خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 20:00

 

غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟

ئابدۇرازاق  سىدىق( شىئەن ئىلىكتىرون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسى)

غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟

بۇ تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن   ئالدى بىلەن جىك ئەپەندىمنىڭ <چوڭ پارتلاش، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى>ناملىق  تىمىنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .   خۇددى جىك ئەپەندىم ئۇ تىمىنىڭ  2-چىسدىكى <ئالەم شەكلى  ۋە تەقدىرى>ماۋزۇلۇق ئابزاستا ئىيتىپ ئۆتكەندەك ئالەم تەقدىرى ھەققىدە سۆز ئىچىشقا توغرا كەلسەسۆزنى  غۇۋا ئىنىرگيىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ . ئۇنداقتا غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە ؟
غۇۋا ئىنىرگيە  ئالەم بوشلۇقىغا كەڭ تارقالغان شۇنداقلامەنپى ناپور( بىسىم) Negative Pressure غا ئىگە بولغان ئىنىرگيە بولۇپ نىسبىلىك نەزەرىيسىگە ئاساسلانغاندا  بۇ خىل مەنپى ناپورنى ئۇزۇن مۇساپە ئىچىدىكى <قارىمۇ قارشى تارتىشىش كۇچى>ياكى  <مەنپى تارتىشىش كۈچى>گە تەڭداش كىلىدۇ .دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.قارىمۇقارشى تارتىشىش كۈچى دىگەن نىمە ؟
بۇھەقتە سۆزلەش ئۈچۈن ئاۋۋال كۈچ ۋە مەيدان  ھەققىدە نەچچە ئىغىز سۆزلەپ ئۆتەي .
 كۈچلۈكلىكى ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرەيدىغان  مەيدان ئىككى خىل 1.ئىلىكتىر ماگنىت مەيدانى.  2. تارتىشىشش كۈچى مەيدانى (ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئەسلەڭ). ھەمىمىزگە مەلۇم زەرەتلەر مەنپى زەرەت ۋە مۇسبەت زەرەتتىن ئىبارەت  ئىككى خىل.ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا تارتىشىش كۈچى ۋە تىپىشىش كۈچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ تەسىرى بولىدۇ-دە مۇشۇ خىل كۈچ تەسىرى ئاستىدا ئۇلار مەلۇم ئارىلىق ياكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بىراق تارتشىشى كۈچى مەيدانى ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭدا پەقەتلا تارتىشىش كۈچىدىن ئىبارەت بىرخىللا كۈچ تەسىرى بولىدۇ.مەلۇم ماسسىغا ئىگە جىسىم يەنە بىر جىسىم بىلەن  تارتىشىدۇ.شۇنداقلا ماسسا ئاشسا بۇ خىل كۈچ زورىيىپ بارىدۇ.شۇڭا  ئەگەر مەلۇم ماسسىغا ئىگە بولغان بىر جىسىم يەنە بىر جىسىم بىلەن تىپىشەلىسە ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا تىپىشىش كۈچى ھاسىل قىلسا ھەمدە كۈچلۈكلۈك دەرىجسى ۋە تىپىشىش شەكلى دەل ئۇلار  ئۆزئارا تارتىشقاندا(ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئەسلەڭ) ئوخشاشلىققا ئىگە بولسا ئۇنداقتا بىز<قارىمۇ قارشى  تارتىشىش كۈچى>گە ئىگە بولدۇق دەپ ئىيتىمىز. .بىراق بۇ خىل كۈچ تىخى بايقالغىنى يوق .ئاساسلىق سەۋەب تارتىشىش كۈچى مەيدانىنىڭ بەكلا ئاجىز بولغانلىقىدىندۇر .بۇ توغرۇلۇق بەك چوڭقۇرلىمىدىم قىزىقىدىغانلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ .  شۇنداقلائۇ ئالەمنىڭ يۇقرى سۇرئەتتە كىڭىيىشىگە تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئىنىرگيەدىن  ئىبارەت بولۇپ نۆۋەتتە ئۇ <قىزىلغا يۆتكىلىش ھادىسسى > <ئالەمنىڭ  كىڭىيىشى ۋە كىڭىيىش سۇرئىتىنىڭ مەلۇم   تىزلىنىشقا ئىگە بولۇشى>قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان چۈشەندۇرۇش ۋە يىشىلىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.
غۇۋا ئىنىرگيەنىڭ ئالەمنى ھەركەتلەندۈرۈشتەك بۇنداق غايەت زور كۈچگە ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇ  ئۆلچەملىك ئالەم مودىلىنىڭ 74٪ نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ مۇتلەق ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ. غۇۋا ئىنىرگيەنىڭ ئالەم تۇراقلىقى(بوشلۇققا تەكشى  تارقالغان  ئىنىرگىيە تۇراقلىق زىچلىقى)ۋە quintessence(ئىنىرگىيە زىچلىقى بوشلۇق ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان  ھەرىكەتچلەندۈرگۈچ كۈچ مەيدانى)دىن ئىبارەت  ئىككى خىل شەكىلى بولىدۇ .بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۇرۈش ئۇچۇن ئالەمنىڭ كىڭىيىشى ھەققىدىكى يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ئۆلچەشلەرگە ۋە كىڭىيىش سۇرئىتىنىڭ ۋاقىت -بوشلۇققا بىقىپ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. ئالەمنىڭ كىڭىيىش سۇرئىتى ئالەم فىزىكىسىدىكى ماددا-ھالەت تەڭلىمىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ بۇگۈنكى  كۈندە  غۇۋا ماددىنىڭ ماددا-ھالەت تەڭلىمىسىنى بىكىتىپ چىقىش  ئالەم فىزىكىسى ئىلمىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.
غۇۋا ئىنىرگىيە ھەققىدىكى ئىسپاتلار :
(1.1).1998-يىلى يىڭى چوڭ يۇلتۇز(supernovae )ئالەم تەتقىقات تۇرىنى ئىشلەۋاتقان لاۋرىنىس بىركىللي  دۆلەتلىك تەجىرىبىخانىسى ۋە يۇقىرى_z يىڭى چوڭ يۇلتۇز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى Iaتىپىدىكى يىڭى  چوڭ يۇلتۇز  ("one-A")  كۆزىتىش ئىلىپ بارغاندىن كىيىن  كىيىن ئالەمنىڭ يۇقرى  تىزلىنىشتە كىڭىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇندىن كىيىن ئالەم مىكرودلقۇن تەگلىك رادىئاتسىيە تەجىرىبىسى،ئىغىرلىق كۈچى لىنزا ئىففىكتى  تەجىرىبىسى ،قاتارلىق مۇستەققىل تەجىرىبىلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلشتۈرۈلدى. ھەمدە يىڭى چوڭ يۇلتۇزلار ئۆزگىرىشى ئۇستىدىكى كۆزىتىش نەتىجىلىرى Lambda-CDM model  غا ئۇيغۇن كەلدى .
2.1.بىزدىن تولىمۇ يىراق بولغان  يىڭى چوڭ يۇلتۇز ئۇستىدە ئىلىپ بىرىلغان كۆزىتىش نەتىجىسى ئالەمنىڭ يۇقرى سۇرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. [جىك ئەپەندىمنىڭ چوڭ پارتلاش، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى(1) گە قارالسۇن]  ئىينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئالەمنىڭ يۇقرى تىزلىنىشتە كىڭىيىش ھادىسسسىدىن ئالەمدە ھەقىقەتەنمۇ مەنپى ناپورلۇق  غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ  مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
3.1 . ئالەم مىكرو دولقۇن تەگلىك رادىئاتسىيىسى ھەققىدىكى تەتىقىقاتلاردا ئىنىق ھالدا ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ ئومۇمى زىچلىقىنى ئۆلچەپ چىقىلدى. لىكىن بىز بىلىدىغان ئادەتتىكى ماددا ۋە غۇۋا  ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى قوشۇپ ھىسابلىغاندا ئومۇمى زىچلىقنىڭ ئاران 3/1نى ئىگەللىگەن .دىمەك يەنە 3/2سى كەم چىققان . ئالىملار دەل مۇشۇ كەم قىسىمدىكى ماددىلارنى غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ ئاتىغان.ئۇنىڭ  ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مەنپى ناپورغا ئىگەبولۇپ ئالەم  بوشلۇققا ئاساسەن تولۇق تەقسىملەنگەن. .يىقىنداWMAPتەمىنلىگەن  سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا  غۇۋا ئىنىرگيە ئالەمدىكى ئومۇمى ماددىلارنىڭ 74٪نى ئىگەللەيدىكەن. 
