خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلار قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتە دىققەت قىلشقا تىگىشلىك نوقتىلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-04-06 20:49

 
ئوقۇتقۇچىلار قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتە دىققەت قىلشقا تىگىشلىك نوقتىلار
     
       ئوقۇتقۇچى ئىنسانلار روھىنىڭ ئېنژىنىرى بولۇپلا قالماي، ئىنسانلار مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋە ئۇنى تارقاتقۇچى،شۇنداقلا ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدى بولغان ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيلىگۈچىلەردۇر.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى پەن-مەدەنىيەت بىلىمىلىرىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى بەلگىلىك ئەخلاقى پەزىلەتكە ۋە ساغلام بولغان روھى قىياپەتكە ئىگە جەمئيەت ئەزاسى قىلىپ تەربىيلەيدۇ.
  ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىم كىچىكىگە قىزقىپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆز ھەركىتى ۋە ئەخلاقى پەزىلتىنى دورايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىر ئەينەك دېيىشكە بولىدۇ.
   ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش مەجبۇرىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى ئۆز قىياپىتىگە قانداق ئەھمىيەت بىرىشى كېرك؟
بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم.
1.كىينىش قىياپىتگە دىققەت قىلىپ ،«مودىل»لىقتىن ساقلىنىش لازىم.
  ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللى ئۇسلۇپتىكى ئەنئەنىۋى كىيىم-كىچەكلىرى بولىدۇ.ئەنئنىۋى ئۇسلۇپتا ئۆلچەملىك تىكىلگەن كىيىم-كىچەكلەر ئادەمگە سالاپەت بېغىشلايدۇ. ئەمما كىشلىك تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزتىدىغان بولساق ،  جەمئىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ كىيىم- كىچەكلەردىكى مىللىيلىق ئاسسىملاتسىيەلىشىپ غەيرى مودىل تۈسىنى ئالغان كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىش كۈنسايىن ئەۋىج ئېلۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
  بىزنىڭ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق قاپقارا مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىرىنى قايچا بىلەن كېسىپ سېرىق رەڭدە بوياپ  بايراقباش،     توباباش بولىۋالىدىغان، يارشىملىق ئەتلەس كۆينەكلەرنى چۆرۈپ  تاشلاپ  ئۆز  بەدىنىگە  لىق  كىلىدىغان  تار  كىيىملەرنى  كىيىدىغان  ھەتتا ئەل جامائەتتىن نۇمۇس قىلماي، شەرمىي ھايانى بىر ياققا چۆرۈپ تاشلاپ ھېندىستانلىق ئايال ئارتىسلاردەك كىندىكىنى ئوچۇق قۇيۇپ يۈرۈيدىغان ئاتالمىش «مودىل» لار بارلىققا كەلمەكتە . بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىمىزدىمۇ ئۇنداقلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.
مەن بىر كۈنى بازار ئايلىنىپ كىلۋاتسام تونۇش بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئانسىنىڭ توسقىنىغا ئۇنماي بىزنىڭ XXXخانىم مۇنداق كىيىم كىيىپتىكەن بەك يارشىپتۇ، مەنمۇ شۇنداق كىيىمەن دەپ ئانىسىنى مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.ئېنىقكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار (بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار) مىنىڭ كىيىنىشىم ئوقۇتقۇچىلىققا ماس كىلەمدۇ–يوق؟دېگەنلەرنى ئويلاپمۇقويماستىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى چاچدىغان كىيىم-كىچەكلەرنى كېيىپ دەرىس مۇنبىرىگە چىقماقتا . مەن دىجورنى بولغان بىر كۈنى مەلۇم سىنىپ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئوغول ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر  يەرگە توپلىشۋالغانلىقىنى ئارىدىكى سىنىپتا  ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ قالغان ساۋاقداشلىرىغا:
-ھەي بالىلار مەن تۈنۈگۈن ئاجايىپ بىر ئىشنى كۆرۈپ قالدىم.بىزنىڭ ھېلىقى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز  XXXخانىم ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىما قىلىپ ئېڭىشكەن ئىدى، مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ....كۆرۈپ قالدىم دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم .
ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇقارقىدەك ئىشلار ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار قانداقتۇر «مودىل» تەربىيلىگۈچى بولماستىن ،ئەخلاق پەزىلەتلىك ئىز باسارلارنى تەربىيلىگۈچى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ سەلبىي گۈزەللىكىنى كۆز –كۆز قىلشنى ئويلىماي ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئوبدان ئويلىشىمىز كېرەك.
2. ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ دەرىسخانىغا كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
دەرىستىن چۈشۈپ ئىشخانىغا كىتېۋېتىپ ئىككى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ سۆھبىتى قۇلقىمغا كىرىپ قالدى :
-ھەي ئاداش ئەدەبىيات خانىممىزنىڭ بوينىدىكى زەنجىر ۋە قولىدىكى ئۈزۈك بەك چىرايلىق ئىكەن ھە!
- ئاداش گۈزەل-سەنئەت خانىممىزنىڭ قولىدىكىسى ئالتۇن سائەت ئىكەن يەنە بىر قولىغا يەنە  ئالتۇن بىلەيزۈك سېلۋاپتۇ .مەنمۇ چوڭ بولغاندا شۇنداقتىن بىرنى ئالمايدىغان بولسام .
ئوقۇتقۇچى ئەۋلات تەربىيلىگۈچى ،ئۇ قىممەت باھالىق ئالتۇن ھالقا ،ئۈزۈك بىلەيزۈكلەرنى تاقاپ ئالتۇننى كۆز-كۆز قىلغۇچى زەرگەر ئەمەس .ئۇ شۇنداق بىر ئىنسانكى ئۆز مەسئۇلىيتىنى چوڭقۇر تۇنۇپ ئۇنى ئادا قىلغۇچى.
3.ئوقۇتقۇچىلار دەرىسخانىغا خاس كىينىشى ،گەپ-سۆزلىرى جايىدا ھەركىتى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم.
ئوقۇغۇچىلار دەرىسخانىدا ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كېينىشى ،دەرىسخانىدىكى گەپ-سۆزى ۋە ھەركىتىگە  ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى سۈپتىدە تۆۋەندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
     ئوقۇغۇچىA:-بىزگە ماتېماتىكا ئۆتىدىغان مۇئەللىم بىر سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا كەمىرىنى 58قېتىم ئېگىزلىدى.
       ئوقۇغۇچىB: - بىزگە تەبىئەت ئۆتىدىغان مۇئەللىم بىر سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا «ھە» دېگەن سۆزنى 112قېتىم تەكرارلىدى بىز ئەمدى ئۇنى «ھە»مۇئەللىم دېسەك بولغىدەك.
       ئوقۇغۇچىC: -  بىزگە  ماتېماتىكا  ئۆتىدىغان مۇئەللىمنىڭ  ئىشتىننىڭ سىرىتمىسى  ئېچىلىپ   قاپتۇ........
بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بولدۇكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى رەتسىز(بەزىللىرىنىڭ چاپىننىڭ تۈگمىسى ئېتىلمىگەن،بەزىللىرىنىڭ يانچۇق خالتىسى ساڭگىلاپ قالغان)  ھالدا ،ھەتتا پۇتىغا تەرەت كەشى كېيىپ دەرىس مۇنبىرىگە چىقىشتىن ئۇيالمايۋاتىدۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى دەرىسخانا ئوقۇغۇچىلارغا پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى يەتكۈزىدىغان ،  ئىددىيە ۋە ئەخلاق ئۆگتىدىغان  ئورۇن .  ھەرگىزمۇ تەرەت كەشى بىلەن خالىغانچە كىرىپ  چىقىپ  يۈرۈيدىغان ھاجەتخانا ئەمەس.
ئويلىنىپ باقايلى.بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىق ھەركەتلىرىمىز ۋە گەپ-سۆزلىرىمىز ئىلمىيمۇ؟بىز ئوقۇتۇۋاتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار ئەتە-ئۆگۈن بىزنى كۆزىگە ئىلارمۇ؟
ئىلگىرى بىز مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغدا مۇئەللىملەرنى كۆرسەك تەپتارىپ ئۆزىمىزنى قاچۇراتتۇق ھەتتا مۇئەللىملەرمۇ تاماق يەمدىغاندۇ؟دەپ ئويلاپ قالاتتۇق.
ئەجىبا ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارچۇ؟  تاس قالىدۇ ئادەمنى ۋېلسىپىت،  موتسېكىلىتلار بىلەن سوقىۋەتكىلى ،دەرىسخانىدا گەپ ياندۇرۇپ تاكاللىششلىرىچۇ تېخى .......
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولدۇكى :   ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆلگە بولۇش  ئوقۇقۇچىنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيتى.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئەڭ بىۋاستە دورايدىغان ئۆلگىلەر بولۇپ ئوقۇغۇچى بىلەن مۇناسىۋېتى ئەڭ كۆپ كىشلەردۇر.
شۇڭا بىز  ئوقۇتقۇچىلار ناچار ھالەتلەرنىڭ  ئۆزىمىزدە سادىر بولۇپ قېلشىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆلگىلىك رولىمىزنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرشىمىز لازىم.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار