خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇسۇلمانلارنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتىنى كىم بىلىدۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : قاش2012-09-28 15:57

مۇسۇلمانلارنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتىنى كىم بىلىدۇ؟
     جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتىنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 چوڭ كەشپىياتىنى سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئەڭ يېقىن بولغان بۇ كەشپىياتلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان يېرى دەل مۇسۇلمان پادىشاھلىقلىرىدۇر.
     بىرىنچى، تاشقى كېسەل ئوپېراتىسىيىسى:
     مىلادىيە 1000-يىلى ئەل زەھرەۋى (Al Zahrawi) شىپاخانىسى 1500 بەتلىك قىستۇرما سۈرەتلىك تاشقى كېسەل ئوپېراتىسىيىسى قامۇس كىتابى نەشىر قىلىنغان. كېيىنكى 500 يىل داۋامىدا، بۇ كىتاپ ياۋروپالىقلارنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەل زەھرەۋى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ، قوساقنى يېرىپ بالىنى ئېلىش ئوپىراتىسىيىسى ئېلىپ بارغان دوختۇر ئىكەن، ئۇ يەنە قىسقۇچنى كەشىپ قىلغان.
  ئىككىنچى، قەھۋە:
         غەرپلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇ ئىچىملىك 9-ئەسىردە يەمەندە پەيدا بولغان. 13-ئەسىردە تۈركىيىگە تارقالغان، ئەمما 16-ئەسىرگە بارغاندا ئاندىن ياۋروپاغا يېتىپ بارغان، يەنى ۋېنىتىسىيەلىك سودىگەرلەر ئىتالىيىگە ئېلىپ بارغانىكەن.
  ئۈچىنچى، ئۇچقۇ:
ئابباس ئىبىن فىرناس (Abbas ibn Firnas) تۇنجى بولۇپ ئۇچقۇنى ياساشقا تەرەددۇتلانغان كىشى. 9-ئەسىردە ئۇ قانىتى بار بىر ئۈسكۈنىنى لايىھىلىگەن. ئۇنىڭ تاشقى قېپى قۇشلارغا ئوخشايدىكەن.
 تۆتىنچى، ئۇنىۋېرسىتىت (خەنزۇچە داشۆ دەپ كۆنۈپ كەتتۇق)
 مىلادى 859-يىلى فاتىمە ئەل فىرخى (Fatima al-Firhi) ئىسىملىك ياش مەلىكە ماراكەشتە تۇنجى بولۇپ ئۇنۋان تارقىتىدىغان ئۇنىۋېرسىتىت قۇرغان. ئۇنىڭ سىڭلىشى مىرىيام  Miriam ئۇنىۋېرسىتىقا بىر تام قوشنا قىلىپ مەسچىت سالغان. بۇ ئىككى جاي دەل بۈگۈنكى كۈندىكى ئەل قەرەۋىيىن مەسچىتى ۋە ئەل قەرەۋىيىن ئۇنىۋېرسىتىدۇر.
    بەشىنچى، ئالگېبرا:
ئالگېبرا دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە بىر پارس ماتېماتىكنىڭ 9-ئەسىردە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىدا كۆرۈلگەن. تەخمىنى تەرجىمىسى «ئەقلى يەكۈن ۋە تەڭپۇڭلۇق» تۇر.
    ئالتىنچى، نۇر ئىلمى:
    مىلادىيە 1000-يىلى ئەتراپىدا ئىبن ئەل ھېيتەم Ibn al-Haitham ئادەمنىڭ جىسىمدا نۇر سىزىقلىرىنىڭ ئىنكاسى بولغانلىقى ھەم ئۇنىڭ كۆزگە كىرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ئوگلىد ۋە تورېمىنىڭ ئادەمنىڭ كۆزى نۇر سىزىقى تارقىتىدۇ دېگەن يەكۈنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.
      يەتتىنچى، مۇزىكا:
      ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپاغا تارقالغان چالغۇلار ئىچىدە روت ئىسكىرىپكىسى ھازىرقى ئىسكىرىپكىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. نوتىمۇ ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەرەب ئېلىپبە جەدىۋىلىدىن كەلگەنىكەن.
      سەككىزىنچى، چىش چوتكىسى:
      مىلادىيە 600-يىللىرى سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم (پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) چىش چوتكىسى ئىشلىتىشنى كېڭەيتكەن ئىكەن.
      توققۇزىنچى، جەينەكلىك ئوق:
ھازىرقى زاماندىكى ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلارنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلىتىلگەن. ئىنقلاب خاراكتېرلىك شاتۇننى ئۇلايدىغان جەينەكلىك ئوقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەل جەزەرى Al-Jazari 12-ئەسىردە بۇ تېخنىكىنى كەشىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋېلىسپىتتىن تارتىپ ئىچكى يېقىلغۇلۇق ماشىنىلارغىچە جەينەكلىك ئوق كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن.
     ئونىنچى، دوختۇرخانا
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى دوختۇرخانا 872-قۇرۇلغان مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئەھمەد ئىبىن تولۇن دوختۇرخانىسىدۇر. بۇ دوختۇرخانا داۋالاشقا موھتاج بولغان بارلىق كىشىلەرنى ھەقسىز داۋالىغان، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق مېيىپلارنى قۇتقۇزۇشتەك ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
قاش تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-27 16:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-09-28 16:09