يىغلاۋاتقان رەسىم
رەسسام ئەمدىلا رەسىم سىزىشقا كىرىشكەندە،سىزىلغان رەسىملىرى بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەپتۇ،شۇنداق بولسىمۇ كۈن بويى سىزىۋېرىپتۇ، نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز قەغەز تامنىڭ بولىڭىدا دۆۋىلىنىپ پاختىلىشىپ كېتىپتۇ.
كۈننىڭ ئۆتمىكى بارغانسىرى تەسلىشىپتۇ.
ئايالى ئۇنىڭغا :« شەھەر مەركىزىگە بېرىپ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟» دەپتۇ.
ئايالىنىڭ بۇ سۆزى رەسسامنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرۈپتۇ.
رەسسامنىڭ گەرچە ھىچنىمىسى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن گۈزەل ۋە پەزىلەتلىك ئايالىدىن خۇشاللىققا ئىرىشىدىكەن، چۈنكى ئايالى چىرايلىق،مۇلايىم، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان يېقىشلىق ئايال ئىكەن.
رەسسام :« مەن ھىچقانداق نامى چىقمىغان رەسسام تۇرسام، رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولارمۇ؟» دەپتۇ.
ئايالى :« سىناپ كۆرمەي ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟» دەپتۇ جاۋابەن.
ئىككى كۈندىن كېيىن، ئايالى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ رەسىمنى سىزىشنى، ئەمما كۆزىنى سىزماسلىقىنى ئېيتىپتۇ.
رەسسام بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي، كۆزى يوق رەسىم قانداقمۇ ھەقىقى رەسىم بولالىسۇن دەپ ئويلاپتۇ.
رەسىم كۆرگەزمىسى ئايالىنىڭ ياردىمى ئاسىتىدا ئىنتايىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بوي ئىگىزلىكى، بەدەن قۇرۇلمىسى ئايالى بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولغان ھېلىقى رەسىم كۆرگەزمە زالىنىڭ بىر بولىڭىغا قويۇلۇپتۇ.
كۆرگەزمە ئېچىلغان كۈنى نۇرغۇن ئادەم كىلىپتۇ، رەسسام يەنىلا كۆزى يوق ھېلىقى رەسىم مېھمانلارغا كۈلكە بولۇپ بېرەرمۇ دەپ شۈبھىلىنىپتۇ.
ئايالىنى ئىزدەپ ھىچيەردىن تاپالماپتۇ.
كۆرگەزمە باشلىنىشتىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولماپتۇ، چۈنكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئادەتتىكىچە ئەسەرلەر بولۇپ، ئىجادىيلىق روھى كەمچىل ئىكەن. ئەمما مېھمانلارنىڭ ھەممىسى زالنىڭ بۇلىڭىدىكى ھېلىى ياش ئايالنىڭ رەسىمى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ تۇرۇپتۇ.
«قالتىس بولۇپتۇ!» مېھمانلار تەرەپ تەرەپتىن ئالقىشلاپتۇ.
بىر كۆزى يوق رەسىمنىڭ بونچىلىك قىلىپ كەتكۈدەك نىمىسى بولسۇن؟ قارىغاندا بولار گۈزەل-سەنئەتنىڭ ھىچنىمىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ! رەسسام زەردىسى قاينىغان ھالدا مۇشۇنداق ئويلاپتۇ –دە، مەيۈس ھالدا ئالدى تەرەپكە قىسىلىپتۇ ۋە
ئىختىيارسىز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپتۇ.
بۇيەردە قانداقمۇ كۆزى يوق رەسىم بولسۇن، سىزىلىشى ئىنتايىن نەپىس، رەڭگى ئەينەن، بولۇپمۇ سۈپسۈزۈك بۇلاقتەك چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز، بەئەينى راستەكلا ـــ ئۇچۇپ كەلگەن ئىلاھى سىزمىدەكلا كۆرىنىدىكەن.
كۆرگەزمە ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپتۇ، رەسساممۇ ناھايتى كۆپ شان-شەرەپكە ئىرىشىپتۇ، ئۇ پەقەت كۆڭلىدە ھېلىقى رەسىمدە قانداقسىگە ھەرقانداق ئوستا رەسساممۇ سىزىپ چىقالمايدىغان كۆز پەيدا بولۇپ قالغاندۇ دەپ ئويلىنىپتۇ.
