3Dپرىنتېر تېخنىكىسى نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا تۇرتكە بولۇشى مۇمكىن
شىئەندىكى بىر رەسىمخانىدا فوتوگراف رەسىمگە تارتىۋاتاتتى. ئوخشىمايدىغىنى شۇكى بۇ رەسىمخانىدا چۈشكەن رەسىمىڭىز نېپىز بىر پارچە قەغەز بولماستىن، بەلكى بىر سىتېرىئولۇق ھەيكەل بولىدۇ. مەملىكەت بويىچە تۇنجى 3D رەسىمخانىسىدا ئالدى بىلەن ئەسۋابتا ئۈستۈنكى بەدەننىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ تەسۋىرى كۆچۈرىلىدۇ، ئاندىن كۆچۈرۈلگەن تەسۋىر سان سېفىرىدىن كومپىيوتۇر ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك قېلىپى شەكىللەندۈرىلىدۇ، ئاخىرىدا 3Dپرىنتېرى ئارقىلىق ئادەم مودىلى نىسبەت بويىچە بېسىپ چىقىرىلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالاقىدار تېخنىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تېخىمۇ كەڭ كەسىپ قاتلىمىدا ئىشلىتىلىشى كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. تۈرلۈك كەسىپ تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان ئەسلى قېلىپتىكى لايىھىسىمۇ D3 پرىنتېر تېخنىكىسى بىلەن تېز سۈرئەتتە توغرا تاماملىنىدۇ، بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە نازۇك يۇمشاق زاپچاسلارنى ياساش، ئېلېكتىرونلۇق ئىستىمال بۇيۇمى، قۇرۇلۇش، تىببى ئىلمى، ئائىلە بېزەش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدە، ئالايلۇق: ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئەت بىلەن ياسالغان ھەلكەلتاراشلىق بۇيۇملىرى، كارتون كەسپىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]