خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2014-01-30 03:15



بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىشى ئۇزاقتىن بۇيان مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەسلىسى مەكتەپ، جەمىئىيەت ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئارىسىدا ئىزچىل غۇلغۇلا قىلىنماقتا. ئۇنداقتا ئايال ئوقۇتقۇچىلار زادى قانداق كىيىنىشى كېرەك؟

   ئۆلچەملىك مەكتەپ فورمىسى كىيىشكە ئادەتلىنىش كېرەك. مەكتەپ فورمىسى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىنى ئىپادىلەشتىكى بىر ۋاسىتە. ھازىر مەكتەپلىرىمىزدە مەكتەپ فورمىسىنىڭ پەسىللەرگە ماس كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىنمۇ ياكى بىر – ئىككى قۇرلا بولغان مەكتەپ فورمىسىنى ئايىغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر مەكتەپ فورمىسى كىيىش ئومۇملاشمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەڭگارەڭ كىيىنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا، جەمئىيەتتە ئاتا – ئانىلار ۋە باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى: زىيادە مودا قوغلىشىش ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ بارسا، ھەر خىل پاسون – نۇسخىلار، پۈتۈن بەدەن كۆرۈنۈشى ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەتتىكى كىيىملەر پەرزەنتلىرىمىزدە تېز يېتىلىپ قېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.

   ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۇ بىر ئادەم. ئۇنىڭمۇ باشقىلاردەك ئەركىن ھالدا ئۆز خاھىشى بويىچە كىيىم تاللاش ئەركىنلىكى بار. ئەمما، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئوبراز ھەر قانداق خۇشاللىقتىن مۇھىم. سىز ھەر قانچە قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچى بولسىڭىزمۇ ئۆز ئوبرازىڭىزنى ساقلىيالمىسىڭىز سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز جۇلاسىز ياقۇتتەك كىشىگە ساختا تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز ئاشۇ ھەرەڭ – سەرەڭ كىيىملەرنى كىيىۋالغىنىڭىزدا سىزگە قاراۋاتقانلارنىڭ نەزەرىگە، چىرايلىرىدىكى سىرلىق مەسخىرىگە دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ دەرس ئۆتۈۋاتقىنىڭىزدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر تال بورنى ئېلىش ئۈچۈن ئېڭىشىپ بولغۇچە ئېچىلىپ قالايلا دەپ قالغان كۆكسىڭىز ياكى يوتىڭىزغا تىكىلىپ قاراۋاتقان سەبىي چىرايلارنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى، روھىدا قانداق غەليانلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ جەمئىيەت مودا ئېقىمغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ قىممەت قارىشىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. كىيىم – كېچەكلەرنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى كىشىلەرنىڭ نام – ئابرۇيىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلار قەلبىگىمۇ سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئىززىتىڭىز قانداقتۇر ئېسىل كىيىمىڭىزدىن ئەمەس، يارىشىملىق قىياپىتىڭىز ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتىڭىز، بىلىم – قابىلىيىتىڭىزدە ئىپادىىلنىدۇ.

   ئوقۇغۇچىلار دوراش پىسخىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تىپ. مانا بۇنداق ئالاھىدىلىك بىزدىن ياسىنىش جەھەتتە ئۇلاردا ئېستېتىك تۇيغۇ بېرىشىمىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق دەۋردە تۇرۇۋاتقان، يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولغاچقا، ئىنسانلاردا بولىدىغان يات جىنىسقا قىزىقىش ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ بالىلارغا نىسبەتەن، بۇنداق كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ زىننەت بۇيۇمىغا بولغان قىزىقىشىدىن تۇرمۇش قاينىمىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇۋېتىشى تەبىئىي.

   جەمئىيەتتىكى گۈزەل ئەتىنى، پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان نۇرغۇنلىغان جۈپ كۆزلەرنىڭ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلاردا. سىزنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭىز، سەھنىدىن يېڭىلا چۈشكەن ئارتىس كەبىي چېھرىڭىز، يېرىم – ياتا ئوچۇق كىيىمىڭىز ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەت سىزگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان بالىلارنىڭ ئىستىقبالىنى بوغۇپ قويمىسۇن!

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار