خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تارىختىكى ئەڭ ھاماقەت 12 چوڭ تېخنىكا

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-11-26 22:44

 

تارىختىكى ئەڭ ھاماقەت 12 چوڭ تېخنىكا

 

تارىختىكى ئەڭ ھاماقەت 12 چوڭ تېخنىكا

 

نۇرغۇنلىغان ئېلىكتىرون ئىستىمال تېخنىكىلىرىنىڭ مەقسىتى ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش بولسىمۇ،لېكىن بەزى تېخنىكىلار ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،قانچە ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە ئالدىراش قىلىۋەتكەن. تۆۋەندە ئامېرىكا <تۇناشتۇرۇش سىزىقى>ژۇرنىلى باھالاپ چىققان تارىختىكى ئەڭ ھاماقەت 12 چوڭ تېخنىكىنى تونۇشتۇرىمىز.

 1.رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنىڭ چاقما لامپىسى

سىز كۆپىنچە رەسىمگە تارتقاندا، يا بولمىسا بەك يېقىن يا بولمىسا بەك يىراق تارتىپ قۇيۇپ، ئاپپاراتنىڭ چاقما لامپىسى سىزنىڭ قولىڭىزغا قول،پۇتىڭىزغا پۇت بولالمايدىغاندەك قىلىسىز. مۇزىكا كېچىلىكىدە رەسىمگە تارتسىڭىزمۇ يەنىلا ناھايىتى سۇس چىقىپ قالىدۇ. 4 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە رەسىمگە تارتقاندا،چاقما لامپا ئارقىلىق تارتىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ناماز شام قارىغۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك چىقىپ قالىدىغان بولۇپ، يىغىلىشتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى گويا قەبرە ئوغرىلاش خاتىرىسىنىڭ ئاساسىي پېرسوناژلىرىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ.ئەگەر قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىسىڭىز،ئۇنداقتا چاقما لامپىنى ئىشلىتىشنى قۇيۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىڭىزنى ئىشلىتىڭ.

2.ئالما شىركىتىنىڭ تېلىۋىزور تىزگىنىكى

ئالما شىركىتى نېمىشقا iOS مەشغۇلات سېستىمىسى ئۈچۈن تىزگىنەك قوللىنىش پىروگراممىسى تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولغىيدى؟ئەلۋەتتە،ئالما شىركىتىنىڭ تىزگىنىكى ناھايىتى تېزلا يەر شارىدىن يوقاپ،ئاندىن سافانىڭ يوچۇقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.يوقالمىغان تەقدىردىمۇ،بۇ تىزگىنەكلەر كۈتمىگەن يەردىن iTunes نى ئېچىپ ياكى ئېتىپ يۈرىدۇ،ياكى پىرويىكسىيە پىليونكىسىنى قويىدۇ.

 

3.CD/DVD پىلاستىنكىسى

ئوپتېك قوزغاتقۇچ بولسا ئەڭ يېڭى يۇمشاق دېسكا قوزغىتىش ئوسۇلى بولسىمۇ،لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى خاتىرە كومپىيوتېر ۋە MacBook Air نىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ،CD/DVD ROM قوزغاتقۇچىسى سۈرئەت تېزلىتىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،بەزى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى يەنىلا ئوپتېك دېسكا ئارقىلىق يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە،بارماق دېسكىدەك ھەم ئەرزان ھەم قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ئوپتېك سېسكىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ.

4.توك ئوچاق

توك ئوچىقىنىڭ نۇرغۇن سىفىرلىق كۇنۇپكىلىرى بارلىقىدا چاتاق يوق،لېكىن سىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تاماق ئەتكەن،تۇخۇم قورۇغاندا،ئوت يالقۇنىنى كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا،تاماقنىڭ پىشقان پىشمىغانلىقى سىزگە نىسبەتەن بىر تېپىشماققا ئايلىنىپ قالىدۇ.سىز توك ئوچاقنىڭ تەبىئىي گازدىن تېخىمۇ قولايسىزلىقىغا ئىسپات تاپماقچىمۇ؟سىز خالىغان بىر رېستۇراننىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ قاراپ بېقىڭ،ئۇلاردىن قانچىسى توك ئوچاق بىلەن تاماق ئېتىدىكىن؟

5.Adobe Flash قويغۇچىسى

نۇرغۇن يىل ئىلگىرى،Macromedia ئىسىملىك بىر شىركەت Flash يۇمشاق دېتالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئىشلەتكۈچىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ساقلىنىش سىغىمچانلىقى كىچىكرەك بولغان كارتون ۋە ئويۇن قاتارلىقلارنى قۇراتتى.ئۇ چاغلاردا تور سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ،تور باھاسىمۇ قىممەترەك بولغاچقا،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرغان ھەم قوغدىغانىدى.لېكىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە،Adobe Flash كومپىيوتېردىكى ئەڭ ئادەمنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان نەرسە بولۇپ قالدى.تور زىيارەتچىسى ۋە كومپىيوتېر ئۇ تەرىپىدىن ۋەيران بولىدۇ،كومپىيوتېرنىڭ شامالدۇرغۇچى ئۇ بولغاچقا،خۇددى قارا بوران چىقىدىغاندەكلا ساراڭلارچە ئايلىنىدۇ،ئەڭ يامىنى شۇكى،بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئورنى يوق.HTML5,H.264 قاتارلىق تېخنىكىلارلا ئەڭ يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالغۇسى.

