورۇنلىغۇچى جانابلىرىغا:
1875-يىلى 9-ئاۋغۇست. 5012-نومۇرلۇق، تاشكەنت[8]
سۇلتان ئوبۇل ئوغلىنىڭ ئانىسى زەينەپخان مىرالىنا ئوبۇل ئوغلىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن غۇلجىغا كېلىپ كېتىشىنى سوراپ ماڭا ئىلتىماس قىلغان ئىدى. ۋېرنى شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلغۇچى سۇلتان ئوبۇل ئوغلىغا ئىككى ھەپتىگىچە غۇلجىغا بېرىپ كېلىشىگە رۇخسەت بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىز جانابلىرىنى خەۋەردار قىلىمەنكى، ئەگەر غۇلجىدا يۈرگىنىدە ئوبۇل ئوغلىنىڭ خەلققە ئەسكى تەسىرى تەگكىدەك بولسا، ئۇ دەررۇ، ئىككى ھەپتىلىك قەرەلنىڭ پۈتمىگەنلىكىگە قارىماي، غۇلجىدىن قوغلىنىدىغان بولىدۇ.
گېنرال-ئاديوتانت فان كائۇفمان
ئۈچىنچى ھۆججەت
يەتتىسۇ ئوبلاستى ھەربىي گبىرناتورى غۇلجا ئىشلىرى باشقارمىسى
1875-يىلى 4-ئاۋغۇست. 1699-نومۇرلۇق، ۋېرنى شەھىرى[9]
بىلەت
مەزكۇر بىلەن بىلەن غۇلجىنىڭ سابىق سۇلتانى تارانچى ئوبۇل ئوغلى ئىبراگىموۋقا، ئۇنىڭ رەپىقىسى مەريەمگە ھەم ئۇلار بىلەن بىللە بارىدىغانلار: موللا يەھيا ھاسانوۋغا ئايالى مىنىس بىلەن، سوپى ئەلىيىۋغا ئايالى گۈلچەھرە بىلەن، دەۋرانقۇل سۈپۈرگىگە ئايالى قەرىيە بىلەن، قاسىم روزىمۇھەمەدوۋغا، ئابدۇلخەير مۇھەممەت قۇربانوۋغا، قەمىردىن رەخمىتۇللىنغا، سىدىق ئەلىيىۋقا، توختى باقى ئازنىباقىيۋغا ۋە ئابدۇلئەزىز مۇھەممەت ئەزىزوۋغا-ھەممىسى بولۇپ ئون ئەر كىشى ۋە تۆت ئايالغا بېرىلدى. ئۇلارغا غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلىشىگە تۈركىستان گېنرال-گوبىرناتورى ئالىي جانابلىرىنىڭ ئىجازىتى بويىچە رۇخسەت قىلىندى. ئۇلارغا غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ھەپتىلىك مۇددەت رۇخسەت بېرىلدى، بۇ مۇددەتنىڭ تۈگىشى بىلەن غۇلجىدىن ۋېرنى شەھىرىگە دەرۇ قايتىپ كېلىشى لازىم.
ھەربىي گوبىرناتورنىڭ ئىشىنى ئورۇنلىغۇچى، ئۇنىڭ ياردەمچىسى راسسىكى.
پايدىلانغان ماتېرىياللار
1. تېيىپچان ھادى: «ئىلى گۇڭ-بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى» ئىلى تارىخىي ماتېرىياللىرى 1-قىىسىم.
2. يۇنۇسجان ئېلى: «1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا دائىر ئىككى مۇھىم ۋەقە». شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 1993-يىلى 2-سان.
3. ئىسىيېۋ داۋۇت ئابدۇلموۋىچ: «يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» ئالمۇتا. قازاقىستان نەشرىياتى 1990-يىل نەشىرى.
4. نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوۋ: «يورۇق ساھىللار». ئالمۇتا. «جاۋزۇۋشى» نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى.
5. غوجائەھمەت يۇنۇس: «غازات دەرمۈللك چىن داستانىنىڭ ماتېرىيال قىممىتى». «ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى». 2000-يىل 1-سان.
[1] بۇ كىتاب ئەينى ۋاقىتتا س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا نەشرگە تەستىقلانغان. ئالمۇتا «قازاقىستان» نەشرىياتى تەرىپىدىن 1990-يىلى نەشىر قىلىنغان.
[2] ۋېرنى-رۇس تىلىدا ئىشەنچىلىك قورغان دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.
[3] ئابدۇرۇسۇلبەگ-مەزەمزاتتىن بۇرۇن ئىلىنىڭ ھاكىمى بولغان چورۇقنىڭ ئوغلى. مەزەمزات بولسا چورۇق ھاكىمدىن بۇرۇن ھاكىم بولغان خالزاتنىڭ ئولى.
[4] 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو-رۇسىيە ئىمزالىغان «سانت-پېتىربۇرگ» شەرتنامىسىنىڭ 3-ماددىسىدىكى «ئىلىدىكى قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايونلار رۇسىيەگە ئايرىپ بېرىلىدۇ» دېگەن مەزمۇن بويىچە بۇ زېمىنلار رۇسىيە تەرەپكە ئايرىپ بېرىلگەن.
«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992-يىل 5-ئاي 1-نەسىرى، 2-توم 408-بەت.
[5] مەركىزى ھۆكۈمەت تارىخ ئارخىپى. قازاقىستان س س ر. 21-دېلو، 1-ئارخىپ 25-بەت.
[6] مەركىزى ھۆكۈمەت تارىخ ئارخىپى. قازاقىستان س س ر. 16-دېلو، 25-بەت.
[7] 1871-يىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
[8] مەركىزى ھۆكۈمەت تارىخ ئارخىپى. قازاقىستان س س ر. 161-دېلو، 1-بەت.
[9] مەركىزى ھۆكۈمەت تارىخ ئارخىپى. قازاقىستان س س ر. 16-دېلو 14-بەت.
(ئاپتور غۇلجا شەھەر روشەن كوچا 153-قورۇدا)
مەسئۇل مۇھەررىر: ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
مەنبە: ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 2-سانىدىن ئېلىندى.