قىسقىچە مەزمۇنى: قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخى قېممىتىنى يۇقىرىلا بولۇپ قالماي، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەرخىل مەدەنىيەت ھادىسىلىرى نۇقتىسىدىنمۇ ئىلىپ ئېيتساق، زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ۋە ۋەسېقىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ناھايىتى كۆپ.بۈگۈنكى كۈندە بۇ كىشى ئىسىملارنىڭ زادى قانچىلىك قېممىتى بار؟! بۇ تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئەلۋەتتە.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يازما يادىكارلىق،قىممەت،كىشى ئىسىملىرى
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ،ئۇلار ئىدىئولۇگىيە،مەدەنىيەت،ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشلارغىچە كەڭ مەنبەگە ئىگە .بۇ كەڭ مەنبەلىك ۋەسىقىلەردە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.يەنى قوچۇ ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرىدىلا 500دىن ئارتۇق كىشى ئىسىملىرى بار. بۇ كىشى ئىسىملىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە بۆلىشىمىز مۈمكىن. 1) مىللەت،قەبىلە،ئەل نامىدىكى كىشى ئىسىملىرى. مەسلەن: مەركىت،قىپچاق،قارۇي،خىتاي بۇت،مىسىر،ياغلاقار،ئىنال،تاتار(تادار)،ئىندۇ،باسمىل،تاڭغۇت،تاۋغاچ،تۈرك،قىتان،موڭغۇلچىن،كەرەي،تىيوق،كەشمىر،ئۆتۈگەن،قارلۇق... قاتارلىقلار. 2) ھايۋانات ناملىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى.مەسلەن: بۇقا، ئارسلان،توڭا،توغرىل.توغان،بۆرى...قاتارلىقلار. 3) تىمۇر سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن كىشى ئىسىملىرى، تۆمۈر دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەمۇر(demur
)بولۇپ كېيىنچە، تەمۇرغا،ئاندىن تىمۇرغا،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۆمۈرگە ئۆزگەرگەن دىگەن قاراشلار مەۋجۇد.يازما يادىكارلىق،ۋەسىقىلەردە تىمۇر سۆزى بىلەن قۇشۇلۇپ كەلگەن سۆزلەر خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مەسلەن: تىمۇرچى،مىڭ تىمۇر،ئەل تىمۇر،قاراتىمۇر،تىمۇر بۇقا،چويان تىمۇر ...قاتارلىقلار. 4) رەڭ ناملىرى بىلەن باغلانغان كىشى ئىسىملىرى. مەسلەن:ئالتۇن قارا،مىڭقارا،قارامۇق،كۆكۈس...قاتارلىقلار. 5) يۇقىرى تەبىقە كىشلىرى «ئېل»سۆزى بىلەن قۇشۇلۇپ ياسالغان ئىسىملارنى قوللانغان.مەسلەن:ئېلتەرش، ئېلتەبىر،ئېلىغمىش،ئېلقايا،ئېلچى،ئېلاغۇ...قاتارلىقلار. 6) ئەمەل-مەنسەپ،دىنى ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملار.مەسلەن: تىبابى،تىنىپسۇ،تىكوي،ئەلتويون،سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ،ئاتسۇچى توڭ،تۇتۇق سەنگۈن،پوسارتو...قاتارلىقلار. 7) قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنىڭ ئىسمى گەرچە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ ،لىكىن مەنىلىك چىرايلىق ئىسىملار ئۇچرايدۇ.مەسلەن: ئارىغ(پاكىزە)،يىدلىغ(پۇراقلىق)،كۈنسىلىگ،كۆرۈگلۈگ(چىرايلىق)،ئايچەچەك،كۈسەمىس،سىلىگ،سەۋىنىچ(خوشاللىق)،سەۋىگ(سۆيۈملۈك)،كۆسەنئاي...قاتارلىقلار. 8) ۋەسىقىلەردىكى كۆپلىگەن ئىسىملار ساپ ئۇيغۇر تىلىغا خاس ئىسىملار بولسا ،قىسمەن كىشى ئىسىملىرى باشقا تىللاردىن قۇبۇل قىلغان ئىسىملاردۇر.مەسلەن:سانسىكىرىتچىدىن كىرگەن ئىسىملاردىن،ئانتىستۇ،ئاچارى،ئامىتۇ،مايتىرى،بۇرھان،پاپامقارا،قاليامقارا،سۈرەياشرى.....قاتارلىقلار. 9) مەنسەپ ئەمەل-نامى بىلەن باغلىق ساپ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى. مەسلەن: تارىم(دەريا نامى،ئەمەل نامى)،تارخار،بەگ،تىگىن،چۇر،ئالىپ،ئالىپتۇرمىش...قاتارلىقلار. 10) كىشى ئىسىملىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتىم ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مەسلەن: كۈن، ئاي،كۆك...