رەسسامنىڭ بارغانسىرى بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا كۆڭۈل ئارامى قالماپتۇ،چۈنكى رەسساملار ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان تەنتەنىلىك يىغىن ئۇنىڭ قاتنىشىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن.
بىر يىلدىن كېيىن رەسسام رەسمىي داڭ قازىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسىنىمۇ ئاپتۇ.
ئايالى قەلەمنى تۇتۇقىنىچە ئىنتايىن تەمكىن تۇرۇپتۇ، ئاندىن كېيىن:« تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمىنى ئاچقان كۈندىن باشلاپ بۇ كۈننىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم» دەپتۇ.
ئۇلار ئۆي ئايرىپ چىقىپ، بىر ئايدىن كېيىن سوتتا كۆرىشىشكە كېلىشىپتۇ.
ئويلىمىغان يەردىن رەسسام بەتسۇخەنتلىك قىلىپ رەسساملار ساھەسىدىكى مەلۇم بىر ئەرباپقا تەپتارتماستىن بۆھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن، خەۋىپلىك ۋە جىددى ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ، جامائەت بىردەك غەزەپلىنىپ ئۇنى ئىچى تار، ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، خۇشامەتچى. . . دەپتۇ.
رەسسامنىڭ رەسىمىگە ھىچكىم يېقىن كەلمەپتۇ.
رەسسام يەنە كۈن بۇيى ئىچى پۇشۇپ ھاراق بىلەن دوست بولۇشقا باشلاپتۇ.
بىر كۈنى ئايالى كىلىپ مۇلايىم ھالدا:« بۇلارنىڭ كارائىتى چاغلىق ئىشلار، قايتىدىن باشلاڭ »دەپتۇ ھەم يەنە :« يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە ئويۇشتۇرۇڭ، يەنە مېنىڭ رەسىمىمنى ئاۋالقىدەكلا كۆزى يوق قىلىپ سىزىڭ» دەپتۇ.
كۆرگەزمە ئېچىلغان كۈنى، رەسسامنىڭ نام-شەرىپى يۈززىسىدىنلا بۇرۇن قاتناشقان ئىكىسكۇرسىيىچىلەردىن بىر نەچچىسى كەپتۇ، ئەمما بۇ كۈنى كەلگەن بىر نەچچە ئىكىسكۇرسىيىچىلەرگە چەكسىز چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇپتۇ.
ئۇلار ھېلىقى رەسىمنىڭ ئالدىغا كىلىپ قەدەم تۇختۇتۇپ مەجنۇنلارچە مەپتۇن بولۇپ قېلىپتۇ،ئۇ ئايالنىڭ چىرايى ئىنتايىن گۈزەل، ئاقكۆڭۈل، ئازراق سۇس قايغۇ چىقىپ تۇرغان . . . تۇيۇقسىز سۈپسۈزۈك نۇرلۇق كۆزىدىن تامچە-تامچە مەرۋايىتلار تامچىلاپ چۈشۈپتۇ، بىر تامچە ، يەنە بىر تامچە رەسىم سىزىدىغان رەختنى بو يلاپ ئاستا-ئاستا ئېقىشقا باشلاپتۇ. . .
« قاراڭلار، رەسىم يىغلاۋاتىدۇ!» بارلىق ئىكىسكۇرسىيچىلەرنىڭ ھەيران قالمىغىنى، قورقۇپ چىرقىرىمىغىنى قالماپتۇ.
رەسساممۇ ھاڭۋېقىپ قېلىپتۇ، بارلىق ئىكىسكۇرسىيچىلەرمۇ قايتىپتۇ، رەسسام ئاۋالقىدەكلا ھاڭۋېقىپ تۇرىۋېرىپتۇ، قۇپقۇرۇق كۆرگەزمە زالىدا پەقەت رەسساملا قېلىپتۇ، ئۇ بىردىنلا ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ رەسىم لاتىسىنى ئېچىپتۇ.
رەسىم لاتىسىنىڭ كەينىدە ئايالى جىمجىت ئولتۇرغان بولۇپ، چىىرايى تاتارغان، كۆزىدىن بۇرۇنقىدەكلا ياش ئېقىۋاتقان ئىكەن، ئارقىدىنلا ئۇ ھېلىقى رەسىم لاتىسىغا قايتا قارىغاندا ئىككى كۆزنىڭ ئورنىنىڭ تۈشۈك تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. . .