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان: ئىنىرگىيە، ،بارىئون ،سوغۇق غۇۋا ماددىلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا  بىسىم مەنپى ئەمەس بولۇپ شۇڭا مۇقەررەر ھالدا مەنپى ناپورلۇق مەلۇم  ماددا مەۋجۈد بولۇپ بۇگۈنكى ئالەمنى ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. ئادەتتە ئالەمنىڭ ھەرىكىتى قاينام شەكلىدە بولۇپ  غۇۋا ئىنىرگىيە دائىم بىر خىل قاينامسىمان ھەرىكەت شەكلىدە كۆرىنىدۇ.شۇڭا غۇۋا ئىنىرگيەنىڭ ئايلىنىش دائىرىسى ئىچىدە بىرخىل قاينامسىمان مەيدان ھاسىل بولىدۇ.ۋە قىسقىچە غۇۋا ئىنىرگيە قاينام مەيدانى ياكى قاينام مەيدانى دەپ ئاتىلىدۇ.ئادەتتە بىز En ئارقىلىق قۇياش سىسىتىمىسىنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيسىسنى،Ep بىلەن ماددىلارنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىش ئومۇمى ئىنىرگيسىنى ئىپادىلەيمىز. En=Ep بۇ ئىپادە قۇرۇلغاندا قۇياش سىسىتىمىسى قاينام مەيدانى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ كىڭەيمەيدۇ ۋە تارايمايدۇ. Enئاجىزلاشقان ۋاقىتتا قۇياش سىسىتىمىسى قاينام مەيدانى تارىيىدۇ-دە قۇياش سىسىتىمىسىدىكى  پىلانىت يۇلتۇزلار قۇياشقا يىقىنلىشىشقا قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ.
غۇۋا ئىنىرگيە ئۇستىدە تىخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا  ئىگە بولىمىز دەيدىكەنمىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر ئۇقۇم -<غۇۋا ماددا >ئۇستىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ماددا دىيىلمەستىن غۇۋا ماددا دەپ ئاتىلىشىغا ،باشقا ئادەتتكى ماددىلار بىلەن تۇپتىن پەرقلىنىدىغانلىقى  سەۋەب بولغان.ئادەتتكى ماددىلار نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆزبىلەن ياكى ئەسۋابلار ياردىمى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ،تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىلەردۇر مەسىلەن كىچىكى ئاتۇمدىن تارتىپ چوڭى ئالەمدىكى پىلانىتا ،ئاسمان جىسىملىرىگىچە.بۇ خىل ماددىلار دائىم نۇر ياكى مەلۇم بىرقىسىم دولقۇنلار بىلەن مەلۇم تەسىرلىشىشىدۇ ياكى بەلگىلىك شەرت ئاستىدا ئۆزى نۇر چىقىرىدۇ. ياكى نۇر قايتۇرىدۇ،ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ياكى ھەرخىل ئەسۋابلار تەرىپىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ.