قاتارلىقلار. يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋالالايمىزكى، قەدىمكى يازما يادىكارلىق،ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تۈرى كۆپ،رەڭدارلىققا ئىگە.شۇنىڭدەك كۆپ قاتلاملىق ئەمەلي قېممەتكە ئىگە.يەنى بىز ۋەسىقىلەردىكى كىشى ئىسىملىرىدىن بىلىۋالالايمىزكى،ئۇ مول فولكلور ماتىرىيالى،ئۇنى قازغانسىرى شۇنچە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.ئالدى بىلەن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش تارىخىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان تىرىك پاكىت.يەنى ئىسىم قويۇش ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى بىلىشى،ئۆزىنى تونۇشىنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى،خاسلىق ئاڭنىڭ تۈنجى مېۋىسى. قەدىمكى ۋەسىقىلەردە كىشى ئىسىملىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ھېسلىرىنىڭ،ئارزۇ-تىلەكلىرىنىڭ مەھسۇلى،مەيلى قەدىمدە بولسۇن ۋەياكى ھازىر بولسۇن كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەنىلىك ، چىرايلىق بولۇشىنى ئىستەش پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئومومىي ھادىسە. شۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندىمۇ،ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ سەنئەت قارىشىنى، ئىستېتىك تەلپۈنىشىنى ئىسىم قويۇشتا ئىپادە قىلغان. ئىسىم – خاسلىقنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ۋە ئۆزلۈكنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. شۇ ۋەجىدىن ئىسىم قويۇشتا بىپەرۋالىق قىلماي ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىش زۆرۈر. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئىسىم قويۇشتا زور ھالقىشقا قاراپ يۈزلەندى. يەنى ئاتا-بۇۋىلىرى قەدىمدىن قوللىنىپ كىلىۋاتقان ساپ تۈركچە (ئۇيغۇرچە) ئىسىملارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە، ئەرەبچە ئىسىم قويۇشقا يۈزلىنىپ كەتتى،شۇنىڭدەك قىسمەن فارىسچە ئىسىملارنىمۇ قوللىنىش بارا-بارا كۆپەيدى. مىڭ يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ،بۇ خىل ئەھۋال چوڭقۇر يېلتىز تارتىپ،ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن قويۇلغان كىشى ئىسىملىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاز ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ دىن بىلەن مىللى مەدەنىيەتنىڭ پەرقىنى تولۇق چۈشىنىپ يىتەلمىگەن تەپەككۇرنىڭ تىندۇرمىسى. مىللى ئاڭ،مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۆزلۈك قارىشى كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى توغرىسىدا مۇلاھېزە يۈرگۈزۈش ئاقىلانىلىق ئەلۋەتتە.ئۇ قانداقتۇر ئېتىقادسىزلىقنىڭ،تەتۈر تەپەككۇر چېقىندىلىرىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.ئۇيغۇر قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىدىن، ۋەسىقىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،ياخشى مەنىلەرگە ئىگە، چىرايلىق ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى نۇرغۇن. مەن يۇقىرىدا مىسال ئىلىش سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم خالاس. بىز ۋەسىقىلەرگە تەنقىدى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۇلاردىن پايدىلىنىشىمىز كىرەك. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ يىراق كەلگۈسىدىمۇ مۇشۇنداق ئەرەبلىشىش،فارسلىشىش ۋە ياكى ئەبجەش ھالىتىدە تۇرۇشىنى ئۆزگەرتىش لازىم دەپ ئويلايمەن.چۈنكى يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكەندەك ئىسىم –ئۆزلۈكنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى