خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئادەم بەدىنىدىكى راكقا قارىشى ئېلېمېنتلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 6352412012-04-08 19:04

ئادەم بەدىنىدىكى راكقا قارىشى ئېلېمېنتلار



 

ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلەردىن تەكىب تاپىدۇ. ھۈجەيرىلەر بولسا ئېلېمېنتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ ياشايدۇ. مەلۇم خىل ئوزۇقلۇقنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلىش ھۈجەيرىدىكى بەلگىلىك دەرىجىدىكى مەلۇم ئېلېمېنتنى كۆپەيتىۋىتىپ، بەزى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى، ئاستا خاراكتېرلىك راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم ئېلېمېنتلار بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئادەم بەدىنىدە دېزىنفېكسىيىلەش رولىنى ئوينىسا، بىر قىسىملىرى ئادەم بەدىنىدە  ئۇزاق يىل ساقلىنىپ، ئورگانىزىملارنى زەھەرلەپ، ھەر خىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما بىلىق تىنىدە كادمىي ئېلېمېنتنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، بىلىم ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەكنى زەئىپلەشتۈرىدۇ، چۈنكى كادمىي بۆرەكتە 35 يىل ساقلىنىدۇ. مەرگىمۇش (ئارسىن ئوكسىد دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەركىبىدىكى ئارسىن مەتبەئە مېيى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە بولۇپ، بۇ خخل ئېلېمېنت ئادەم بەدنىدە كۆپ توپلىشىپ قالسا بەزگەك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قىسىم ۋىتامىنلارمۇ ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلىنسا ،ئادەم ئورگانىزىمدا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ ،قېرىشنى تېزلىتىش كاتالىزاتورى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، مىۋە، كۆكتاتلاردا مول بولغان ۋىتامىن C ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلىنسا، سۆڭەكنى ئوكسىدلاپ، قىرىشنى تىزلىتىدۇ.


 

ئادەم بەدىنى كۆپلىگەن ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارىنى ئاپتوماتىك تەبىئىي كونترول قىلسىمۇ، لېكىن زىيادە قوبۇل قىلىنىش تەپەيلىدىن بىر قىسىم ئېلېمېنتلار بەدىنىدە چۆكمە ھاسىل قىلىپ، ھەر قايسى ئەزالارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان ئېنزىمى ئاقسىلى تەركىبىدە ئاقسلنى تۈزگۈچى تەركىب ئازوت بولسىمۇ، لېكىن ئازوتنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە راكنى پەيدا قىلالايدۇ. ھۈجەيرىلەر ھامان ئېلېمېنتلار (ئاددىي ماددىلار) غا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئادەم كۈنىگە 60 خىل ئەتراپىدا ئېلېمېنتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا بىرلىكتە مەۋجۇت بولالماي چۆكمە پەيدا قىلىدىغان ئېلېمېنتلاردىن نەترىي، خىلور، كاربونات قالدۇقلىرى، كالتسىي، بارىي، سىماب، كادمىي، قوغۇشۇن، گۈڭگۈرت قاتارلىق ئېلېمېنتلار بولۇپ، بۇ خىل ئېلېمېنتلار كۆپ بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ يېمەسلىك كېرەك. ھەر بىر ئېلېمېنتنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.


 

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان راكقا قارشى ئېلېمېنتلاردىن مانگان، سېلىن، مىس مولبدېن قاتارلىقلار بار.


 

مانگان: ئېنزىم رىئاكسىيىسىنىڭ كاتالىزاتورلۇق ماددىسى بولۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسىلنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشنى تىزگىنلەيدۇ، چۆكمە ھاسىل قىلىۋاتقان ماددىلارنى پارچىلايدۇ. راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئاستىلىتىدۇ.


 

سېلىن : رادىئوئاكتىپ نۇرنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تىز ئوكسدلىنىپ قىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


 

مىس: بەدەندىكى ھەر خىل تەسىرلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈش، ھۈجەيرىنى دېزىنفېكسىيىلەش رولىنى ئوينايدۇ.


 

مولىبدېن: بەدەندە كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن بىرىككەندە مولبىدات كىسلاتا تۇزلىرىنى، كومپلېكس بىرىكىمىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، تەدىرىجىي پولمېرلىشىپ ئىزروپولى كىسلاتا ئانھىدرىدىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىزوپولى كىسلاتا ھۈجەيرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ، ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشنى كونترول قىلىپ تەڭشەيدۇ.


 

بۇنىڭدىن باشقا كۆمۈش، ئالتۇنلارمۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ھۈجەيرىلەردە ساقلانغان بىر قىسىم زەھەرنىڭ ماددىلارنى دېزىنفېكسىيىلەش ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممۇنتېتلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پلاتىنا (ئاق ئالتۇن)، نىئوبىي ۋە تانتال ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قىرىشنى كىچىكتۈرىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03