 غۇۋا ماددا دەل ئەكسىنچە بولۇپ ئۇ نۇر بىلەن ھىچقانداق تەسىرلىشىشى مۇناسىۋىتىدە بولمايدۇ.شۇنداقلا نۇرمۇ چىقارمايدۇ.نۇر قايتۇرۇش ،نۇرسۇندۇرۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنى  تىخىمۇ ھاسىل قىلمايدىغان  بولۇپ ئۇ ھەرخىل نۇر ۋە دولقۇنلارغا نىسبەتەن تولۇق  ئۆتكۈزۈشچانلىققائىگە.شۇڭا ئاستىرونۇمىيە ساھاسىدە نۇرغا مۇناسىۋەتلىكلا بولغان ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ غۇۋا ماددىنى كۆزىتىش مۇمكىن ئەمەس .مەيلى ئۇ ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى ،ياكى سىمسىز رادىئو دولقۇنى ،ئىنفىرا قزىل نۇرى ،ۋەياكى Xنۇرى بولىشىدىن قەتئىنەزەر .مۇشۇ ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلى ئۇنى ياكى  تىلىسكوپ ياكى باشقا ئالاھىدە ئەسۋابلار بىلەن كۆزىتىپ بايقىغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق غەلىتە  ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ غۇۋا ماددا دەپ ئىسىم بىرىلىشىگە سەۋەبچى بولغان . سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر كاللىسىدا بەلكىم  غۇۋا ئىنىرگيە ئالەم  مودىلىنىڭ 74٪نى ئىگەللەيدىكەن .ئۇ يەنە ماددا ئەمەسكەن .(چۇنكى بىز غۇۋا ماددا ئۇقۇمىنى ئوقۇپ ئۆتتۈق) ئۇنداقتا ئۇ زادى نىمە ؟ نىمە ئۈچۈن غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ ئاتىلىدۇ.؟ دىگەندەك سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇقەررەر . غۇۋا ئىنىرگىيىنىڭ  غۇۋا ماددىدىنمۇ غەلىتە بولغان يىرى دەل مۇشۇ ،چۇنكى ئۇ ماددىنىڭ تەسىرلىشىش ئىففىكتىگە ئىگەيۇ لىكىن ماددىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە  ئەمەس .شۇڭا ئۇنىڭغا ماددا تۈرىدىكى ئىسىملارنى بىرىش مۇۋاپىق بولمىغاچ غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ نام بىرىلگەن . گەرچە غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ مەۋجۈدلىقىنى بىز سىزەلمىسەكمۇ ياكى ھازىرقى ئىلغار ئەسۋابلار تەرىپىدىن ئۆلچەپ بايقىيالمىساقمۇ لىكىن  ئالىملار ئەقلى تەپەككۈر ۋە مەنتىقىلىق يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋجۈدلىقىنى بىلەلەيدۇ . بولۇپمۇ يىقىنقى نەچچە يىللار مابەينىدە مىكرودولقۇن تەگلىك رادىئاتسىيىسى ئۇستىدىكى ئىنچىكە كۆزىتىپ ئۆلچەشلەر(WMAPنىڭ ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتلىرى ، Iatتىپلىق يىڭى چوڭ يۇلتۇز سانلىق مەلۇماتلىرى ) ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئۆلچەش نەتجسى ۋە سانلىق  مەلۇماتلىرىنى تەمىن ئەتتى.
1.ئالەمنىڭ يىشى13.7±0.02 مىلىيارت يىل
2.ھاببىل تۇراقلىق سانى 0.71±كىلومىتىر/سىكۇنىت/Mp c
3.قىسقىچە( ئالەم ماسسا تەڭلىمىسى) دەپ ئاتىدىم
ئالەمنىڭ ئومۇمى ماسسىسى ≌ بارىئون+ لېپتون (4.4%) + ئىسسىق غۇۋاماددا(≤2%) + سوغۇق غۇۋا ماددا(≈20%)+غۇۋا ئىنىرگىيە (74%),ئومۇمى زىچلىقى بولسا Ω0=1.02±0.02 بۇ دەل تەكشى ئالەم [جىك ئەپەندىمنىڭ ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى،چوڭ پارتىلاش(2) تىمىسىغا قاراڭ ] تەلەپ قىلىدىغان كرىتىك زىچلىققا تەقرىبى يىقىنلىشىدۇ. بۇ ئىپادىدىن شۇنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى بىز نۆۋەتتە بىلىدىغان يۇلتۇزلار  سىسىتىمى ئالەمنىڭ پەقەت 4٪نى ئىگەللەيدۇ ،قالغان 96٪قىسىمدىكى ماددىلار بىز كۆرەلمەيدىغان ياكى بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت .
4. غۇۋا ئىنىرگىينىڭ ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان بىر قىسىم خۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى بايقالدى ماددا-ھالەت تەڭلىمىسى P = Wρn(بۇنىڭدا P بىسىمنى ،ρزىچلىقنى w تۇراقلىق ساننى ،n مەلۇم سانلىق قىممەتىنى ئىپادىلەيدۇ.)دە ئادەتتىكى ماددىلارغا نىسبەتەن W≥0,P≥0,ρ≥0 بولۇپ تەڭلىمىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئادەتتىكى ماددىلار ھاسىل قىلغان بىسىم مۇسبەت قىممەت ئالىدۇ . بىراق غۇۋا ئىنىرگىينىڭ ماددا ھالەت  تەڭلىمىسىدىكى بىر پارامىتىر مەنپى قىممەت ئالىدۇ يەنى W = -1بولىدۇ بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى غۇۋا ئىنىرگىيە
ھاسىل قىلغان بىسىم مەنپى قىممەت ئالىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا كاللمىزغا بىسىممۇ مەنپى بولامدۇ ؟ دىگەن سوئال دەرھال كىلىدۇ .شۇنداق، بىسىم مۇسبەت بولغاندا ماددا زىچلىقى ئاشسا بىسىممۇ ئارتىدۇ بۇنى ھەممىمىز ئاسانلا چۈشىنىمىز .بىراق ئۇ مەنپى بولغاندا يەنى مەن باشتا ئىيتىپ ئۆتكەن مەنپى ناپور بولغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بىسىم بولماستىن بەلكى كىشىلەر كۆپ ئىيتىدىغان تارتىشىش(سۈمۇرۈش)كۈچىدۇر ،ھالقىلىق بولغىنى شۇكى بۇ خىل مەنپى ناپور P مەنپى قىممەت ئالغاندىمۇ شۇنداق بىر چوڭ قىممەتنى ئالىدۇكى، ئۇ چوڭلۇقتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ.
ئالەمشۇناسلار ئالەمنىڭ كىڭىيىشىنىڭ تىزلىنىشقا ئىگە بولۇشى  بۇنىڭدىن 50مىللىيون يىل ئىلگىرى باشلانغان دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئالەم كىڭىيىش سۈرئىتى  غۇۋا ماددا ۋە بارىئوننىڭ  تارتىشىش كۈچى تەسىرىدە ئالەم كىڭىيىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان(بىراق يەنىلا كىڭەيگەن) .ئالەم كىڭىيىپ ئەسلىدىكىنىڭ 2 ھەسسىگە تەڭ بولغاندا غۇۋا ماددىنىڭ زىچلىقى ئەسلىدىكىنىڭ يىرىمىغا تەڭ بولغان . بىراق غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ بولسا ئاساسەن كىمەيمىگەن . ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق قانداق ماددا نىمە ئۇچۈن بۇنداق غەلىتە خۇسۇسىيەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ ؟ ئۇ بىز ئەزەلدىن بىلمەيدىغان ۋە بايقىلىپ باقمىغان ئەڭ يىڭى ماددا ھالىتىمۇ قانداق ؟ بەزىلەر  بۇ خىل ماددا ھالىتى راستىنلا بايقالسا ياكى ئىپادىلىنىپ چىقسا ئۇنداقتا ئۇ فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ زور بۆسۈشكە ئايلىنىپ يىڭى بىر فىزىكا ئىنقىلابىنى قوزغايدۇ دەپ قاراشماقتا.
غۇۋا ئىنىرگىيە ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە 1915-يىلى ئىينىشتىيىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيسىنىڭ  بىر گۇرۇپپا تارتىشىش كۈچى تەڭلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەڭلىمىنىڭ نەتىجىسى ئالەمىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دىرەك  بەرگەن .بىراق بۇ ئىينىشتىيىننىڭ ئالەم تىنىچ تۇرىدۇ دىگەن نۇقتىنەزىرىگە خىلاپ ئىدى،شۇڭا بۇ تەڭلىمە نەتىجىسىنى ئالەمنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىينىشتىيىن تەڭلىمىگە بىر تۇراقلىقنى كىرگۈزگەن ،مانا بۇ بىز ھازىر ئىيتىپ كىلىۋاتقان ئالەم تۇراقلىقى ئىدى .
