تېنىڭىزنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سىناپ كۆرۈڭ!
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : شىنجاڭ مائار2013-02-20 21:53
تېنىڭىزنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سىناپ كۆرۈڭ!
ئەنەىلىيە «پوچتا گېزىتى» تەننىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئۆلچەشنىڭ سەككىز خىل ئۇسولىنى يىغىنچاقلاپ چىققان.
چوڭ مېڭە: يەتتىنى بىرلىك قىلىپ ،100 دىن باشلاپ كەينىگە ياندۇرۇپ ساناڭ.(100 دىن يەتتىنى ئېلىش مۇشۇ ئۇسول بويىچە داۋاملاشتۇرۇڭ)40 يھشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ساناش ۋاقتى 20 سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ 40 سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ساناپ بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېشىڭىزدىن ئىككى ياشنى ئېلىۋېتىڭ، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ، يېشىڭىزغا ئىككى ياش قوشۇڭ.
تېرە: ئالقىنىڭىزنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئالقىنىڭىزنىڭ دۇمبىسىنى چىمداپ بىر مىنوت تۇرۇپ ئاندىن قويۇپ بېرىڭ ھەم تېرىڭىزنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا ئەسلىدىكى نورمال رەڭگىگە قايتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ .ئەگەر تېرىڭىزنىڭ ئەسلى رەڭگىگە قايتىپ كېلىش ۋاقتى بىر سېكونتقىمۇ يەتمىسە ،ئۇنداقتا يېشىڭىزدىن ئۈچ ياش ئېلىۋېتىڭ . 1-2 سېكونتقىچە بولسا يېشىڭىزدىن ئالماڭ ،ھەم قوشماڭ. ئۈچ سېكونتتىن تۆت سېكونتقىچە بولسا يېشىڭىزغا بىر ياش قوشۇڭ. بەش سېكونتتىن 10 سېكونتقىچە بولسا ئۈچ ياش قوشۇڭ.
مۇسكۇل: بىر پۇتىڭىز بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ،يەنە بىر پۇتۇڭىزنى ساغرىڭىزغا قارىتىپ ئېگىپ ،كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرغاندا ،قانچىلىك ۋاقىتتا تەڭپۇڭلىقىڭىزنى يوقىتىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ. ئەگەر بىر مىنوت بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز ،يېشىڭىزدىن تۆت ياشنى ئېلۋېتىڭ.30 سېكونت بەرساشلىق بېرەلىسىڭىز ،ئىككى ياشنى ئېلىۋېتىڭ.پەقەت بىر نەچچە سېكونتلا بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز ، ئۇنداقتا يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قوشۇڭ.
كۆز: سىزغۇچنىڭ بىر ئۇچىنى كۆزىڭىزنىڭ ئاستىدىكى مەڭز سۆڭىكىگە تەككۈزۈپ ،بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ئاستا -ئاستا سىزغۇچنى بويلاپ كۆزىڭىزدىن يىراقلاشتۇرۇڭ .گېزىتتىكى خەتلەر سۇسلىغاندا يېنىڭىزدىكى كىشىگە رەقەمنى ئوقۇتۇپ بېقىڭ ،ئەگەر ئارلىق 15 سانتىمېتىردىن ئاز بولسا ،يېشىڭىزغا قوشماڭ ياكى ئالماڭ.16 سانتىمېتىردىن 30 سانتىمېتىرغىچە بولسا ،يېشىڭىزغا بىر ياش قوشۇڭ.31 سانتىنېتىردىن 60 سانتىمېتىرغىچە بولسا ،يېشىڭىزغا ئىككى ياش قوشۇڭ. 61 -90 سانتىمېتىرغىچە بولسا ،يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قوشۇڭ .90 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە ،يېشىڭىزغا تۆت ياش قوشۇڭ.
ئاڭلاش ئېقتىدارى: رادىئو پىروگراممىسىنىڭ دائىم سىز ئاڭلايدىغان پىروگراممىسىنى تاللاپ رادىئونىڭ ئاۋازىنى ئادەتتە ئاڭلايدىغان ئاۋازىنىڭ تۆتتىن بىرىنىچىلىك تەڭشەڭ. ئېنىق ئاڭلىيالىسىڭىز ،يېشىڭىزغا بەش ياش قوشۇڭ.پەقەت مۇزىكا بىلەن قىسمەن سۆزلەرنىلا ئاڭلىيالىسىڭىز، ئۈچ ياش قوشۇڭ.مەزمونىنى ئاساسى جەھەتتىن چۈشەنسىڭىز،بىر ياش قوشۇڭ .ھېچقانداق توسالغۇسىز ئاڭلىسىڭىز يېشىڭىزدىن ئىككى ياش نى ئېلۋېتىڭ.
چىش: چىش مىلىكىڭىز قانىسا ،يېشىڭىزغا تۆت ياش قوشۇڭ. ئاغزىڭىز پۇرىسا بىر ياش قوشۇڭ.
يۈرەك: ساغرا ئايلانمىڭىز بىلەن بەل ئايلانمىڭىزنى ئۆلچەپ ،ئاندىن بەل ئايلانمىڭىز بىلەن ساغرا ئايلانمىڭىزنىڭ نىسبىتىنى ھېساپلاپ چىقىڭ. بۇ نىسبەت قىممىتى 0.7 دىن كىچىك بولسا يېشىڭىزدىن بىرنى ئېلىڭ. 0.85 تىن 1 گىچە ئارلىقتا بولسا ،يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قوشۇڭ .1 دىن ئېشىپ كەتسە يېشىڭىزغا بەش ياش قوشۇڭ ،
بۇ سەككىز خىل ئۇسولدا كېلىپ چىققان ياشلارنىڭ ھەر قايسىسى ئەمىلى يېشىڭىزدىن كىچىك بولسا ،بۇ تېنىڭىزنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]