خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ياساپ چىقىلدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-11-26 22:37

 

«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ياساپ چىقىلدى


«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ياساپ چىقىلدى

«كۈندىلىك تېلېگىراف گىزىتى» نىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيەلىك 73 ياشلىق بىل برودى ئىككى يىل بۇرۇن سەكتە بولۇپ قېلىپ سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان، ھازىر بولسا ئۇ شېفىيىر ئونۋېرىستېتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «گەپ قىلالايدىغان پەلەي» نىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، ئۇ بۇ پەلەي ئارقىلىق قول ئىشارىتىنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئاددىي ئالاقە قىلالايدىغان بولغان.

ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، برۇدى سەكتە بولغاندىن كىيىن كومپىيوتىر ئىشلەتمەكچى بولغان، بىراق ئىشلىتىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئاۋارگەرچىلىكلەرگە يولۇققان. كىيىن ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەرپ جەدىۋىلىدىن ھەرپلەرنى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ سۆز ھاسىل قىلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولغان. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ يۇقارقى «ئەقىللىق» پەلەينى ئىشلىتىشنى باشلىغان، ھازىر بولسا 20 دانە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تاق سۆزنى ۋە سۆز بىرىكمىسىنى ئۈگىنىۋالدى، ئۇ ئۇسسىغان ۋاقىتتا ۋە ياكى ھاراق ئىچكىسى كەلگەندە ئۆزىنىڭ «گەپ قىلالايدىغان پەلەي» ى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك قول ئىشارىتىنى قىلىپ ئاندىن پەلەيدىن چىققان ئاۋاز ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە مەقسىتىنى بىلدۈرەلەيدۇ.

«گەپ قىلالايدىغان پەلەي» نىڭ سىرتىدىن قارىماققا ئادەتتىكى خۇرۇم پەلەيگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، بىراق ئىچكى قىسمىدا يەتكۈزگۈچ ۋە سەزگۈر سىنزور تاقىغۇچىنىڭ قول ئىشارىتىنى پەرق ئىتەلەيدۇ ۋە دەرھال بىر خىل مىكرو تىپتىكى كومپىتوتىر بىر تەرەپ قىلغۇچىغا يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر قول ئىشارىتىگە ماس كىلىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان سىستىما بويىچە قول ئىشارىتىنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە تۈزۈتىدۇ، ئاخىرىدا ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان ئاۋاز ۋە ياكى كومپىتوتىر ئاۋازى بويىچە ئاۋاز چىقىرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاقىغۇچى قورسىقى ئاچقاندا ۋە ياكى ئۇسسىغاندا ئۆيدىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالايدۇ، بۇ پەلەي يەنە تېخى ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سورىيالايدۇ ۋە «رەھمەت» دىيەلەيدۇ.

تەتقىقاتچى خادىم مۇنداق دېدى: بۇ پەلەي ئوخشىمىغان 1000 خىل سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرالايدۇ. ھەربىر پەلەينىڭ تەننەرخى 700 فونىستىرلىڭ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئۈچ ئۇنسىيە، باتارىيە تەمىنلىگەن توك بىلەن بۇ پەلەينى بىر ھەپتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەر بۇ پەلەيگە ئىجاد قىلىش پاتىنتى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە مۇشۇ پەلەينىڭ ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ياساپ چىقىپ، بازارغا سېلىپ سۆزلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئاز-تولا مۇلازىمەت ۋە ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كەلگۈسىدە بۇ پەلەينىڭ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن، بۇ پەلەينى قول تېلېفۇن ۋە كومپىيوتىر بىلەن ئۇلىغىلى بولىدىغان قىلماقچى. ھەرخىل خاراكتىرلەرنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ سىرىتتا ئىشلىتىش ۋە ياكى ئۆيدە ئىشلىتىشنى تاللىسا ۋە خالىغانچە ئۆزگەرتسە بولىدۇ ۋە شۇ رايۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكەن سۆزلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان برۇدى بۇ پەلەينى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كىيىن ئۇ تاشقى دۇنيا بىلەن تېخىمۇ قۇيۇق ئالاقە قىلالايدىغان بولغان. ناھايىتى ئېنىقكى «ئالاقە» قىلالايدىغان بۇ پەلەي سۆزلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا ئىگە قىلالايدۇ.

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار