خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئادىللىق نەدە بار؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئەمگەك2013-07-25 19:19

ئادىللىق نەدە بار؟

 
ۋاين.ۋ.ديېر
 
(ئامرىكا)
 
بىز تۇرمۇشتا ئادىللىق ۋە ئادالەت ئىزدەشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق، ئادىللىقنى قولدىن بىرىپ قويغانلىقىمىزنى ھىس قىلساق غەزەپلىنىمىز، ئەندىشە قىلىمىز ياكى ئۈمىتسىزلىنىمىز. ھال بۇكى، ئادىللىقنى ئىزدەش گويا قىرىماسلىقنى ئىزدەش نەتىجە بەرمىگەندەك ھىچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ .
بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ئۆزىمۇ ئادىل دۇنيا ئەمەس . تورغاينىڭ قۇرۇتنى يىگەنلىكى قۇرۇتقا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ؛ ئۆمۈچۈكنىڭ چىۋىننى يىگەنلىكى چىۋىنغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ؛ ئامرىكا شىرى بۆرە كۈچىكىنى يەيدۇ، بۆرە كۈچىكى قاشقا ئوغلاقنى يەيدۇ، قاشقا ئوغلاق چاشقاننى يەيدۇ، چاشقان سۈۋەرەكنى يەيدۇ، سۈۋەرەك......تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيادا ئادىللىق دىگەن نەرسىنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى كۆرىۋىلىشىمىز تەس ئەمەس. قارا قۇيۇن، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادىل ئەمەس. ئەمىليەتتە، ئادىللىق دىگەن بۇ ئۇقۇم ئىزىتقۇدىنلا ئىبارەت. بىز قانداقتۇر بىئەدەبلىك پەلسەپىسى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى، ئوبىيىكتىپ دۇنيانى ئەينەن تەسۋىرلەش ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز. ئادىللىق رىئاللىقتىن چەتنىگەن ئۇقۇمدۇر، كىشىلەرنىڭ بەخىتكە ئىنتىلىشى جەريانىدا تىخىمۇ شۇنداق. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىيەت تۇيغۇسى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئادىللىقنى ئىزدەش سەۋەنلىك ئەمەس. لىكىن سىز ھەمىشە ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق ئىزدەۋىرىدىغان بولسىڭىز، مەقسىتىڭىزگە يىتەلمىگەندە پاسسىپلىشىپ كىتىسىز، بۇ، سەۋەنلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.
جەمىيىتىمىزدە ھەققانىيەتنى ياقلاش، ئادىل بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. سىياسەتچىلەرنىڭ ھەممىسى سايلام رىقابىتىدە سۆزلىگەن ھەر بىر نۇتقىدا ‹‹ جىمى ئادەمنى باراۋەر، ئادىل مۇئامىلىگە ئىرىشتۈرىمەن ›› دەپ سۆزلەيدۇ، ھالبۇكى كۈنلەر، يىللار، ئەسىرلەر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئادالەتسىزلىك ھادىسلىرى يەنىلا مەۋجۈتبولۇپ تۇرىۋىرىدۇ، نامراتلىق، ۋابا، جىنايەت، ئىپپەت- نومۇسىنى سىتىش،زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى چىكىش ۋە قەتىللىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائى ئىللەتلەر ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا داۋاملىشىۋىرىدۇ.ئەمىليەتتە، بۇنداق ھادىسىلەر ئىنسانىيەت تارىخى پەيدا بولغاندىن تارتىپ يوقۇلۇپ باققان ئەمەس.ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق زادى قايەردە؟ ھىچ يەردە يوق! سىز ئەگەر بۇنداق ھادىسىلەرگە قارشى تۇرۇشقا بەل باغلىغان بولسىڭىز، دەرۋەقە، ئاپىرىن ئەيتىشقا ئەرزىيدۇ. لىكىن، ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بىئارام بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز پۇشايمان قىلىش، كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىش ۋە باشقا ئۆزىنى-ئۆزى ئازابلايدىغان كەيپىياتلار چىرمىۋالغاندەك، سەۋەنلىك پاتقىقىغا پىتىپ قالىسىز.


بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-10 16:09