كانادالىق ئايال يازغۇچى 2013-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
سۇمرۇغ تورى مەدەنىيەت قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17 دە (شۋېتسىيەنىڭ يەرلىك ۋاقتى 13 دە)، شۋېتسىيە ئاكادېمىيىسى 2013-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ كانادالىق ئايال يازغۇچى ئالىس مۇنرو (Alice Munro) غا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئالىس مۇنرو ئوتتاۋادا تۇغۇلغان، كۆپ قىسىمى ۋاقتىنى بۇ جىمجىت شەھەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك بازاردا يۈز بەرگەن پۇقرالارنى مۇھەببەت، ئائىلە تۇرمۇشى يېزىلغان، لېكىن ئاغرىق-سىلاق ۋە ئۆلۈم-يېتىمگە ئالاقىدار جىددىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ ئايال يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەپ بېرىپ، كىشىگە چوڭقۇر ھېسىيات ئاتا قىلىدۇ.
ئالىس مۇنرو ئۆمرىدە 11 پارچە ھېكايىلەر توپلىمى ۋە بىر پارچە رومان يازغان.