ئېلىمىزدە يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يان تېلېفون بانكىسى كەسپى يولغا قويۇلدى. نەتىجىدە ئىنتېرنېت تورى بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن يان تېلېفون بانكىسى بارلىققا كەلدى.
ئېلىمىزدە يان تېلېفون بانكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى قىسقا ئۇچۇرنى ئاساس قىلىش باسقۇچى، يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرى تېرمىنالىنى ئاساس قىلىش باسقۇچى، غەيرىي ئۇچرىشىش (كونتاكىت) تېخنىكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنىڭ يۈكلىگۈچىسى قىلىش باسقۇچى قاتارلىق ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى. يۇقىرىدىكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتلار ئارقىلىق يان تېلېفون بانكىسى ھەممىبابلىقى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
بانكىلارنىڭ يان تېلېفون بانكا كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بانكا كەسپى كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ، تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدى. بىرىنچى، سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى، ئۇ ھېسابنى سۈرۈشتۈرۈش، قالدۇقنى سۈرۈشتۈرۈش، ھېسابتىكى سودىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، مىمېريال قىلىش ئىقتىدارى، بۇ توردا ئىستېمال قىلىپ چىقىم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تاشقى پېرېۋوتنىڭ تاختاي باھاسى، تاشقى پېرېۋوت بازار ئەھۋالى، تاشقى پېرېۋوتنى سۈرۈشتۈرۈش، يەرشارى پاي چېكى، فوندنىڭ ساپ قىممىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆتىنچى، ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارى، تېلېفون ھەققىنى تاپشۇرۇش، سۇ، توك ۋە باج ھەققىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق بانكا ۋاكالىتەن ھەق يىغىدىغان بارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەتتا ئابۇنىچىلار بانكا كارتىسى يوق ئەھۋالدا يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ، ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇدىن نەق پۇل ئالالايدۇ. شۇڭا يان تېلېفون بانكىسى بانكا كەسپىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشتە سەل قارىغىلى بولمايدىغان روللارنى ئوينايدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]