خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

2012-يىللىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چوڭ ئىشلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2012-12-30 22:22


2012-يىللىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چوڭ ئىشلار


2012-يىللىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چوڭ ئىشلار



    ئامېرىكا ‹‹ئاۋام ئىلمى›› ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 1-ئايلىق سانى (ئالدىن نەشىر قىلىنغان) دا، 2012-يىللىق چوڭ ئىشلار ئېلان  قىلىندى. ئەمدى بىز 2012-يىلى يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم 25 ئىلىم-پەن ھادىسىسىنى قىسقىچە كۆرۈپ ئۆتەيلى:                                    

    1. دەھشەتلىك بوران ‹‹ساندى›› ئامېرىكىنى ئېغىر ھالاكەتكە ئۇچراتتى
    ‹‹ساندى›› نىڭ ئېنېرگىيەسى 140 تىرىليون جوئۇلغا يەتكەن بولۇپ، خىروشىما ئارىلىدا پارتلىغان ئاتوم بومبىسى ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىككى  ھەسسىسىدىن يۇقىرى.

    2. بىيوخىمىيەلىك يېقىلغۇ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلدى
    بۇ خىل ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇسى قىچا (خەردەل، زاغۇن) ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ـــ ئېفىئوپىيە قىچىسىنى %100 مەنبە قىلغان.

    3. فىزىكا ئالىملىرى ئۆلچەملىك مودېل (شەكىل) نىڭ (ئېھتىمال) توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى
    پروتون ئارىلىقىدا سەككىز مىليون قېتىم سوقۇلۇش ئارقىلىق ھىگگس بوسونسى ـــ بىر خىل ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىسى تېپىلدى.

    4. فېلىكس بومگارتېن ستاتوسفېراغا سەكرىدى
    توققۇز مىنۇت توققۇز سېكۇنت سەرپ قىلىندى، ئېگىزلىكى 38.6 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 1342 كىلومېتىرغا يەتتى.

    5. جامېس كامېرون مارىيانا دېڭىز جىلغىسىغا شۇڭغۇپ كىردى
    ئىككى سائەت 36 مىنۇت سەرپ قىلىندى، چوڭقۇرلۇقى 10.9 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 7.56 كىلومېتىرغا يەتتى.

    6. تۇنجى خۇسۇسىي تىجارەت ئالەم كېمىسى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا قوندى
    ئالەم ئۇچقۇچىسى Don Pettit ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىنى چارلاش تېخنىكا شىركىتىنىڭ ‹‹ئەجدىھا›› ئۇچار كېمىسىنى ھەيدەپ بوشلۇققا  يېتىپ بارغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹بوشلۇق پونكىتى خيۇستون (ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي) نى چاقىرىدۇ.  بىز ئەجدىھانىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋالغاندەك تۇرىمىز››.

    7. ئېرسىيەتچانلىققا ئىگە بولغىنى پەقەت ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى (DNA) لا بولماسلىقى مۇمكىن
    باشقا ئالتە خىل قەنتمۇ XNA دەپ نام بېرىلگەن نۇكلېئىك كىسلاتا غول (ئىسكىلىت) ىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى قايتا  تەشكىللىيەلەيدۇ ۋە ساقلايدۇ.

    8. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلمىي تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى
    بەزى ئالىملار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئارىسىدا تارقىلالايدىغان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى ئىشلەپچىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ تۈر  تەتقىقاتىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا قارىتا زادى ئۆچۈرۈلۈشى كېرەكمۇ ياكى بايان قىلىنىشى كېرەكمۇ دېگەن قىزغىن مۇنازىرىسىنى پەيدا  قىلدى.

    9. شىمالىي قۇتۇب مۇز قاپلىمىسىنىڭ كۆلىمى يېڭى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى
    كۆلىمى 2007-يىلىدىكى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن قىممەتتىنمۇ تۆۋەن بولۇپ، 750 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ كەتتى، بۇ سان  ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ كۆلىمىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

    10. ماشىنا ئادەم سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ‹‹تۇرىڭ ئۆلچىشى›› نى تەجرىبە قىلدى
    ماشىنا ئادەم ماھىرنىڭ ‹‹ئادىمىيلىك دەرىجىسى›› %52 بولۇپ، ئىنسان ماھىرنىڭ بولسا ئاران %40.

    11. ئۇزۇن پەيلىك دىنازاۋۇر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس
    ھەتتا ئەڭ قەدىمكى دىنازاۋۇر تۈرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    12. ‹‹كيوتو كېلىشىمنامىسى›› نىڭ ۋەدە مۇددىتى توشتى
    23 دۆلەت بۇلغىمىلارنى ئازايتىش نىشانىغا يەتتى، بىراق 38 دۆلەت نىشانىغا يېتەلمىدى.

