خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرالار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-08-05 10:15

 
ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرالار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن

 
  چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، «ئاندىرويىد ئاتىسى» دەپ ئاتالغان Andy Rubin يىقىندا ياپونىيەدىكى بىر يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاندىرويىدنىڭ ئەسلى پەقەت سىفىرلىق كامېرالار ئۈچۈن ئېچىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى كامېرالار ئۈچۈن «بۇلۇت ساقلاش» مۇلازىمىتى ئۇقۇمى يارىتىپ، كامېرالار تورغا ئۇلانغان ھامان ئىچىدىكى رەسىملەرنى ئاپتوماتىك ھالدا زاپاسلايدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. گۇگېل ئاندىرويىد سىستېمىسىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، كۆچمە ئەسلىھە ساھەسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن، پەقەت بەش ئايدىن كىيىنلا گۇگېل ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتكەن. «بىز ئەينى ۋاقىتتىلا سىفىرلىق كامېرالارنىڭ كەلگۈسى بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان مەھسۇلات ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدۇق، دەسلەپكى قەدەمدە يانفون ساھەسىگە كىرگەندە، بىز ئالدى بىلەن مىكروسوفىتتىن، ئاندىن نوكىيا شىركىتىنىڭ سىمبىيان يانفون سىستېمىسىدىن ئەندىشە قىلغانىدۇق، ئۇ ۋاقىتتا بىز تېخى ئايفوننى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن.»

  گۇگېل كىيىنچە «ئوچۇق كودلۇق يانفون سىستېمىسى لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بىراق، ئۇ يەنىلاJava نى يادرو قىلغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ساقلاپ قالدى. بازار ئىگەللەش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گۇگېل ئاندىرويىد سىستېمىسىنى ھەقسىز تەمىنلىدى شۇنداقلا ھىچقانداق قوشۇمچە ھەق ئالمىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق، گۇگېلنىڭ قىلغىنى ئىنتايىن توغرا ئىدى، نۆۋەتتە ئاندىرويىد سىستېمىسىنى ئىشلەتكۈچى ئەسلىھەلەر سانى بىر مىلياردقا يىقىنلاپ قالدى، Andy Rubin ئالدىنقى ئايدا گۇگېل شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئۇ كەلگۈسىدە شىركەتنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى باشقا كەسپى ساھەلىرىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار