مەن قانداقسىگە ساراڭ بولۇپ قالدىم ؟
جىبران نەسرىي شېئىر لىرىدىن
قەلبىمدە قۇياشقا نىسبەتەن مۇھەببەت ئوتى يالقۇنجىدى .
سەن مەندىن قانداقسىگە ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىمنى سورىدىڭ . ئىش ئەسلى مۇنداق بولغان ئىدى : تالاي - تالاي روھلار تېخى ئاپىرىدە بولمىغان چاغدا مەن قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كەتتىم . قارىسام بارلىق نىقاپلىرىمنى ئوغرى ئىلىپ قىچىپتۇ - ئۇلار ئۆزۈم قويۇپ ياسىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەتتە قىتىم تۇغۇلغاندىلا قويۇپ كەلگەن يەتتە نىقاپ ئىدى .مەن يۈزۈمگە نىقاپ تاقىماي يالىڭاچ پىتى ئادەملەر مىغىلداپ كەتكەن قىستا - قىستاڭ كوچىلارنى ئارىلاپ چېپىپ كېتىۋىتىپ : << ئوغرى ! ئوغرى ! قارغىشتەككۈر ئوغرى ! >> دەپ ۋارقىرىدىم .
ئەرلەرمۇ ئاياللارمۇ مىنى مەسخىرە قىلشماقتا ، يەنە بەزىلەر مەندىن قورققىنىدىن ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشماقتا . مەن يۈگۈرگەن پىتى بازارغا يىتىپ بارغىمىندا ، بىر بالا ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ : << بۇ ساراڭ ئىكەن ! >> دەپ توۋلىدى . مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ چاغدا قۇياش يالىڭاچ يۈزلىرىمنى تۇنجى قىتىم سۆيۈپ كويدى ، مىنىڭ قىلبىمدە قۇياشقا نىسبەتەن مۇھەببەت ئوتى يالقۇن جىدى . ماڭا ئەمدى ئۇ نىقىپلارنىڭ ھاجىتى قالمىدى . كۆزلىرىم قاراڭغۇلىق ئىچىدە قالغاندەك بولۇپ : << ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلدى ! مىنىڭ نىقىپلىرىمنى ئوغۇرلىۋالغان ئوغرىلارنىڭ ئامىتى كەلدى ! >> دەپ ۋارقىرىدىم .
شۇنداق قىلىپ مەن ساراڭ بولۇپ قالدىم . تەلۋېلىك ئىچىدە ھۆرلۈك ۋە خاتىرجەملىكنى يەنى يالغۇزلۇقتىن كەلگەن ھۆرلۈك ۋە كىشىلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىدىن پەيدا بولغان خاتىرجەملىكنى بايقىدىم . چۈنكى بىزنى چۈشەنگەن بەزى كىشىلەر بەزى جەھەتلەردە بىزنى قۇل قىلىۋالغان ئىدى .شۇغىنىسى مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ خاتىرجەم بولغۇنىمغا تولىمۇ مەننۇن بولۇپ كەتكىنىم تۈزۈك ، چۈنكى قامقخانىلاردىكى قاراقچىلار چىغىدا خاتىرجەملىكتىن بەھرىمان بولۇشىدۇكى ، ھىچ بولمىغاندا باشقا قاراقچىلاردىن ئەندىشە قىلپ دەككە - دۈككىگە چۈشمەيدۇ .
كىيىم
سەت قىرغاققا قايتىپ چىقىپ ئەسلىدە گۈزەللەرگە مەنسۈپ بولغان كىيىملەرنى كىيىۋالغان . كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈزەل بىلەن سەت دېڭىز بويىدا تاسادىپى ئۇچرىشىپ قاپتۇ - دە : << دېڭىزغا چۈشۈپ سۇ ئۈزەيلى >> دەپ بىرى - بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىيىملىرىنى سىلىپ دېڭىزدا ئۈزۈشۈپتۇ ، بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن سەت دېڭىز قىرغىقىغا چىقىپ ئەسلىدە گۈزەلگە مەنسۈپ بولغان كىيىمنى ئۇچىسىغا كىيىۋاپتۇ -دە ، ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ . ئاندىن گۈزەلمۇ دېڭىزدىن چىقىپتۇ ئەمما كىيىم لىرىنى تاپالماپتۇ . بۇنىڭدىن ئۇ تولىمۇ خىجىل بولۇپ يالىڭاچ پىتى يۈرۈشكە پىتىنالماي ، ئەسلىدە سەتكە مەنسۈپ بولغان كىيىمنى ئۇچىسىغا كىيىۋاپتۇ ، گۈزەلمۇ ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئەر - ئايال تاكى بۈگۈنگە قەدەر سەتنى گۈزەل دەپ ، گۈزەلنى سەت دەپ كەلگەن ئىكەن . ۋەھالەنكى ، بەزىلەر گۈزەلنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرگەن ، گەرچە ئۇ كىيىمنى خاتا كىيىپ سالغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇلار ئۆز گۈزەللىكىن تونۇپتۇ. بەزىلەر سەتنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى تونىۋالغان ، كىيىم ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى غەلەت قىلىۋېتەلمىگەن .