خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : رېتىم5252013-04-22 13:25

 1980 - يىلى چەرچەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان «كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى،  ئالىي مۇھەررىر.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1982 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلىرى «تۇنجى تارىم مۇكاپاتى»،«ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»،«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا، ئىككى پارچە شېئىرى ئۆزبېكىستان «تاشكەنت ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئابلىز ھېزىموۋ، مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارى»(بۇنىڭغا 60 قا يېقىن شائىرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئاپتورنىڭ سىزما رەسىمى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن) ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا 11 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. «بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «باشئەگىم سۆيگۈسى»،«قارا يۇلغۇن چېچەكلىرى»،«ئۆلمەس كۈيلەر» ناملىق بەدىئىي سىنارىيىلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.
1991 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى» ناملىق شېئىرلار  توپلىمى، 1993 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قېرىماس ئانا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2004 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 2004 -  يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  نەشىر قىلىنغان. بۇ يىل «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى يۇرتى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە سۇندى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
رېتىم525 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-22 13:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-04-22 15:04