كىيىن كىشىلەر ھاببىل بوشلۇق تىلىسكوپى بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئالەمنىڭ كىڭىيىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ<ئالەم تۇراقلىقى>ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى تارتىشىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ ھىسابلاش نەتىجىسىگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى بايقىغان .ئىينىشتىيىن <ئالەمنىڭ كىڭيىش>تەلىماتىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان ھالدا <ئالەم تۇراقلىقىنى تەڭلىمىگە كىرگۈزۈش مىنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم >دىگەن.شۇندىن كىيىن ئالەم تۇراقلىقى ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن .بىراق خىلى يىللاركىيىنكى بىرقىتىملىق
ئاستىرونومىيلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئالەم تۇراقلىقىنىڭ 0گە تەڭ بولمايلا قالماستىن بەلكى يەنە چەكسىزلىككە قاراپ ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئالەمدە يەنە مەلۇم خىل <غايەت زور نەرسە>نىڭ  مەۋجۈد ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن .شۇندىن ئىتىۋارەن ئالەم تۇراقلىقى غۇۋا ئىنىرگىيە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردە قوللىنىشقا باشلىغان.
يىقىنقى زامان ئالىملىرىمىز قايتا-قايتا ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللنىپ كۆزىتىپ ئۆلچەشلەردىن كىيىن مەن ئالدىدا ئىيتىپ ئۆتكەن <ئالەم ئومۇمى ماسسىسى >ھەققىدىكى ھىلىقىنى تەڭلىمىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئالەمدىكى 96٪ماددىنىڭ تىخى بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن.(57-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن لىجىڭداۋ ئەپەندىم ھەتتا بۇ ساننى 99٪تىن يۇقىرى دەپ قارىغان ئىكەن) .    1997-يىلى 12-ئايدا <چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ قىزىلغا يۆتكىلىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى>نىڭ ئەزاسى خارۋاد ئۇنۋېرسىتتى ئاستىرونۇمى روبىرت.جىرسىنا يىڭى چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئالەمنىڭ كىڭىيىش سۇرئىتى ئۆزىنىڭ ئىغىرلىق كۈچ تەسىرىدە ئاستىلىمايلا قالماستىن بەلكى بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان ،ھىچقانداق كىشى يىشىپ بىرەلمەيدىغان سىرلىق كۈچنىڭ كونتىرۇل قىلىشى ۋە ئىتتىرىشى ئاستىدا تىخىمۇ تىزلەشمەكتە، دەپ يەكۈن چىقارغان .مۇھىم بولغىنى ھىچقانداق ئادەم بۇ سىرلىق كۈچنىڭ نىمىلىكىنى ،ئالەمنىڭ كىڭىيىش سۈرئىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاستىلىماسىتىن بەلكى تىزلەشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ زادى قانداق يۇز بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى
 يىشىپ بىرەلمىگەن .كىشىلەر پەقەت ھازىر بىز تۇرىۋاتقان ئالەم بىز تىخى بايقىمىغان ماددا ھالىتىدە مەۋجۈت بولغان ماددىنىڭ كونتىرۇللىقى ۋە تەسىرى ئاستىدا بولۇپ ئۇماددا  باشقا ھىچقانداق بىر ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشاشمايدۇ دەپ پەرەز قىلغان .
ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان< ۋىلكىسون مىكرودولقۇن تەكشۈرۈش سۇنئى ھەمرا>سى (Wilkinson Microwave Anisotropy Probeقىسقىچە WMAPدپمۇ ئاتىلىدۇ.)تەمىنلىگەن ماتىرىياللارمۇ يىڭى چوڭ يۇلتۇزلار(Supernovae)دا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقنى ئىسپاتلىدى.بۇ ئىسپاتلار نۇرغۇن ئالىملارنى قاتتىق بىئارام قىلغان .چۇنكى ئۇ ئىينىشتىيىن ،خاۋكىڭ قاتارلىق نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ ئالەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈچنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئىغىرلىق كۈچى،ياكى تارتىشىش كۈچى  بولماستىن بەلكى غۇۋا ئىنىرگىيەۋە غۇۋا ماددىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەر  غۇۋا ئىنىرگىيە ئالەمدە بىرخىل تەگلىك ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى  ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشايدۇدەپ قارىغان ئالەم فىزىكىسى ئىلمىدە بەزىلەر غۇۋا ئىنىرگىيە ھەقىقى بوشلۇققا بەكرەك ئوخشايدۇ دىگەندەك قاراشلاردىمۇ بولغان ۋە غۇۋا ئىنىرگىيەنى ھەقىقى بوشلۇق ئىنىرگىيىسى دەپمۇ ئاتىغان .
