بىرىنچىدىن، يان تېلېفون بانكىسى غايەت زور مۇئامىلىدارلار توپىغا ئىگە. تاراتقۇلارنىڭ 2012 - يىلى 21 - مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2012 - يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدىكى يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرى 999 مىليون 700 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.23 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى 661 مىليون 400 مىڭغا، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى 205 مىليون 970 مىڭغا، تېلېگراف ئابۇنىچىلىرى 132 مىليون 330 مىڭغا يەتكەن. بىراق 999 مىليون 700 مىڭ ئابۇنىچى ئىچىدە يان تېلېفون بانكا كەسپىنى بېجىرگەنلەر 30 مىليونغىمۇ يەتمىگەن. گەرچە يان تېلېفون بانكا كەسپى ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، بىراق يان تېلېفون بانكىسىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىقى بانكا ئابۇنىچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
ئىككىنچىدىن، يان تېلېفون نۇسخىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنى كېڭەيتىشكە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. گەرچە كۆچمە تور مۇھىتى بىلەن يان تېلېفون بانكىسى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، يان تېلېفونلارنىڭ تىپلىرى كۆپىيىۋاتقان، پىروگراممىلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇۋاتقان بولغاچقا، يان تېلېفون بانكىسى نامايان قىلىۋاتقان ئۈنۈم ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىدا پەرق كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا يان تېلېفون بانكىسى يان تېلېفونلارنىڭ ماسلاشماسلىقىدەك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئابۇنىچىلارنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن ئابۇنىچى يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنى ئېچىش رەسمىيەت ھەققى، تىزىملاش ۋاقتى، ئاۋاز قوشۇش سۈرئىتى، بەت يۈزى مەشغۇلاتى قاتارلىقلاردىن نارازى ئىكەن.
تۆتىنچىدىن، ئابۇنىچىلارنىڭ يان تېلېفون بانكىسىدا چىقىم قىلىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، يان تېلېفون بانكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىش يان تېلېفون بانكىسىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلار 65.4% كە يەتكەن.
يان تېلېفون بانكىسى بانكىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقۇسى. شۇڭا بانكىلار يان تېلېفون بانكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى پىلانلاپ، جايلىشىشىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشكەن يان تېلېفون بانكىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى زۆرۈر.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]