مۇخبىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 19 - ئاۋغۇست ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.
ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىل بولىدىكەن. بىرى، ئەمگەكچى ئۆزى تاپشۇرغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۈچ خىل سۇغۇرتا، بىر فوند دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇ يەنە 1670 يۈەن، 1470 يۈەن، 1390 يۈەن ۋە 1310 يۈەنگە ئايرىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن 150 يۈەن قوشۇلغان، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %11.6 بولغان. يەنە بىرى، «ئۈچ خىل سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆزئىچىگە ئالمىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇمۇ 1314 يۈەن، 1124 يۈەن، 1048 يۈەن ۋە 972 يۈەنگە ئايرىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن 104 يۈەندىن 108 يۈەنگىچە قوشۇلغان، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %10.7 بولغان.
تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 16.7 يۈەن، 14.7 يۈەن، 13.9 يۈەن، 13.1 يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن سائىتىگە 1.5 يۈەن قوشۇلۇپ، %11.6 ئاشىدىكەن.
ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن: خىزمەت ۋاقتى ئۇزارتىلغان مائاش؛ چۈشلۈك ئىسمېنا، كېچىلىك ئىسمېنا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، زەھەرلىك ۋە زىيانلىق قاتارلىق ئالاھىدە خىزمەت مۇھىتى، شارائىتىدا ئىشلىگەنلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇل؛ قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن، دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەڭ تۆۋەن مائاشنى پۇل بىلەن بېرىش كېرەك، باشقا شەكىلدە بېرىشكە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ياتاق ۋە تاماق بىلەن تەمىنلىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمگەكچىگە بەرگەن ئىش ھەققى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە يەنە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئالاتاۋ شەھىرى ئايلىق، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ 4 - دەرىجە دائىرىسىگە؛ بېيتۈن شەھىرى، باش ئەگىم شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى ۋە قوشئۆگۈز شەھىرى قوشنا ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان دائىرىگە كىرگۈزۈلدى. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 93 ناھىيە (شەھەر) دە ئېلان قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر خۇ لىشيەن مۇنداق دېدى: ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش −− ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش، سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 2010 - يىلىدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل تەڭشەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى 2010 - يىلىدىكى ئايلىق مائاش 960 يۈەندىن 2013 - يىلىدىكى 1520 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %58.3كە يەتتى. ئەڭ تۆۋەن مائاش سەۋىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆسۈپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، كىرىم پەرقى ئازايتىلىپ، ئادىل تەقسىماتقا تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىمقى تۆت دەرىجە بويىچە ئۆستۈرۈلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدە ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىش تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]