    13. ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ئەڭ يۇقىرى سۈنئىي تېمپېراتۇرىنى ئىجاد قىلدى
    سۈنئىي تېمپېراتۇرا 5 مىليارد 500 مىليون كېلۋىن (ئىسسىقلىق بىرلىكى، بىر كېلۋىن 272.15 گىرادۇسقا تەڭ) بولۇپ، قۇياش  تېمپېراتۇرىسىنىڭ 350 مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر.

    14. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوند جەمئىيىتى ئالياسكىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش يېڭى پاراخوتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
    كونا پاراخوتنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40.5 مېتىر ئىدى، يېڭى پاراخوتنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70.6 مېتىر.

    15. ئىتالىيە ئالىملارنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بار دەپ قارىدى
    جىنايىتى: 6.3 بال يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن ئاممىنى تولۇق ئاگاھلاندۇرمىغان.
    جازا مۇددىتى: ئالتە يىل

    16. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلچىگۈچنى تەستىقلىدى
    پەقەت 20 مىنۇت ساقلىسىلا نەتىجىسى چىقىدۇ.

    17. شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتى
    ئامېرىكا گۇگل شىركىتىنىڭ ‹‹ئۆزى ماڭىدىغان ئاپتوموبىل›› ى تاماملىغان مۇساپە 480 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

    18. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈر ئىدارىسى يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىقتىكى فوتو ئاپپاراتنى  سىناق قىلدى
    پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1 مىليارد پىكسېل.

    19. بىر يەر شارى قۇرۇلۇشى ئالىمى بەك تەلۋىلىك قىلغان
    بۇ ئادەم كانادانىڭ برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسى دېڭىز بويى تەۋەلىكىگە 100 توننا تۆمۈر ئۇۋىقى تۆكۈۋەتكەن.

    20. ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئايروپىلانلىرى سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن يېڭى ئۆي تاپتى
    ‹‹ئىلگىرىلەش›› نومۇرلۇق ئايروپىلان كالىفورنىيە ئىشتاتىغا باردى، ‹‹ئاتلانتىس›› نومۇرلۇق ئايروپىلان فىلورىدا ئىشتاتىدا قالدى، ‹‹كارخانا››  نومۇرلۇق ئايروپىلان نيۇيوركقا باردى، ‹‹بايقاش›› نومۇرلۇق ئايروپىلان ۋىرگىنىيە ئىشتاتىغا ماكانلاشتى.

    21. ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى بىيونىكىلىق پۇت دۇنياغا كەلدى
    64% ئىشلەتكۈچى يىقىلىپ چۈشۈش قېتىم سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

    22. ئالىملار مۇز قاپلىمىسى ئاستىدىكى جەنۇبىي قۇتۇب شەرق كۆلىنى بۇرغىلاپ چارلىدى
    بىراق ھازىرغىچە تېخى ھاياتلىق ئىزنالىرى بايقالمىدى، بۇرغىلاپ چارلانغان مۇز قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى 3700 مېتىردىن ئېشىپ  كېتىدۇ.

    23. ‹‹ساياھەتچى›› 1-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى قۇياش سىستېمىسى گىرۋىكىگە يېقىنلاشتى
    يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 مىليارد 300 مىليون كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

    24. ‹‹قىزىقىش›› نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارسقا قوندى
    ‹‹قىزىقىش›› نومۇرلۇق بىلەن بىر قەدەر ئىلگىرى مارسقا قونغان ئاشۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى ئارىسىدىكى ئارىلىق تۆۋەندىكىچە: ‹‹ جاسارەت›› نومۇرلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى 2304 كىلومېتىر؛ ‹‹دېڭىز قاراقچىسى›› 2-نومۇرلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى 3131 كىلومېتىر؛  ‹‹سۇمۇرغ›› نومۇرلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى 5732 كىلومېتىر؛ ‹‹پۇرسەت›› نومۇرلۇق بىلەن 8475 كىلومېتىر؛ ‹‹دېڭىز قاراقچىسى›› 1-نومۇر  بىلەن بولغان ئارىلىقى 9564 كىلومېتىر؛ ‹‹مارستىن يول ئىزدىگۈچى›› نومۇرلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى 9689 كىلومېتىر.

    25. ۋېنېرا (چولپان) قۇياش يۈزىدىن ئۆتتى
    ۋېنېرا قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىدىن بىۋاستە كېسىپ ئۆتتى. كېلەر قېتىملىق قۇياش يۈزىدىن ئۆتۈش ۋاقتى 2117 - يىلى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار