گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان تېلېگرامما (2013) 28-نومۇرلۇق
ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق ، كومىتېتلىرى ، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرى :
گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ھازىر 2014-يىلى يېڭى يىل ، چاغان ، چوكانتال بايرىمى ، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى ، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا قويۇپ بېرىش ۋاقىتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
1. يېڭى يىل : 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
2. چاغان : 1-ئاينىڭ 31-كۈنى (جۈمە) دىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى (پەيشەنبە ) گىچە جەمئىي يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .
3. چوكانتال بايرىمى : 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (شەنبە)، 6-كۈنى (يەكشەنبە) 7-كۈنى (دۈشەنبە) ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ .
4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە ) دىن 3-كۈنى (شەنبە)گىچە ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 5-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
5. تاڭزۇڭزا چاغىنى : 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) قويۇپ بېرىلىدۇ ، شەنبە ، يەكشەنبە نورمال دەم ئېلىنىدۇ.
6. تاۋۇز چاغىنى : 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) قويۇپ بېرىلىدۇ ، شەنبە ، يەكشەنبە نورمال دەم ئېلىنىدۇ.
7. دۆلەت بايرىمى : 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)دىن 7-كۈنى (سەيشەنبە)گىچە يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]