6. Hornit ۋېلىسپىت قوڭغۇرىقى

بۇ 140دېتسىبىللىق ۋېلىسپىت قوڭغۇرىقى بولۇپ،ئەسلىدە ماشىنا قوڭغۇرىقىغا ئوخشاش،جىددىي ئەھۋاللار ئۈچۈن لايىھىلەنگەنىدى،ھازىر بۇ قوڭغۇراق پاپ پاپ قىلغان ئاۋازى ئالدىدىنى توسۇۋالغان ئادەمنىلا ئەمەس،بەلكى يولدىن ئۆتكۈچىلەر،ئىت ۋە جاڭيۇ ئالغىلى چىققانلارنىمۇ قورقۇتۇپ جېنىنى ئالىدىغان بولدى.

7.يانفون كۆك چىشلىق نائۇشنىكى بۇ پەقەت تەجرىبىگىلا تايانغان خۇلاسە ئەمەس،ناۋادا سىز ماشىنىدىن چۈشسىڭىز ياكى ئىشخانىڭىزدىن ئايرىلسىڭىز،ئەڭ ياخشىسى يانفونىڭىزنىڭ ئېتىۋىتىڭ.ھېچكىم سىزنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىڭىزنىڭ ئاڭلاشنى خالىمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئۆزىچە سۆزلەپ كېتىش باشقىلارنى ساراڭ قىلىپ قويىدۇ،بۇ نىڭ ئىلمىي ئاساسى بار.يەنە كېلىپ،يانفوننىڭ كۆك چىش نائۇشنىكى ئىشنى تېخىمۇ بۇزىدۇ،چۈنكى سىزنىڭ بىر قولىڭىز قۇلاقتا بولغاچقا،ھېچبولمىغاندا باشقىلار سىزنىڭ تېلىفون سۆزلىشىۋاتقىنىڭىزنىڭ بىلىدۇ.

8.ئېلىكتىرونلۇق گىتار
كەسىپ ئەھلىنىڭ قولىدا،گىتار بولسا مۇزىكا،ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق ئارلىشىپ كەتكەن گۆھەر.لېكىن چوڭ كوچىدىكى ئېلىكتىرونلۇق گىتار ئويناۋاتقان بالىنىڭ قولىدا،گىتار بولسا بىر مۇزىكىنى تەكرارلاۋېرىدىغان،قىلچە مەىنىسى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

9.يۇپۇرماق پۈۋلىگۈچ سىزنىڭ ئۆيىڭىز بىر پارچە ئورمانلىقنىڭ ئارىسىدىمۇ؟تۈنۈگۈن بىر پارچە قويۇن ئۆيىڭىزنىڭ ئارقا ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ ئۆتكەنمۇ؟يەر يۈزىنىڭ ھەممىلا يېرى دەرەخ شېخى ۋە تۆكۈلگەن يۇپۇرماقلار بىلەن توغانمۇ؟ئۇنداقتا، دەرھال بىر تىرنا تېپىپ سۈپۈرۈڭ.يۇپۇرماق پۈۋلىگۈچنىڭ ئازراقمۇ رولى يوق بولۇپ،ھەتتا بەزى جايلارنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئۇنى ئىشلىتىش قانۇنسىزلىق،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ.

10.ئېكران يۈزى ھەرپ كۇنۇپكا تاختىسى 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا،كومپىيوتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى شەكىل جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولغان بولۇپ،بىز قارىغاندا ئۇنىڭ ئىشلىتىش تۇرقىغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمىز.لېكىن سىز ئالما شىركىتىنىڭ تېلىۋىزورى ۋە مىكروسوفت شىركىتىXbox 360 ئويۇن ئويناش ماشىنىسىغا ئورنىتىلغان كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟بۇنداق ئوچۇقتىن ئوچۇق ئابونتلار بىلەن قېرىشىپ نىمە قىلار ئۇلار؟

11.Wall Wart ئالماشتۇرۇش ماسلاشتۇرغۇچىسى Wall Wart ئالماشتۇرۇش ماسلاشتۇرغۇچىسى ئۇلاش تاختىسىدا ئىككى روزىتكىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالىدۇ.

12.توك سىمى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بىز سىمسىز HDMI ئېغىزى ۋە سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسى دەپ جار سېلىپ كېلىۋاتىمىز.لېكىن بىزنىڭ ئۈسكۈنىلىرىمىز يەنىلا توك سىمىغا تايىنىپ كېلىۋاتىدۇ.توك سىمى ھەقىقەتەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان نەرسە بولۇپ،لېكىن ۋاز كېچىش يەنىلا بىزگە سەل ئېغىر كېلىدۇ.لېكىن سىمسىز تېخنىكىسى سودىگەرلىرى بىزنى ئەخمەق ئەتمەي،تېخنىكاڭلار پىشىپ يېتىلگەندە،ئاندىن كېلىپ تەشۋىق قىلساڭلار بولمامدۇ؟

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار