2005-يىلىدىن بۇيان ئوكرائىنالىق ياغاچچى دانىر ناھايىتى سىپتا ياسالغان ياغاچ قول سائەتلىرىنى ياساش تېخنىكىسىنى ئىگىلەشكە باشلىغان بولۇپ، خۇددى باشقا داڭلىق سائەتلەردەك ناھايىتى توغرا ماڭىدىغان بۇ سائەتلەرنىڭ پەقەت بىر كىچىك ئۈسكىنىسى مىتال بولغاندىن باشقا ھەممە يېرى ياغاچتىن ياسالغان ئىدى.
دانىر كىچىكىدىن باشلاپلا ياغاچچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن بۇيۇملارنى ياساپ چىققان. قۇرامىغا يەتكەندىن كىيىن دانىرنىڭ تېخنىكىسى ۋە ھۈنىرى پىشىپ يىتىلىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ، تېخنىكىلىق تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولغان باشقا بىر قىسىم بۇيۇملارنى ياساپ چىقىشقا باشلىدى. 2005-يىلى، دانىرنىڭ تۇيۇقسىز ياغاچ سائەت ياساپ چىقىشقا نىسبەتەن قىزغىنلىقى تۇغۇلۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن ۋاقىت ئاجرىتىپ قول سائىتىنى قانداق ياساشنى ۋە ياغاچ ماتېرىيالىنى قانداق تاللاشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۈچ يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ تۇنجى ياغاچ قول سائىتى بازارغا سېلىندى. تونۇشتۇرىلىشىچە، دانىر دائىم دېگۈدەك قېيىن دەرىخىنى ياغاچ قول سائىتى ياساشتىكى ماتېرىيال قىلىپ تاللايدىكەن، چۈنكى قېيىن دەرىخىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ۋە چىداملىقلىقى يۇقىرى ئىكەن. بىراق ئۇ يەنە بەزى بىر قىسىم ۋاقىتلاردا جىگدە ياغىچى ۋە بامبۇك قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتىدىكەن، چۈنكى ھەر خىل ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانغاندا، ياساپ چىققان قول سائىتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى ۋە ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدىكەن. دانىرنىڭ قول سائەتلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى سىپتا ۋە گۈزەل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىقتىدارىمۇ خېلى ياخشى ئىكەن، بۇ ياغاچ قول سائەتلىرىنىڭ ھەر كۈندىكى مېڭىش خاتالىق پەرقى بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]