خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

دېھقان كەشپىياتچى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:18



دېھقان كەشپىياتچى

- مەن 2008- يىلىدىن باشلاپ توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان، 2009- يىلى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، 2010- يىلى دۆلەتنىڭ پاتنىت ھوقوقىغا ئېرىشتىم. ئۆز بېشىمىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن تەجرىبىلەردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، ئىنسان ھاياتنىڭ قىممتىنى ئىزدەيدىكەن.  كۆڭلىگە مەلۇم بىر غايىنى پۈكۈپ، توختىماستىن تىرىشىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا، مول ھۇسۇل مېۋىسىگە ئېرىشەلەيدىكەن. مەندەك دېھقاننىڭ بۇنداق كىتابى پاراڭلارنى قىلىشىدىن بەلكىم بەزىلەر ھەيراندۇ. بىراق، مېنىڭ ھايات مۇساپەمدىن چىقارغان يەكۈنىم». كوچا ناھىيىسىنىڭ ئوچا بازىرى داخاللا 1- كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاددى دېھقان توغرىسى «باھار» ماركىلىق توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسىنىڭ كەشپىياتچىسى يۈسۈپ ئاۋۇت بىزگە تەمتىرىمەستىن شۇنداق دېدى.يېقىن يورۇقلار دېھقان كەشپىياتچى دەپ ئاتىۋالغان يۈسۈپ ئاۋۇت كىچىكىدىن تىرىشچان، ئىشنىڭ تېگىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان يېپىشقاق بالا ئىدى. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇ ھەر خىل پەنلەرنى بولۇپمۇ تەبئىي پەن دەرسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگەندى. بىراق، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى ئۇنى ئوقۇشقا ئامالسىز قالدۇرۇپ، دېھقان بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بالىلىق قەلبىدە ئويغانغان ئىشتىياق، ھەۋەسلەر بوشۇكىدىلا تۇنجۇققاندەك بولدى. ئويلىمغاندا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تاساددىپيىلىق يۈسۈپ ئاۋۇتنىڭ قەلىب قاتلاملىرىغا كۈمۈلۈپ كەتكەن گۈزەل ئارزۇلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالدى. ئون نەچچە يىل ئاۋال ئۇلارنىڭ خوشنىسى يۈسۈپ ئاۋۇتنى ئىزلەپ كىرىپ ئىشەنچ بىلەن:- ئۇكام، ھەدېسە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ھەپىلىشسەن، بۈگۈن ماھارىتىڭنى بىر كۆرەي، ماۋۇ رادىيويىمدىن ئاۋاز چىقماس بولۇپ قالدى، ئوڭلاپ بەرگىنە--دېدى. ئوڭشىيالمايمەن، دېيىشتىن نومۇس قىلغان يۈسۈپ ئاۋۇت بىلمىگەنلىرىنى ئېلىكتىر سايمانلىرى رېمونت دۇكىنىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇزۇلغان رادىيۇدىن ئاۋاز چىقاردى. شۇ ئىشتىن كېيىن تۈرلۈك ماشىنا، ئۈسكۈنە، ئېلىكتىر ئەسۋاپلىرى بىلەن ھەپىلىشىش ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسىگە ئايلاندى. تېنىمسىز تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى بىر قىسىم دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ بەزى نازۇك يەرلىرىنى يەنىمۇ ئەپلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقالايدىغان بولدى. خولۇم خوشنىلارمۇ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىدا كاشىلا كۈرۈلسە رىمۇنت دۇكىنىغا بارماي ئۆز يېنىدىكى بۇ ئەپچىل يىگىتنى ئىزدەيدىغان بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچى يۈسۈپ ئاۋۇتقا تېخىمۇ مەدەت بولۇپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتىشمىگەندە كىتاپخانىغا قاترايدىغان بولۇپ قالدى.2007- يىلى قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق بولدى. نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى سۇ تۇرۇبىلىرى توڭلاپ يېرىلىپ كەتتى. نەچچە كۈنگىچە سۇ كەلمىگەچكە، دېھقانلار ئامالسىز باشقا يەرلەردىن سۇ تۇشۇپ ئەكىلىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمەلىي تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن بۇ قىيىنچىلىق يۈسۈپ ئاۋۇتقا ئىلھام ئاتا قىلىپ توڭلىماس سۇ تۇرۇببىسى ياساش ئىرادىسىگە كەلتۈردى. بىراق، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، يىڭى بىلىمنى قۇبۇل قىلىش، يىڭى تېخنىكىغا ئېرىشىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولغان يۈسۈپ ئاۋۇتقا نىسبەتەن بۇ «ئېيتىماققا ئاسان، قىلماق تەس» ئىش ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوچا يېزىلىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش پونكىتى ئۇنىڭ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش بازىسى بولۇپ قالدى. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش پونكىتىدىكى خادىملار ئۇنىڭ بۇنداق تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى چىرتىيوزنى قانداق سىزىش ۋە باشقا موناسۋەتلىك زاپچاسلارنىڭ سېتىلىش ئورنى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. يۈسۈپ ئاۋۇت بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. مۇتەخەسىسلەرگە ئەگىشىپ چىرتىيۇز سىزىشنى ئۆگەندى، ھەر خىل سۇ تۇرۇبىللىرىنىڭ قولايلىق- قولايسىز جايلىرىنى ئىگىلىدى. تېخنىكىلىك قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئۇ يەنە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش پونكىتىدىكى ماتىرىيال ئامبىرىغا بېرىپ موناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئىزدىدى. ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش داۋامىدا ئۇ سىزغان چىرتىيۇژلار نەچچە قۇچاق كەلدى. ئىلگىرى- كېيىن بۇلۇپ تەجرىبىگە 10 مىڭ يۇەندىن ئارتۇق خىراجەت سەرپ قىلدى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دىگەندەك ،100 قېتىمغا يېقىن قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئاخىرى مەيدانغا كەلدى. 2010- يىلى 1- ئايدا يۈسۈپ ئاۋۇت كەشىپ قىلغان توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى دۆلەتنىڭ پاتنىت ھۇقۇقىغا ئېرىشتى، ئۇ بۇنىڭدىن ئالەمچە سۆيۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى ئاچقان بەش خىل مىتال زاۋۇتىدا ئۆزى كەشىپ قىلغان توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئەسۋابىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. ئەمما، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا مەبلەغ چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئامالسىز قېلىشتەك مەسلىگە دۇچ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ ئىنتايىن ئاز بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئەسۋابىنىڭ زاپچاسلىرى كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىۋى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ياساش تەننەرقىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، توڭلىماس سۇ تۇربىسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتتى. ئاممىنىڭ توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشۈنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى تۆۋەن، توڭلىماس ئەسۋابىنىڭ سېتىش مىقدارىمۇ ئانچە كۈڭۈلدىكىدەك بولمىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە كۇچا ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۈكۈمىتى ئۇنىڭغا يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەمەلىي قوللىنىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشنى يۆلەش مەبلىغىدىن 200 مىڭ يۈەن ئاجىرىتىپ بەردى ھەمدە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن يېزىلاردا ئەمەلىي قوللىنلىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرى بويىچە ئالىي ئۇنۋان بىرىپ، 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئېغىر قىيىنچىلقىىنى ھەل قىلىپ، توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئەسۋاپنى ئۆزگەرتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشلىرىنى يېتەرلىك خىراجەت بىلەن تولۇق تەمىن ئەتتى. توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئەسۋابىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىلىك يىراق مۇساپىلىق تەربىيىلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرلىرى كۇچا ناھىيسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى، ھۈكۈمەت تورى ۋە كۈسەن ئاخبارات تور پونكىتلىرىدا سۇ تۇرۇبىسىنىڭ توڭلىماس ئەسۋابىنى تەشۋىق قىلدى. تەشۋىقات بەتلىرىگە رەسىم ۋە خەت كىرگۈزۇپ، توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسىنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. تورنىڭ تەشۋىقات رولىدىن پايدىلىنىپ يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇ كەشىپ قىلغان توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئەسۋابى بىلەن تونۇشتى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە تور ئارقىلىق مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا 3000 دىن ئارتۇق ئەسۋاپنى سېتىپ چىقاردى. ھەر ساھە ھەر تەرەپلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا توڭلىماس سۇ تۇرۇبىسى ئەسۋابىنى ياساش زاۋۇتى تېخىمۇ زورايدى. ھال كۈنى ياخشىلانغان يۈسۈپ ئاۋۇت ئۆزىنى قوللىغان، ئۆزىگە مەدەت بەرگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ ھازىر كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان 8 دېھقان پەرزەنتىنىڭ ھەر بىرىگە  ئايدا 2500 يۈەن ئىش ھەققى بىرىدىكەن. «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دەپتىكەن،-دېدى يۈسۈپ ئاۋۇت بىزنى ئۈزىتىۋېتىپ. - مەن كەنتىمىزدىكى يىراق مۇساپىلىق تەربىيىلەش پونكىتىنىڭ كومپىيوتىرلىرىنى يىڭىلاشقا مەبلەغ چىقاردىم. يەنە بىر قىسىم ئۈستەل، ئورۇندۇقلارنى سېتىۋېلىپ تەقدىم قىلدىم. سەۋەبى- دەل موشۇ بازا مېنىڭ ئارمانلىرىمغا يول ئېچىپ، بېيىش يولىدا دادىل قەدەم بېسىشىمغا ئاساس بولدى ئەمەسمۇ !!. كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلدىغانلىقمنى سۇرامسىلەر؟  كېيىنكى باسقۇچتا زاۋۇتنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يەنە 5 نەپەر دېھقاننى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. ھازىرغىچە ئوچا بازىرىمىزدىكى 50 نەپەر تۆۋەن تۇرمۇش ئائىلىسى ۋە تۆت پىشقەدەملەر ئائىلىسىگە توڭلىماس سۇ تۇرۇبا ئەسۋابىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بەردىم.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار