نۇرغۇن كىشىلەر دۆلىتىمىزدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۈزۈمىنى قىممەت، ئاشكارا ئەمەس، ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن دەپ ۋايسايدۇ، ئەمەلىيەتتە بەزى تەرەققىي قىلغان ئەللەردىمۇ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، قاراپ باقايلى ئۇلار زادى قانداق تەربىيەلەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كىنىشكە ئالالايدۇ؟
جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن كورىيەگە بېرىپ كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى ئېلىش، ھۈسىن تۈزىتىش، كورىيە تائاملىرىنى يېيىش، ھەتتا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشمۇ قىزىق تېمىغا ئايلاندى، ساياھەت شىركەتلىرى ھەتتا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئۆمەكلىرىنى تەشكىللىدى. نېمىشقا كورىيەگە بېرىپ كىنىشكە ئېلىش شۇنچە قىزىپ كەتتى؟ چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كەتتى، بەزى ساياھەت شىركەتلىرى ھەتتا «نۆلدىن باشلاپ، 4-7 كۈندە كىنىشكە ئېلىشقا كېپىللىك قىلىمىز، ئۆتۈش نىسبىتى %98 » دېگەندەك ئېلانلارنى چىقاردى، يەنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭگونىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدىمۇ بېرىشتى. ئەمما بۇ ئىش ئاڭلىماققىلا بىر قىسما تۇيۇلىدۇ، بۇ گەپلەرنى كورىيە ھۆكۈمىتى ئىنكار قىلدى، چەتئەلدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش شۇنچە ئاسانمۇ؟ بۇنى ئۆسەك سۆزدىن باشقا نەرسە دېيىشكە ئامالىمىز يوق!
گېرمانىيەدە شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىش ئۈچۈن
1.شوپۇرلۇق كېنىشكىسىگە ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇن جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئۆگىنىش كېرەك
2.بىر ئۆمرىدە پەقەت بەش قېتىملا ئىمتىھان بېرەلەيدۇ
3.ئوقۇش ھەققى ئاز دېگەندە 2000 ياۋرو
گېرمانىيەنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى
دۇنيادىكى تۇنجى ھازىرقى زامان ماشىنىسى گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن، دۇنيادىكى تۇنجى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىمۇ 1901-يىلى گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن، 17 ياشقا تولغان گېرمان پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىمتىھان بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىمەن دېسە، چوقۇم ئاۋۋال جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئۆگىنىش كېرەك
گېرمانىيە قانۇنىدا: «كۈتۈلمىگەن ھادىسە ۋە جامائەتكە خەۋىپ ئېلىپ كېلىدىغان ئىش يۈز بەرگەندە، شوپۇرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، ئەگەر شوپۇرنىڭ قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ قۇتقۇزمىسا، بىر يىل ئەركىن جازا (ئىلىمىزدىكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى) ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
باشقىلارنى قۇتقۇزمىسا قانۇنى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئاڭلىماققا قوپال تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى قانۇننى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەدبىقلاشقا بولىدۇ، «ئەخلاق» قا تاپشۇرۇپ قويغاندا، باشقىلارنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياردەم قىلمايدىغان ئىشلارنىڭ ئازىيىپ قېلىشى ناتايىن.
8 سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى دەرسى ئۆتۈلىدۇ
شوپۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرگە كىرىشىشتىن بۇرۇن، يارا تېڭىش، يۈرەك-ئۆپكە قوزغىتىش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى 8 سائەت ئۆگىنىش كېرەك. بۇ 8 سائەتلىك دەرس پۈتۈنلەي نەزەرىيە دەرسى ئەمەس، يەنە جىددىي قۇتقۇزۇش مانىۋېرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گېرمانىيەلىك مۇئەللىملەر نەزەرىيە بىلىملىرىنى ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا سۆزلەيدۇ
نۇرغۇن گېرمانىيەلىك ئوقۇغۇچىلار تۇنجى قېتىملىق ماشىنا مەشىقىدىن كېيىنلا يولغا چىقىرىلىشى مۇمكىن، ئوقۇغۇچى بىر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدىگەچ مۇئەللىم سۆزلىگەن نەزەرىيەنى ئاڭلايدۇ. ئەمما دۆلىتىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ماشىنا ھەيدىتىشتە قاتتىق ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىنىدۇ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يولغا « ئىمتىھان بۆلىكى» دېگەن يول بەلگىلىرى ئېسىلىدۇ.
گېرمانىيەلىك مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئىزچىل ھالدا «ئادەمنى ئاساس قىلىش» پىرىنسىپىنى سىڭدۈرىدۇ. مەسىلەن: قۇتقۇزۇش ماشىنسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلارغا ئۇچرىغان ئاكتىپلىق بىلەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۈرۈلۈپ يول ئېچىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.
گېرمانىيەدە ماشىنىلار توسۇلۇپ كەتسىمۇ ئوتتۇرىدىن بىر جىددىي قۇتقۇزۇش يولى قالدۇرۇلىدۇ، باش تىققۇدەك يەر بولسىلا ھەيدەپ كىرىدىغان ئىش يوق
يول ئىمتېھانى 45 مىنۇت، ھەر خىل يوللاردا ئېلىنىدۇ
نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن بېرىپ 90-100 ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن يول ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. گېرمانىيەنىڭ يول ئىمتىھانى 45 مىنۇت بولىدۇ، بۇ ئېلىمىزدىكى نەچچە مىنۇتلۇق يول ئىمتىھانىغا قارىغاندا كۆپ ئۇزۇن، ئىمتىھان جەريانىدا شەھەر يولى، ئولتۇراق رايون، تاق لىنىيە، يېزا يولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ھەممىسىدە ھەيدىتىلىدۇ.
ئىمتىھاندىن بىر قېتىمدىلا ئۆتۈش ئاسان ئەمەس، گېرمانىيەدىكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، بىر قېتىملا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى 2\\3 گە يەتمەيدىكەن. بىر قېتىمدىلا ئۆتۈپ كەتكەنلەر 2000 ياۋرو ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدىكەن، قايتا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن يەنە 200 ياۋرو تۆلىشى كېرەك ئىكەن.
تىلغا ئېلىش ئەرزىيىدىغىنى، گېرمانىيەنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى بىر ئۆمرىدە پەقەت بەش قېتىملا بېرىشكە بولىدۇ، ئەگەر ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەنلەردىن «ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى پىسخىكا سىنىقى» ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ سىناق «كالۋالىق سىنىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇسىناقتىن ئۆتكەنلەر يەنە ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، ئەگەر ئۆتەلمىسە «ماشىنا ھەيدەشكە ماس كەلمەيدۇ» دەپ قارىلىپ قايتا ئىمتىھان بېرەلمەيدۇ.
«قاتىل» شوپۇرلار
جۇڭگودىكى شۇنىڭغا ئوخشاش پىسخىك سىناق ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز، ئۆتكەندە « بىر ئايال شوپۇرلۇقنى 14 يىل ئۆگىنىپمۇ كىنىشكە ئالالمىدى، شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مۇدىرى زىياپەت بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى» دېگەندەك ئىش چىقتىغۇ. ماشىنا ھەيدەشكە ماس كەلمىگەيدىغانلار ماشىنا ھەيدەپ جەمئىيەتكە زىيان سالمىسۇن!
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]