ھەقىقى بوشلۇق راستىنلا غۇۋا ئىنىرگىيەمۇ ؟
 ئەگەردە راسىت شۇنداق بولسا ئۇنداقتا ئۇ بارلىق ئىنىرگىيەلەرنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى ئالاھىدىلىكى بولغان -كۈچگە ئىگە بولۇشى كىرەك ،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ھەقىقى بوشلۇقنىڭ <كۈچ>نىڭ خۇسۇسسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش بولماسلىقى ئۇنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيە ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر .
يۇقرىدىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ھەقىقى بوشلۇقنىڭ <كۈچ>خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ياكى  ئەمەسلىكى بارلىق زىددىيەتلەرنىڭ فوكۇس نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى .ئەگەر ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىردىلا ئىسپاتلىنىپ قالسا بۇ خىل ھەقىقى بوشلۇق كۈچى تەبىئەت دۇنياسىدكى تەبىئى مەۋجۈت بولغان 5-خىل كۇچ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ-دە .ئۇنداقتا ھەقىقى بوشلۇق فىزىكا تارىخىدا ئاللىبۇرۇن ۋاز كىچىلگەن  ئىزېر(ether) بولىدۇ.<ئېزېر  بولسا ئىلگىرى ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىشدىكى ۋاستىچى ماددا دەپ قارالغان ،ۋە كىيىن بۇ خىل قاراش ئاغدۈرىۋىتىلگەن .ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەلۇم خىل ئىففىكتىدىن ئىبارەت.>ئەگەر شۇنداقلا بولسا ئۇنداقتا ھەقىقى بوشلۇق دەل ئالەمنى كونتىرول قىلىۋاتقان غۇۋا ئىنىرگىيە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
خاتىمە :
 غۇۋا ئىنىرگىيە زادى نىمە ؟ئۇنىڭ مەۋجۈدلىقى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ ئالىملار بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرگە جاۋاب تىپىشقا ئۇرۇنماقتا .كىشىلەر بارغانسىرى شۇنى ھىس قىلىشقا باشلىدىكى غۇۋا ئىنىرگىيە پۇتكۈل ئالەمگە تەسىر كۆرسىتىپلا  قالماستىن  قارىماققا يەنە ئالەمنىڭ پۇقرالىرى ،تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى ،يۇلتۇزلار سىسستىمىسى ،يۇلتۇزلار  تۇركۈمىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا قوماندانلىق قىلالايدىغاندەك قىلىدۇ. غۇۋا ئىنىرگىيە ھەممىلا جايدا بولۇپ كىشىلەرنىڭ  ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ھىس قىلالىشى تولىمۇ تەس ،ئۇئادەتتكى ماددىغا  ئوخشاش بىر يەرگە يىغىلغان بولماستىن بەلكى بوشلۇققا تەكشى تەقسىملەنگەن بولىدۇ .مەيلى سىزنىڭ ئاشخانا ئۆيىڭىز بولسۇن ياكى ئالەم بوشلۇقى بولسۇن ئۇنىڭ زىچلىقى ئوپمۇئوخشاشيەنى 10-26كىلوگىرام /كۇب مىتىر . ئامىرىكا ئاستىرونومىيە ئالىمى ھاببىلدىن تارتىپ  بارلىق ئاستىرونوملار شۇنىڭغا قەتئى ئىشنىدىغان بولدىكى  بىزگە يىقىن  تۇرغان يۇلتۇزلارسىسىتىمىسدىن باشقا بارلىق يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇزلار سىسىتىمىسى بىزدىن يىراقلاپ ئۇچۇپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ تىزلىك ئارلىق بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدىغان بولۇپ(بۇ ھاببىل قانۇنى چوڭ پارتىلاش،ئالەم، ئالەمنىڭ تەقدىرى ناملىق تىمىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن .بۇيەردە تەكرارلانمىدى.) بىزدىن قانچە يىراق پىلانىتا بولسا ئۇنىڭ تىزلىكى شۇنچە  يۇقرى بولىدۇ .ئەنئەنىۋى كۆزقاراشلاردا ئالەمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى مۇقىم ھالدائۆزگەرمەيدۇ.پەقەت يۇلتۇزلار سىسىتىمىسى بىزدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتىدۇ خالاس دەپ قارىلاتتى .بىراق كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇ خىل قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى .ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز سوزۇلۇپ كىڭىيۋاتقىنى بوشلۇقنىڭ ئۆزى بولۇپ يۇلتۇزلار پەقەتلا بوشلۇق ھەرىكىتىگە ماس ھالدا ھەرىكەتلىنىپ بىزدىن قەدەممۇ-قەدەم يىراقلىشىپ كەتكەن .
