ئالەم بوشلۇقىنىڭ پۇرىقى قانداق؟ بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرىنى ئويلاندۇرۇۋاتقان قىيىن سوئال. ئىنسانلار گەرچە ئالەم بوشلۇقىغا چىقالىغان بولسىمۇ، ئالەم بوشلۇقىنىڭ پۇرىقىنى تەسۋىرلىمىكى ناھايىتى تەسكە توختىغان.
ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇتەخەسسىسى مەخسۇس ئالەم بوشلۇقىنىڭ پۇرىقىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان خېلى كۆپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئىگىلەش ئارقىلىق، ئاخىرى مۇنداق بىر نەچچە خىل بىرلىككە كەلگەن قاراشقا ئىگە بولغان. ئۇ بولسىمۇ ئالەم بوشلۇقى كاۋاپ كۆيۈپ كەتكەندىكى ۋە مېتالنى كۆيدۈرگەندىكى پۇراق، سېسىق ئوكسېگىن گازىنىڭ دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇرىقى ياكى روممىي ھارىقىغا ئوخشاش سۇس ھاراق پۇرىقى پۇرايدىكەن. ئۈچ قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى توماسنىڭ ئېيتىشىچە، ئالەم بوشلۇقىدىن سېسىق ئوكسېگىن گازى پۇرايدىكەن. بۇ پۇراق ئىلگىرى ئۇنى يۆتەل قىلىپ قويغاچقا، بۇ پۇراق ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىكەن. بۇ پۇراق ئوق - دورا ۋە گۈڭگۈرتنىڭ پۇرىقىغىمۇ ئوخشايدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]