تەڭرى1مىليار نوپوسى بار جۇڭگودا ئۆزىدىن چىققان بىرمۇ ئادەمنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ،جۇڭگوغا ياردەم قىلىشقا نىيەت قىلىپ،ئېيىنشتىيىن،ئىدېسون،نيۇتون،دارۋېن ۋە مېندىللارنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتا ئاپىرىدە قىلىپتۇ.
ئىدېسون؛ ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ،تەبىئىي پەناە باشلانغۇچىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇپتۇ.بىراق،ئىجتىمائىي پەنلەرگە قىزىقمىغاچقا،ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ،ئوتتۇرا تېخنىكوم دەرۋازىسىغىمۇ كىرەلمەپتۇ.تەلىيىگە ئۇ شەھەردىكى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولغاچقا،ئىشچى قوبۇل قىلغاندا بىر لامپۇچكا زاۋۇتىغا ئىشچى بولۇپ كىرىپتۇ.شېركەت ئۇنىڭ لامپۇچكىغا بولغان ئىشتىياقىغا قاراپ،ئۇنى لامپۇچكا ياسايدىغان ئالاھىدە خادىم قىلىپ قويۇپتۇ.ئۇ كۆڭلىگە يارىغىدەك خوتۇندىن بىرنى ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ بەختلىك ياشاۋېتىپتۇ.
دارۋېن؛ ئۇ دۇنياغا كېلىپ،ھايات مۇساپىسىدىكى بالىلىق چاغلىرىنى خېلى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپتۇ.ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا جۇغراپىيە بىلەن بىئولوگىيىگە ئىشتىياق باغلاپ قاپتۇ.ئەمما،جۇغراپىيە ئىجتىمائىي پەنگە،بىئولوگىيە تەبىئىي پەنگە تەۋە ئىكەن.ئۇ ئاخىرى بىر ساياھەت مەكتىپىگە ئۆتۈپ،ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپتۇ.ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا،ئادەمنىڭ مايمۇدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقاپتۇ.بىراق،ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ھوقوقدارلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالمىغاچقا بىدئەت دەپ قارىلىپ،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىلىپتۇ.ئۇ ئۆزگىرىپ چىققاندىن كېيىن شەرەپ بىلەن بىر كان ئىشچىسى بولۇپتۇ.
مېندىلىۋ؛ ئۇ بىر دېھقا بولۇپ نۇرغۇن يەرگە پۇرچاق تېرىپتۇ.ئۇ پۇرچاق ئۆستۈرۈش جەريانىدا<گېن>دېگەن بىر خىل ماددىنى بايقاپ قاپتۇ.ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان پۇرچاقلارنىڭ مەھسۇلاتى باشقىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغاچقا،بىردىنلا پۇرچاق تېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپتۇ.بىراق،ئۇ ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەچكە،يازغان ماقالىلىرىنىمۇ ھېچكىم كۆرمەيدىكەن.دەل شۇ چاغدا شالغۇت زىرائەت تەتقىقاتى ئۈستىدە تازا قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان بىر ئىلمىي نوپوز ئىگىسى تاسادىپىي مېندىلنىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ قاپتۇ.ئۇ بۇ يەردىكى پۇرچاقلارنىڭ تولىمۇ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،مېندىل بىلەن تاماقتىمۇ،يېتىپ-قوپۇشتىمۇ بىللە بولۇپ،ئۇنىڭدىن تەلىم ئاپتۇ.مېندىل ئاخىرى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىكەن،بۇلار ئىلمىي نوپوز ئىگىسىگە قالتىس ئىلھام بوپتۇ.بۇ كىشى ب د ت نىڭ بىر قېتىملىق چوڭ تەتقىقات يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ؛<مەن ئۆزۈم بىر دېھقانمەن،دېھقانلار بولسا مېنىڭ ئۇستازىمدۇر.مېنىڭ بارلىق كەشپىياتىمنىڭ ئىلھامى دېھقانلاردىن كەلگەن>.
نيۇتون؛ ئۇ ھەممىدىن تەلەيلىك بولۇپ،ئالىي تېخنىكومنىڭ مەلۇم كەسپىي-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە ئۆتۈپتۇ.ئۇ كۈچ توغرىسىدانۇرغۇن-نۇرغۇن ماقالە يېزىپ،يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.ئەمما يازغان ماقالىلىرى چۈشىنىكسىز،دەپ قارىلىپ قايتۇرۋېتىلىپتۇ.قايتا رەتلەنگەندىن كېيىن سەل چۈشىنىشلىك بولغان بولسا كېرەك،ئۇ گۇاڭشىنىڭ بېيخەي دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ.بۇ يىغىنغا بىرقانچە ئاكادىمىكمۇ قاتانشقانىكەن.نيۇتون<بۇ ياخشى پۇرسەت بولدى>دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇلارغا بايان قىپتۇ.بىراق،ئۇلار بۇنداق مەسىلىلەرنى ئاڭلاپمۇ باقمىغاچقا چۈشىنەلمىگەنىكەن،نيۇتون سەل تېرىكىپ<پەنلەر ئاكادىمىيىسى چوشقا باقىدىغان جايمۇ >دەۋېتىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغىن زالىدىن قوغلاندى قىلىنىپتۇ.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەملىكەت ئىچىدىكى بىرەر ژورنالمۇ ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئىشلەتمەپتۇ.شۇنداق قىلىپ،ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت ئەللىك خەتلىك قىسقا بىر خەۋەر ئېلان قىلالاپتۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]