قىسقىچە ئىزاھات :
ئىينىشتىيىن  تەڭلىمىسى :(ئالەم تىنچ تەلىماتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھىلىقى تەڭلىمە رەسىم شەكلىدە ئىكەن. پەستە رەسىم ھالىتىدە قېتىپ قويدۇم. ئالەم تۇراقلىقىنى گىرىك ھەرىپى Λ بىلەن ئىپادىلەيمىز .
WMAP : تولۇق ئىسمى(Wilkinson Microwave Anisotropy Probe) ۋىلكىسون مىكرودولقۇن تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئالەم مىكرودولقۇن تەگلىك  رادىئاتىسىيسى ئۇستىدە يۇقرى ئىنىقلىقتا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىلىپ بارالايدىغان  سۇنئى ھەمراسى بولۇپ  2001-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇپ بىرىلگەن .
يىڭى چوڭ يۇلتۇز (Supernovae): يىڭىدىن پارتىلىغان چوڭ يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،ئۇ ئالەم ئىلمىدە ئىنتايىن كۆپ ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىندۇ .   يىڭى چوڭ يۇلتۇز (Supernovae)نىڭ ئۆزگىرىش ھادىسە ۋە قانۇنىيەتلىرى  14 مىلىيارت يىل ئىلگىرى  پارتىلىغان بۇ ئالەم ھەققىدەئىلىپ بىرىلغان تەتتقىقاتلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئوبىكتىۋى .
ئۇ قىزىلغا يۆكىلىش ھادىسسنى كۆزىتىش ئۆلچەش ئىشلىرىنى تىخىمۇ ئاسانلاشتۇرالايدۇ.
ئىغىرلىق كۈچى لىنزا ئىففىكتى (Gravitational lens): ئىينىشتىيىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھادىسە بولۇپ ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرى ئەتراپىدا دىفورماتسىيلىنىش سەۋەبىدىن نۇرنىڭ چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرى ئەتراپىدا ئىغىش ،ئىگىلىش ھادىسىسى بولۇپ تارتىشىش كۈچى مەيدانىنىڭ بۇ خىل ئىففىكتى ئىغىرلىق كۈچى ئىففىكتى دىيىلىدۇ.
 Quintessence:غۇۋا ئىنىرگىينىڭ يەنە بىرخىل مودىلى، ئالەم يۇقىرى تىزلىكتە كىڭيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پوتنىسىئال ئىنىرگىيىنى تەمىن ئەتكەن ھەرىكەتچان مەيدان . ئۇنىڭ ئالەم تۇراقلىقى بىلەن ئوخشاشمايدىغىنى شۇكى ئۇ ۋاقىت بوشلۇقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ ماددىلارغا ئوخشاش ئۇيۇشۇۋالماسلىقى ئۈچۈن بۇ خىل مەيدان چوقۇم تولىمۇ ئاجىز بولۇشى كىرەك . گەرچە Quintessence ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك بىرەر ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ لىكىن ئوخشاشلا ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىنى چەتكە قىقىشقا بولمايدۇ . ئەگەر ئالەمنىڭ كىڭىيىشى تىزلىنىشى بالدۇر يۈزبەرگەن بولسا ئۇنداقتا بۇ يۇلتۇزلار سىسىتىمىسى ھەرگىزمۇ شەكىللىنەلمىگەن بولاتتى . ھىچ بولمىغاندا شۇنداق دىيەلەيمىزكى ئۇنىڭ شەكىللىنىش پۇرسىتى بولمايتتى.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار