خىيالى فىلىم «خاررىي پوتىر» نى كۆرگەن كىشىلەر بەلكىم فىلىم جەريانىدا چىقىدىغان «يوشۇرۇنۇش كىيىمى» گە دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت شۇ فىلىمدىكى بىر خىيالى كۆرۈنۈش ۋە ئارزۇ ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئالىملار ئىنسانلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى راستىنلا ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى، يەنى ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا «زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش كىيىمى» ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنى كىيىۋالغاندا مەلۇم ماكان ۋە مەلۇم زاماندا ۋاقىتىنچە يوقاپ كەتكىلى بولىدىكەن.
«زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش» ئۇقۇمى ئەڭ بۇرۇن ئەنگىلىيە ئىمپىرىيە تەبىئىي پەنلەر ئونىۋېرىستېتى (Imperial College London) دىكى نەزىرىيە ئالىمى مارتىن ماكالپىنې (Martin McAlpine) تەرىپىدىن 2010-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن، ئەگەر مەزكۇر نەزىرىيە ۋە تېخنىكا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدىغان بولسا، ئوغرىلار ھىچقانداق بىر قۇرال ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان، يەنە ھىچكىشىگە تۇيدۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەر قانداق بىر جايدىكى بىخەتەرلىك ئىشكابىنى بىمالال ئېچىپ مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا كورنېرل ئونىۋېرسىتېتى (Cornell University) نىڭ فىزىكا پەنلىرى پىراففىسورى ئالېكساندىر گائېتا (physicist Alexander Gaeta) رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى مەزكۇر تېخنىكا ئۈستىدە ناھايىتى ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇلار سۈرئەتنى تىزلىتىش ۋە نۇرنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارغا نۇر چۈشۈرگەن ھەمدە مەلۇم بىر نەرسىنى ماكان ۋە زامان جەھەتتە ئوخشاش بولغان ھالەتتە 40 مىلياردتىن بىر سىكونت ۋاقىت يوشۇرۇن ھالەتكە كەلتۈرەلىگەن. مەزكۇر تېخنىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىگە قارىتا ئالېكساندىر گائېتا مۇنداق دېدى:«يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغان كىشىگە خۇددى ھازىر قارىسا ھىچقانداق بى ئىش يۈز بەرمىگەندەك قىلىدۇ، بىراق ھازىرقى تېخنىكىنى ئىلغارلاشتۇرۇش پەرەز پىلانى بويىچە ئالدىن كەلتۈرۈپ چىقارغاندا بىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىمىز مەلۇم بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ ماكان ۋە زامان جەھەتتە ئوخشاش بولغان ھالەتتە تەخمىنەن 10 سېكۇنت ئېلىش (纳秒) ۋاقىت يوشۇرۇن ھالەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز ۋاقىتنى ئۆزگەرتمىدۇق، بىراق بىزنىڭ ئۆزگەرتكىنىمىز بولسا نۇر سۈرئىتى.»
ئالېكساندىر گائېتا يەنە مۇنداق دېدى، بىراق بۇ خىل يوشۇرنۇش تېخنىكىسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى بىر قانچە مىنۇتقا يەتكۈزۈش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا بىر قانچە سىكونت ۋاقىتقا يەتكۈزشمۇ ناھايىتى قىيىنقا توختايدۇ. نۇر سۈرئىتى تەخمىنەن بىر سىكونتىغا 300 مىڭ كىلومىتىرلىق سۈرئەتكە يىتىدۇ، بۇ خىل سۈرئەتنى بىر سىكونت يوقىتىش، يەنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن بىز سۈرئىتى سىكونتىغا 300 مىڭ كىلومىتىرغا يىتىدىغان بىر بۇيۇمغا ئىھتىياجلىق بولىمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]